تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1183|ئىنكاس: 45

قاسىم سىدىق:"ئېن"نىڭ غەيۋەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1756

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
464
مۇنبەر پۇلى
1178
ئىشەنىچ
464
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 13:41:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئېن"نىڭ غەيۋەتلىرى
قاسىم سىدىق

     "غەيۋەت"دىسە ھەممە ئادەم ياخشى بولمىغان پېسخىك ھالەت،ناچار مەھسۇلات،دەپ ئويلىشىدۇ.لىكىن،دۇنيادا ھۇزۇرلۇق،ئىلمى، سۆيۆملۆك ۋە ئۇماق "غەيۋەت"لەرمۇ بولىدۇ.بۇنداق "غەيۋەت"لەر كىشىنى تەپەككۆرگە ئۇندەيدۇ."جەڭگاھ"قا چىللاپ ،كىشىدە جاسارەت ۋە قەھېرمانلىق تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ.بۇنداق "غەيۋەت"لەر كىشىلەرنىڭ شۇ غەيۋىتى قىلىنىۋاتقان نەرسە ئۆستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقنىڭ ئىنكاسى.ئەلۋەتتە پىكىر قىلمايدىغان كاللىدىن ،پىكىر قىلىدىغان كاللا مىڭ ھەسسە ئەلا!.
    شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنىغان،ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولمىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە "ئېن"ئۆستىدە قىلىنغان "غەيۋەت"لەر مانا مۇشۇنداق ئۇماق ،سۆيۆملۆك "غەيۋەت"لەر جۆملىسىدىندۇر.
"ئېن"ئۆستىدىكى كۇز كۇرۇپ،قۇلاق ئاڭلاپ قالغان غەيۋەتلەر ۋە ئۇلارغا قايتۇرغان ئىنكاسىم تۇۋەندىكىلەر:
بەزىلەر «ئېن» مەۋجۈت ئەمەس دەپ پەرەز قىلىدىكەن.بۇنداق دىيىش بىنانى ئۇرە قىلغان كېسەك مەۋجۈت ئەمەس،دىگەندەكلا بىر گەپ.ماددا چەكسىز پارچىلانسا بۇنداق بىنانىمۇ يوق،دىيىشكە توغرا كېلىدۇ.چۈنكى قۆيۆلمىغان كېسەكتىن بىنا سالغىلى بولمايدۇ.شۇنداقلا بۇ چەكسىز پارچىلاردىن بىنا سىلىش ئۈچۈن چەكسىز ۋاقىت تەلەپ قىلىنىدۇ.ئاسمان جىسىملىرى ۋە بىزنىڭ مەۋجۈتلىكىمىز بۇنداق «چەكسىزلىك»لەرنى ئىنكار قىلىدۇ.چۈنكى جىسىملار ۋە بىز(ھاياتلىق)چەكلىك تەركىپ ۋە چەكلىك ۋاقىتنىڭ مەھسۇلى.
     يەنە بەزىلەر«ئېن»نى كۈزەتكىلى بولمايدۇ،دەپ بۇ پەرەزگە قارشى چىقىشىدۇ.«كۇزەتكىلى بولماسلىق»ئېننىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى بولالمايدۇ.بىز ھازىرغىچە گىراۋىتۇننى كۇزىتەلىگىنىمىز يوق.ۋېنبېرىگ گىراۋىتوننىڭ تېپىلماسلىغى گىراۋىتونغا ئالاقدار سېستىمىلىق نەزەريىنى تىكلىمەسلىكنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ،دەپ ئۇزۇپ ئېيتىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىردىلا كۇزەتكىلى بولمىغان تالاي نەرسىلەر ھازىركۇزىتىلىۋاتىدۇ،بايقىلىۋاتىدۇ.ئىنسانلارنىڭ تېخنىكا چەكلىمىسىنى ئەقىلنىڭ ،رىياللىقنىڭ چەكلىمىسىگە ئايلاندۇرىۋىلىشقا بولمايدۇ.نەزەريە دىگەن نەزەريە.نەزەريەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى ،ئۇنىڭ لوگىكىلىق زىددىيەتكە ئىگە بولماسلىغىدا.ئۇنىڭ ئۆستىگە"كۇزۇتۇش"نىڭ ئۇسۇللىرى يالغۇز بىرلا ئەمەس.مۇئەييەن نەرسىنىڭ مەۋجۈتلىگىنى پەقەت ئۇنى بېۋاستە كۇرۇش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ،دىسەك خاتالىشىمىز...ئۇنى بىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار.....
    تارىخى خېلى ئۇزۇن، مەملىكەت ئىچى سىرتىغا تارالغان يەنە بىر قاراش بار،ئۇ بولسىمۇ ماددا(ماسسا - ئىنىرگىيە) زامان -ماكاندىن پەيدا بولغان ، دېگەن قاراش. بۇنداق قاراش سېپى ئۇزىدىن ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرىۋىلىشنىڭ نەتىجىسى.«زامان-ماكان»ئۇزى نېمە؟ھازىرقى زامان تەبىئەت پەنلىرى ۋە پەلسەپەسىدە بۇ ھەقتە تالاش -تارتىش كۆپ.
    ئەقەللىيسى«زامان»بىر ئۇلچەملىك رىياللىق،دەپ قارىلىدۇ.ماددا ۋە ھەركەت بولسا ئۈچ ئۇلچەملىك رىياللىق.ئوبىكتىپ رەۋىشتە مەۋجۈتلىگى ئىسپاتلانمىغان نەرسىنىڭ قانداق قىلىپ ئوبىكىتىپ ماددىنى تەۋەللۆت قىلىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن.بۇنداق قاراشتىكىلەر ئالدى بىلەن"زامان دىگەن نىمە؟"دىگەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشى كېرەك.
يەنە مەن ئاڭلىمىغان كۇرمىگەن قانداق"غەيۋەت"لەر بار،يۇز تۇرانە دىيىلىدىغان يەنە نىمە گەپلەر بار؟،ئوتتۇرىغا قويايلى.
2013.10.8

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

431

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
204
مۇنبەر پۇلى
227
ئىشەنىچ
204
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 16:45:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامان دىگەن نىمە؟........................................

بۇ سۇئالنىڭ سالمىقى مەن ئۈچۈن بەكلا ئېغىر،  

مەن تەغدىرگە ئىشىنىمەن،تەغدىرنى ئىنچىكىلەپ ئويلىنىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقىمەن، لېكىن ، دەل مۇشۇ زامان ئۇقۇمىغا كەلگەندە قىينىلىپ توخىتاشقا مەجبۇر بولىمەن، ئىسلام دىننى ئالىملىرى «زامان ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر »دەيدۇ،   مۇشۇ زامان توغرىسىدا قايىل قىلارلىق بىر جاۋاب چىقسا دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم.

«مەخلۇق»دىگەن ئىكەن،ئۇمۇ بىر  ئوبىيكتىپ تۈزۈلۈشكە ئىگە بولىشى كېرەك، لېكىن كەچ بولىدۇ،تاڭ ئاتىدۇ،بىز كۈندىن كۈنگە قېرىيمىز،ئەمما بۇ زاماننى قول بىلەن تۇتقىلى،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىسا؟؟؟؟؟

كەچۈرۈڭ، نۇرغۇن خىياللىرىم بار،خۇددى كىچىك باللاردەك، مەسخىرە قىلماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.....

24

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1756

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
464
مۇنبەر پۇلى
1178
ئىشەنىچ
464
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 18:42:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇر. يوللىغان ۋاقتى  2013-10-8 16:45
زامان دىگەن نىمە؟........................................

بۇ سۇئالنىڭ سا ...

سىز ياخشى تەپەككۈر قىلىدىكەنسىز.

24

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1756

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
464
مۇنبەر پۇلى
1178
ئىشەنىچ
464
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 18:44:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقى مەنىدىكى ،تۇزۇلۈشكە ئىگە بولمىغان ئاساسى زەررىچە مەۋجۈت ،دىگەن بۇ قاراشنى 2500يىل ئىلگىركى يۇنانلىق لېئوكىپپۇس،دىمۇكىرىتلار ئوتتۇرىغا قويغان. نورغۇنلىغان كىۋانىت فىزىكىسى ئالىملىرى بۇنداق زەررىچىنىڭ بارلىغىغا ئىشىنىدۇ.مۇشۇنداق پەلسەپەۋى ئىدىيە بولمىسا كۋانىت فىزىكىسى مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى.

24

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1756

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
464
مۇنبەر پۇلى
1178
ئىشەنىچ
464
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 20:58:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-8 21:28  

بولمىسا كىرپىش -كېسەك،بۇ كاتتا بېنا نە قىلۇر،
دانە -دانە تامچىسىز ئوكيانۇ -دەريا نە قىلۇر؟!.

تاۋۇشى،ھەرىپلىرىدىن بولدى قامۇسلار ئۆرە،
قالسا كەم بىر تاۋۇشى قامۇستا مەنا نە قىلور؟.

ئۇ قوياش جىلۋەسىدە زەررىلەر سالغان ساما،
زەررىسىز زۇلمەت ئېرۇر _ نۇرى -زىيا نە قىلۇر؟!.

بىر ئېلاھقا خاس سۈپەت ئۇشبۇ"چەكسىزلىك"ھامان،
بولسا چەكسىز مەخلۇقى ئېلاھى دۇنيا نە قىلۇر؟!.

بولما مەغرۇر ئەي ئەقىل،كۇپ ئېرۇر كەمتۆك يېرىڭ،
ئەقلى كەمتۆك بولمىسا ئادەمۇ -ھاۋا نە قىلۇر؟.

ئەي ھەكىم،لاپ ئورمىغىن،يەتتىم كامالەتكە دېبان،
بولسا سەندە شۇ مەقام، سىر -مۇئەمما نە قىلۇر؟!.

_ قاسىم سىدىق
2013.10.8

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 23:08:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-10-8 20:58
بولمىسا كىرپىش -كېسەك،بۇ كاتتا بېنا نە قىلۇر،
دانە -دان ...

xeergiz  yusup has ajapdak qikptu...palsapa we  xerlardin ozor aldim,,,,qakszlikni   quxandim

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

410

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
123
مۇنبەر پۇلى
280
ئىشەنىچ
123
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 13:17:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىزلىنىشىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ھەركىم ئۆزىگە پادىشاھ

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

431

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
204
مۇنبەر پۇلى
227
ئىشەنىچ
204
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 14:48:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-10-8 20:58
بولمىسا كىرپىش -كېسەك،بۇ كاتتا بېنا نە قىلۇر،
دانە -دان ...

ئاپىرىن، بۇ ئۆزى بىر جاۋاپكەنغۇ؟ ئىلمىي تەجىربەڭلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقماقچى بولغان ئىشىڭلەرگە ئۇتۇق يار بولسۇن.ئەجەپمۇ دېققىتىمنى تارتتى؟؟؟

24

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1756

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
464
مۇنبەر پۇلى
1178
ئىشەنىچ
464
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-9 17:06:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت.

24

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1756

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
464
مۇنبەر پۇلى
1178
ئىشەنىچ
464
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 11:10:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچەشەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن قىلغان پەرەز -ھۆكۆملىرىدىن توققۇزى چەتئەللىكلەرنىڭ تەتقىقات،كۇزۇتۇش،تەجىربە نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشتى.بۇ ئاز سان ئەمەس.يەنە بىز قول سېلىپ ئەمەلى ئىش قىلماي ئايىغى چىقمايدىغان تالاش -تارتىشلار بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋەرسەك بەكمۇ بېپەرۋالىق ۋە مەسئۇليەتسىزلىك بولىدۇ.كىيىن پۇشايمان قىلىپمۇ ئۆلگۆرۆپ بولالمايمىز.كەسىپ بىلىدىغانلار قولىدىن كېلىشىچە شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماتىماتىكىسى بىلەن شوغۇللۇنۇپ باققان بولسا ئەشۇ چەتئەللىكلەر قولغا كەلتۆرگەن نەتىجىلەرنىڭ بەزىلىرىنى بىز ئالدىن قولغا كەلتۇرمەيتۇقمۇ ؟!.

قاراڭ:

تۇنۇگۆن(2013-10-09) «سۆمروغ»تورىدا ئېلان قىلىنغان ماۋۇ "寒冷暗物质速度极限被算出 或成今后诺奖大热门"دىگەن خەۋەرگە قاراڭ.ئامرىكا سىراكوزى ئونۋېرىستېتىدىكى Cristian Armendáriz-Picón ۋەJayanth Neelakanta لار يەنە ئازىراقلا تەپەككۆر قىلسا شەكىل نەزەريىسىنىڭ مانا ماۋۇ ھۆكۆمىگە ئىرىشىدۇ:

سېستىمىنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ يىغىندى تىزلىگى ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر پۆتۈن سېستىما تىزلىگىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.
بۇ ھالەت تەركىپلىگۆچىلەر ھەركەت شەكلىنىڭ ئەگرىلىگى تەرىپىدىن شەكىللىنىدۇ.



فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن  بەك ئۈمىتسىزلىنىۋاتىمەن ،بەك تىت-تىت بولىۋاتىمەن جۇمۇ!.

http://science.kexue.com/2013/1009/35396.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-10 03:46, Processed in 0.119544 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش