روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 50132|ئىنكاس: 63
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سودا سانائەت كارتامدىن 3500يۈئەن يۆتكەپ كىتىلدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باياتتىن تور كۆرۈپ ئولتۇرسام تىلفۇنغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق 500يۈئەن چىقىم قىلىنغانلىق ئۇچۇرى كەلدى، دەرھال تور بانكىغا كىرىپ كارتىدىكى پۇلنى سۆرۈشتۈرسەم 500يۈئەن يوق، مەخپى نۇمۇرنى ئۆزگەرتىپ تۇرسام يەنە ئۇچۇر كىلىپ 2000يۈئەن چىقىم قىلىنغانلىق ئۇچۇرى كەلدى، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام يەنە 1000يۈئەن چىقىم قىلىنغانلىق ئۇچۇرى كەلدى، بانكىنىڭ U吨، بانكا كارتىسى مىنىڭ قولۇمدا تۇرسا نىمە سەۋەپتىن قانداق ئۇسۇلدا چىقىم قىلىنغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم، چىقىم قىلىنىش خاتىرسىگە قارىسام يا بىرەر تال كارتا نۇمۇرى يا باشقا نەرسە يوق، پەقەتلا بۆگۈنكى چىسلانىڭ ئۇچۇرلىرىلا بار، شۇڭا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تورداشلاردىن ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يوللىشىم، مەن يۆتكەپ كىتىلگەن پۇلنى قانداق قىلسام بىخەتەر قايتۇرۇپ كىلەلەيمەن؟
6 S3 H& Y3 C  U) d/ X. W3 P
( w6 ?3 _) j& I! j0 ~! Q5 ] ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى koinlunنىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-9-23 02:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولمايدۇ سىز قالايمىقان مەشخۇلات قىلىغان ئوخشايسىز
ۋاقتى: 2011-9-23 09:27:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ، مەنمۇ قاپلان ئەپەندىمنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن سىز چۇقۇم خاتا مەشخۇلات قىلغان گەپ، بۇنى چوڭراق سۇدا -سانائەت  بانكىسىغا بىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بىقىڭ شۇلار سىزگە يىتەرلىك جاۋاب بىرەلەيدۇ؟
ۋاقتى: 2011-9-23 10:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشنى پەقەت بانكا ياكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى قىلالايدۇ.
9 E+ q/ Q0 r) ]! Y6 m, A! \' q- @ھازىر سۇغۇرتا شىركەتلرى شەخىسلەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى بانكا كارتىسىدىن ئاپتوماتىك چىقىم قىلىدىغان بولىۋاپتۇ.
ۋاقتى: 2011-9-23 12:37:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بانكىنىڭ ئىشى،ئالدىنقى قېتىمدا مەنمۇ ئاشۇنداق ئىشقا يولۇققان،بانكا مائاشنى خاتا تارقىتىپ قويۇپتىمىز دەپ بىر دەمدىن كېيىن پۇلنى كارتىدىن .ئېلىۋاپتىكەن.
ۋاقتى: 2011-9-23 13:40:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىئۇسۇل بانكىغا بىرىپ سۈرۈشتە قىلىش ، بۇنىڭغاشۇلارچۈشۈنچە بىرەلەيدۇ
ۋاقتى: 2011-9-23 13:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنداق ئىشقا يۇلۇقۇپ باقمىدىم بىراق،سودىگەر مالنى ۋاقتىدا ئەۋەتمەي،پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇپ پۇلنى قايتۇرۇپ ئالغان،كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرماي دەرھال بانكىغا بېرىپ سۈرۈشتۇرۇپ بېقىڭ،ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-9-23 14:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا قىلدىم، بانكا خادىملىرىمۇ توۋا قىلىشىۋاتىدۇ، بانكىدىن سۈرۈشتۈرسەم بۇنى تور بانكىسىدىنمۇ يۆتكىمەپتۇ، 支付宝غا يۆتكىلىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن دەيدۇ، ئەمما 支付宝غا كىرەلمەي 3 سائەتلىك تاقاپ قويدۇم مانا ئەمدى...
, `  }3 k: r' W* p( uمەن توردا سودىمۇ قىلمىغان، مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇرسام كەلدى ئۇچۇر...
ۋاقتى: 2011-9-23 16:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز سودا سانائەت تور بانكسدىن پۇل چىقىم قىلغاندا،مەۋھۇم كارتا نۇمۇرنىدىن پۇل چىقىم قىلار بولغۇيتىڭىز؟
ۋاقتى: 2011-9-23 17:28:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشسى بانكىغا بىرىپ سۈرۈشتە  قىلىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-22 01:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش