ھارۋا
مەخمۇت سەلەي (مەيپۇرۇچ)
ئىشەك ھارۋا-ئات ھارۋا،يۈكلەر تاڭدۇق تارت ھارۋا، تارلىق تۈگەيدۇ ھامان،تارلىققىمۇ پات ھارۋا.. چۈنكى بىز رىغبەت كۈچۈڭ،توختۇساڭ تەۋرەتكۈچىڭ، قامچىغا قالماس ئۈچۈن سەن يەنىلا چاپ ھارۋا..
سەن توختىساڭ بىز قالساق جۇدالىقنىڭ دەردىگە،
ئەتراپنى ئۇراپ تۇرغان غوۋالىقنىڭ دەردىگە. ساختا ياساپ سىن بەرگەن گۇۋالىقنىڭ دەردىگە، ساغلام بول!-ئامان بولساق،ئۇلار بىزدىن مات ھارۋا..
ھايات يولى شۇنداق يول-بەزى بوستان بەزى چۆل،
بەزى ئېتىز،ئىدىرلىق-بەزى دەريا بەزى كۆل. بەزىلەر دەيدۇ ساڭا-شۇ چۆللەردە چاڭقاپ ئۆل، گەرچە قارغىش ئالساقمۇ-مۈشكۈل قاتمۇ-قات ھارۋا..
بىز شۇنىڭغا چىدايمىز شۇ مەنزىلگە يەتكۈچە،
ھەركەتلىنىپ تىنمايمىز-يات بۇيەردىن كەتكۈچە. ساقلىساقمۇ مەيلى دەپ،يار دىدار كۆرسەتكۈچە، شۇ كۈنلەرگە يەتسەك بىز كۆرسەت ئىلتىپات ھارۋا.. 2013-9-28 مەنبە ئۆز ئىجادىيىتىم. |