تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن <<شىپائىي قەلب>> پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنىنىڭ ھەمكارلىقى باشلاندى
كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت رېتىمىنىڭ كۈنسايىن تېزلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا كېلىدىغان تۈرلۈك بېسىملارمۇ كۆپىيىپ بارماقتا. تۈرلۈك بېسىملارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەردە پىسخىكىلىق بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. مانا مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن ئاپتونوم رايوندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېكەت تەڭرىتاغ تورى تور بەتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزگە پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى ئاسىيە ھېكىم مۇئەللىم قۇرغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن <<شىپائىي قەلب>> پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىك مەسىلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئورنى بىلەن ھەمكارلاشتى ھەمدە مەزكۇر ئورۇن بىلەن <<پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرى>> بويىچە يۈرۈشلۈك لېكسيەنى يولغا قويدى. شۇنداقلا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاددىيىغىنە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ يۈرۈشلەك لېكسيەنىڭ تۇنجى قېتىم سۈرەتكە ئالدى. بۇ ھەمكارلىق تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ تەرەققىيات يولىدا باسقان بىر قۇتلۇق قەدىمى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش يولىدا باسقان ئەھمىيەتلىك قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكىسى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئورنى، <<شىپائىي قەلب>> پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئورنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن <<پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرى>> يۈرۈشلۈك لېكسىيەنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى
|