تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 14632|ئىنكاس: 40

يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

22

ئەگەشكۈچى

946

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
زاھىدە
تۆھپە
61
مۇنبەر پۇلى
507
ئىشەنىچ
61
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 16:52:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...



ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە ، يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشكەندە ، بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان ئالتە تۈرلۈكتىن تەلىپى بولىدىكەن . يىگىتنىڭ تەلىپى ئىشەنچ ، قوبۇل قىلىش ، مىننەتدار بولۇش ، ماختاش ، ئېتىراپ قىلىش، ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن ؛ قىزنىڭ تەلىپى كۆڭۈل بۆلۈش ، چۈشىنىش ، ھۆرمەتلەش، سادىق بولۇش، دەردىگە يېتىش، تەسەللى بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
   يىگىتلەر ھەرقانداق چاغدا يۈز-ئابرويغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلارنى كونكرېت ئېيتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار قىزلاردىن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىززەتلەشنى كۈتىدۇ.
   1. ئىشەنچ
   قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا سەزگۈر بولىدۇ، كىچىككىنە ئىشنى ئاسانلا چوڭايتىۋېتىدۇ، يىگىتىگە تولۇق ئىشەنمەي ئۇنىڭدا بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشى، يىگىتىگە ئىشەنچ بىلەن قارىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىغىمۇ ئىشىنىشى كېرەك.
   سىزگە تەئەللۇق نەرسە ھامان سىزنىڭ بولىدۇ، سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسە ۋاقتىنچە سىزنىڭكىدەك تۇرغىنى بىلەن بەرىبىر بىر ئۆمۈر سىزنىڭ بولمايدۇ. ئەگەر يىگىتىڭىزنى چوقۇم خاتالىشىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئەقىدە باغلىماڭ. چۈنكى، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
   بارلىق يىگىتلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى» مۇقامىنى توۋلىشى ناتايىن، بىراق ھەممىسىلا سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىگىتىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە پىلانلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئالقىشلاپ ماختىسىڭىز، ئۇنىڭدا «مەن قىز دوستۇم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنمەن، قىز دوستۇم مېنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشىمگە موھتاج ئىكەن» دېگەن تونۇش پەيدا بولۇپ، ئۇ سىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىدۇ.
   2. مىننەتدار بولۇش
   بەزىدە قىز ئەتراپىدىكى ئىش ياكى ناچار كەيپىياتى توغرىسىدا يىگىتىگە دەردىنى تۆكۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا يىگىت قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ يېقىن، سۆيۈملۈك ئادىمى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن دەرد تۆككەنلىكىنى توغرا چۈشەنمەي، ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ.
   تۇرمۇشىڭىزدىن ۋە يىگىتىڭىز ئاتا قىلغان بارلىق نەرسىلەردىن مىننەتدار بولسىڭىز، يىگىتىڭىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆيۈنىدۇ-دە، تېخىمۇ شاد-خۇرام، ئەركىن-ئازادىلىككە چۆمىدۇ.
   3. ماختاش
   بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىغا ئوخشاش ماختاپ ئۇچۇرۇشىڭىزنى خالايدۇ. چۈنكى، ئاشۇ ماختاش ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، قانداق قىلغاندا سىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
   4. ئېتىراپ قىلىش
   يىگىتلەر سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەندە دوستى، تۇغقىنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنگە قارىغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
   ئەگەر يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىسا، ھامان بىر كۈنى سۆيگۈنىدىن ۋاز كېچىدۇ. بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىدەك ناھايىتى گۆدەك بولۇپ شىلىسىڭىز، ماختىسىڭىز، شۇ ھامان گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ ۋارقىراپ تىللاپ قويسىڭىز قورققىنىدىن قۇيرۇقىنى قىسىپ تىكىۋېتىدۇ.
   5. مەدەت بېرىش
   يىگىتىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە بېشىڭىزنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ ئۈن-تىنسىز سۈكۈت قىلسىڭىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى بىرمۇنچە چالۋاقاپ كوتۇلدىغانغا قارىغاندا زور بولىدۇ.
   بۇنداق قىلغاندا ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن يىگىتىڭىز تەبىئىي ھالدا كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ بولۇپ، يىگىتلەرگە زور روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ .


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

42

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1297

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئىنكاس شاھى
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
533
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 00:10:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق خانىم قىزلار ئازمىكى دەيمەن !

باھا سۆز

روناق0000000 شۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 23:52

2

تېما

18

ئەگەشكۈچى

1577

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
286
مۇنبەر پۇلى
779
ئىشەنىچ
286
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 10:08:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا مۇھابەت مەڭگۈلۇق بۇلامدىغاندۇ،

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

11

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
7
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 17:33:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاغا بولغان ئېتىقاد تەۋرەنمىسىلا ئاندىن نىمىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەتتۇق !!!

1

تېما

32

ئەگەشكۈچى

1706

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
654
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 13:44:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بارلىق خانىم قىزلىرمىزنىڭ يۇكسەك پەزىليەت ۋە ئەخلاققا ئىگە بولشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 15:15:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق يىگىـتلەرئازمىكى دەيمەن.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 17:28:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى قوللىنىشچانلىقى بار گەپلەر ئىكەن رەخمەت ~

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

225

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
115
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 20:02:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

240

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
214
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 21:15:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى بۇنداق بولىشى ناتايىن...

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

240

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
214
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 21:17:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازسام چىقمايدىغۇ......توۋا....

باھا سۆز

روناق0000000 چىقىپتىغۇ بىز كۇردۇق  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 01:09
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 12:07, Processed in 0.118032 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش