- تىزىملاتقان
- 2013-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-12
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 24
- نادىر
- 0
- يازما
- 3

- تۆھپە
- 10
- مۇنبەر پۇلى
- 16
- ئىشەنىچ
- 10
| ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلى بۆلۈنسە، چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھەرقانچە ساختىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىنچىكە دىققەت قىلسىڭىز يەنىلا بايقىۋالالايسىز. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئېرىڭىزدىمۇ تۆۋەندىكى 20 خىل ئەھۋال مەۋجۇتمۇ؟ 1. ئۇ ئەتكەن تاماقلىرىڭىزنى دائىم ياراتمايدۇ. تامىقىڭىز گەرچە ناھايىتى يېيىشلىك بولسىمۇ، قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ، ھەمىشە تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدۇ. 2. ئاخشىمى ئۇخلىغاندا سىزنى قۇچاقلىمايدۇ. دائىم دۈمبىسىنى قىلىپ يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ. نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىز بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، ھېسسىياتىڭىز بىلەنمۇ كارى بولمايدۇ. 3. سىزنى ئىلگىرىكىدەك ‹‹سۆيۈملۈكۈم›› دەپ چاقىرمايدۇ. تېلېفون قىلسىڭىز ھەر خىل باھانە–سەۋەبلەر بىلەن تېزلا ئۈزۈۋېتىدۇ. ھەمىشە «توكى يوق» دېگەننى باھانە قىلىپ يانفونىنى ئېتىۋالىدۇ، ھەرقانداق زارلىنىشىڭىزغا قۇلاق سالمايدۇ. 4. تۇرمۇشتا ئانچە تەشەببۇسكار بولمايدۇ، ھەتتا ئەر–ئاياللىق مۇناسىۋەتنىمۇ ۋەزىپە دەپ قاراپ سىزگە قىزىقمايدۇ. بەزىدە ئامالسىزلىقتىن سىزگە مەجبۇرىي يېقىنلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا يېڭى تونۇشقان ۋاقىتتىكىدەك ھېسسىياتچان بولمايدۇ. 5. سىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرمەيدۇ. كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوچۇق–يورۇق، قىزغىن بولمايدۇ، كەلسە–كەلمەس ئاچچىقلىنىپ، بىزار بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 6. ئۇنىڭ «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېيىشىنى تەلەپ قىلغىنىڭىزدا، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىك نەزەر بىلەن قۇلىقىڭىزغا ئاستا شىۋىرلىمايدۇ، بەلكى سىزدىن «سەن بىكار بولۇپ قالمىغانسەن» دەپ سورايدۇ. 7. ئۇنىڭغا ئاۋۋالقىدەك ئەركىلىسىڭىز، ئۇ سىزنى ئوماق دېمەستىن، بەلكى ئورۇنسىز ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ سىزگە ئاچچىقلىنىدۇ. 8. كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان كۈنلەردە ھەرگىزمۇ قېشىڭىزغا كېلىپ تەسەللى بەرمەيدۇ. نېمە سەۋەبتىن ئازابلانغانلىقىڭىزنى سوراپمۇ قويمايدۇ، بەلكى پەرۋاسىز ھالدا ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. 9. مەخپىي پۇل يىغىدۇ. بىرمۇنچە قۇرۇق گەپ قىلىپ، تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ يانچۇقىنى توملاشقا ئۇرۇنىدۇ. 10. ئىشتىن ۋاقتىدا چۈشمەيدۇ، بەلكى ئىشخانىدىن ئەڭ ئارقىدا چىقىپ ئۆيگە كېلىپلا يېتىۋالىدۇ. قەستەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن قورسىقىدا نۇرغۇن نەيرەڭلەرنى ئويلايدۇ. 11. قۇلىقىغا ئاستاغىنا پىچىرلىسىڭىز ھەرگىز رومانتىكلىق ھېس قىلمايدۇ، ئەكسىچە بىزارلىق ھېس قىلىدۇ، ھەتتا تېخى «يۇقىرىراق ئاۋازدا گەپ قىلغىنا» ياكى «سەن زېرىكمىدىڭمۇ» دەيدۇ. 12. يالغاندىن ساراڭ بولۇۋالىدۇ. ئىشتىن ھېرىپ كەلگەنلىكىڭىزنى كۆرسىمۇ قەستەن كۆرمەسكە سالىدۇ. گۇمانلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلسىمۇ يەنىلا گۇناھسىز قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. 13. كىچىككىنە، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. سىز قىلغان ھەرقانداق ئىشقا بىردەك ئاچچىقلايدۇ. 14. ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئېسىدە قېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ ئاستا–ئاستا ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھەتتا مۇھىم خاتىرە كۈنلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. 15. يولدا كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سىمتاناپ تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتسىڭىز، ئۇ ئىلگىرىكىدەك تەسەللى بەرمەيدۇ، بەلكى «قارىغۇ بولۇپ قالدىڭمۇ» دەپ سىزنى بىكاردىن بىكار ئەيىبلەيدۇ. 16. ئۆي ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇخلايدىغان جايغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆيدە سىز بىلەن مۇڭداشمايدۇ، ئانچە ھاياجانلانمايدۇ، ئۆيگە كىرسىلا ئۇخلايدۇ. 17. ئۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ھە دېسىلا كوماندىروپكىنى باھانە قىلىدۇ، لېكىن نەگە بارغانلىقىنى پەقەت بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر بۇنى سوراپ قويسىڭىز يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ. 18. قىتىغۇرلۇق قىلىپ كىيىنىشىڭىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ، گىرىم قىلىشىڭىزغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ. تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، چېچىنى تېخىمۇ چىرايلىق ياسىتىدىغان، سۈپەتلىك، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. 19. غەيرىي تېلېفون كەلسىلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ خالىي جايدا پاراڭلىشىدۇ. ئەگەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىسا گەپنى قىسقا قىلىپ، تېلېفوننى ئالدىراپ قويۇۋېتىدۇ. 20. ئەسلىي x يىلى پەرزەنتلىك بولۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ قەستەن پەرزەنتلىك بولۇش ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ئوخشىمىغانلىقتىن ئېرىڭىزدە يۇقىرىقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن. قالغانلىرىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ كۆرۈڭ. |
|