تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 4742|ئىنكاس: 40

بالىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئويناتقان ئەرنىڭ پۇشايمىنى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

1

ئەگەشكۈچى

860

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
211
مۇنبەر پۇلى
464
ئىشەنىچ
211
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 21:11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بالىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئويناتقان ئەرنىڭ پۇشايمىنى.سەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى:
بىر ئەر بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئاسمانغا ئېتىپ ئويناتقان، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن بىر قورقۇنچلۇق پاجىئە يۈز بەرگەن: بىر ياش ئۈچ ئايلىق بولغان جۈن جۈن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاسمانغا شۇنداق ئېتىلىشى بىلەن ئۆگزىدىكى ئېسىقلىق تۇرغان چوڭ شامالدۇرغۇچ بېشىغا تېگىپ كېتىپ يارىلانغان.
    دېڭ خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەسلىدە مېڭچېڭ ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق بولۇپ، كېيىن جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، بالىسىنىڭ تاغىسى ئۆيگە كېلىپ ئەمدىلا بىر ياش ئۈچ ئايلىق بولغان جۈن جۈننى ئويناتقان. تاغىسى ئۇنى ئاسمانغا ئېگىز-ئېگىز ئاتسا ئۇ ۋىلىقلاپ كۈلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ تاتلىق كۈلۈشىگە قاراپ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرغان، بىراق بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار دېگەندەك ئويلىمىغان يەردىن بىر قورقۇنچلۇق پاجىئە يۈز بەرگەن. تاغىسى جۈن جۈننى شۇنداق ئېتىشى بىلەن ئۆگزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىقلىق تۇرغان مېڭىۋاتقان شامالدۇرغۇچقا بېشى تېگىپ كېتىپ يارىلانغان، قان توختىماي ئاققان بولۇپ، دېڭ خانىم قورقۇپ كېتىپ بالىسىنى قۇچاقلىغىنىچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن.
    دوختۇرلار بالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ بېشىدا يەتتە-سەككىز سانتىمېتىر كېلىدىغان يارا ئېغىزىنىڭ بارلىقىنى، بىر سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇستىخاننىڭ يېرىلغانلىقىنى بىلگەن، مېڭىسى قانغا تولغان بولۇپ، دوختۇرلار دەرھال بالىنى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ مېڭىسىنى تازىلىغان ھەم تىككەن. بەختكە يارىشا بالا قۇتۇلۇپ قالغان، بىراق بېشىدا ئۇزۇن بىر تارتۇق قېلىپ قالغان. 9-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈن جۈن ئادەتتىكى كېسەللەر ياتىقىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، ئەھۋالى خېلى تۇراقلىشىپ قالغان ئىدى، يەنە بىر مەزگىل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن چىقىپ كەتسە بولىدىكەن.
بالىلارنىڭ يارىلىنىش ۋەقەلىرى بەك كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا، ئەنخۇي ئۆلكىسى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەڭ ئاتا-ئانىلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلىپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا يارىلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەرقانچە ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ بالىلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا چوقۇم ياخشى قارىشى كېرەك، قايچا، پىچاق قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئويناتماسلىق، بالىلارنىڭ باش قىسمى ۋە كۆز قاتارلىق ئىنچىكە جايلىرىنىڭ يارىلىنىشىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.
.مەنبە : news.ifeng.com  .

3

تېما

10

ئەگەشكۈچى

1724

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
659
مۇنبەر پۇلى
1090
ئىشەنىچ
659
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 13:47:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ ئىگىز ئاتقان بارمۇ؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

423

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
156
مۇنبەر پۇلى
267
ئىشەنىچ
156
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 14:38:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگزىدىكىمۇ؟ تورۇستىكىمۇ؟

15

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2852

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مىھرىنسا
تۆھپە
1510
مۇنبەر پۇلى
1338
ئىشەنىچ
1510
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 18:44:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرۈپ ئاپام دەپ بەرگەن گەپ ئىسىمگە كىلىپ قالدى بۇرۇن ئاپاممۇ مەھەللىدە بىر بۇۋاق بالىنى دادىسى ئەركىلىتىپ ئۆيدە ئىگىزگە ئىتىپ ئوينىتىۋىتىپ بۇۋاقنىڭ بىشى ئۆينىڭ لىمىغا تىگىپ كىتىپ شۇ ھامانلا تۈگەپ قاپتىكەن .بالىلاربەكمۇ ئاجىز ئۇلار بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا، ساغلام چوڭ قىلىشىمىزغا مۇھتاج.

39

تېما

16

ئەگەشكۈچى

3752

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1598
مۇنبەر پۇلى
1866
ئىشەنىچ
1598
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 19:26:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك بالىلار بىلەن خەتەرلىك ھالەتتە ئوينىشىشقا بولمايدۇ.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

94

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
76
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 20:57:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ خۇدا! سەكرسە دېسە شۇنداقمۇ سەكرىگەن !!! ئات دېسە بالىنى تامنىڭ تۇرىسىغا ئاتقان بارمۇ ؟  ھەي ئەپسۇس! بۇ بالىنىڭ دادىسى تەنھەركەتچى ئوخشىمامدۇ ؟

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

662

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
213
مۇنبەر پۇلى
440
ئىشەنىچ
213
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 23:57:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىكى گەپ ئېلان تەشۋىقات ئورۇنلىرى بالىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئوينايدىغانلارغا بوۋاقلار بىخەتەرلىك قالپىقى ياسىتىۋېلىشىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئەسكەرتىپ تۇرۇشى شۇنداقلا بالىلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئائىلەر بويىچە بىخەتەرلىك كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
ھەركىم ئۆزىگە پادىشاھ

10

تېما

1

ئەگەشكۈچى

699

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
122
مۇنبەر پۇلى
539
ئىشەنىچ
122
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 10:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قورقۇنۇشلۇق بوپتۇ، مەن ھەرگەز ئۇنداق قىلمايمەن،

119

تېما

20

ئەگەشكۈچى

5087

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1654
مۇنبەر پۇلى
2491
ئىشەنىچ
1654
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 17:14:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئەركىلىتىش ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىش.بىزلەرنىڭ ئىچىمىزدىمۇ بار بۇنداق ئىشلار.

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

959

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
باتۇر تۇرسۇن
تۆھپە
297
مۇنبەر پۇلى
653
ئىشەنىچ
297
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 11:02:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت بىزگە كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

باھا سۆز

ئىسىل: 4.0 ئالامەت: 0.0
halida [color=Purple]  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 00:32
halida ئىسىل: 4 ئالامەت: 0
  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 00:32
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-28 15:39, Processed in 0.112140 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش