|
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نومۇرىنى جايىدا مۆلچەرلىشى كېرەك' w a5 H7 U* x0 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011– يىل6– ئاينىڭ13– كۈنى شىنجاڭ گېزىتى
$ Q H' ~8 C# E پاتىمە ئەيسا
7 { I/ T! d: `0 k: ` 2010 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى تولۇق كۇرسنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكىگە يەتكەن تۇرۇپ، مەخسۇس كۇرسقىمۇ قوبۇل قىلىنالماي قالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال يىلدا دېگۈدەك كۆرۈلىدۇ. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكى ۋە ئارزۇنى توغرا تولدۇرمىغانلىقىدىن بولغان.
! ~3 U. J. V- d v ئارزۇ تولدۇرۇشتا مۆلچەر نومۇر يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار مۆلچەر نومۇرىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى قېتىملىق مانېۋىر ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قاراپ توغرا مۆلچەرلىشى كېرەك. نومۇر توغرا مۆلچەرلەنمىسە ياكى ئەمەلىي ئالغان نومۇر بىلەن مۆلچەر نومۇرنىڭ پەرقى زور بولۇپ كەتسە، ئارزۇ قانچە ئەستايىدىل، ئىنچىكە تولدۇرۇلغىنى بىلەنمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
6 p; B: {5 ?9 x) I8 S ئوقۇغۇچىلار نومۇرنى مۆلچەرلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپ، كەسىپنى تاللىشى، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇ يىل بېسىپ تارقاتقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىروگراممىسىنى ئوبدان ئوقۇپ چۈشىنىۋېلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇ ماتېرىياللارنى 5 – ئايدىن بۇرۇن ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىغا يەتكۈزۈپ بولدى. بۇ ماتېرىياللارنى تېخىچە تاپشۇرۇپ ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپتىن ئېلىۋالسا بولىدۇ.
' b- `* _& W5 G) f& _# q. x ئوقۇغۇچىلار نومۇرىنى مۆلچەرلىگەندە، ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، ھەر بىر جاينىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، نومۇر پەرقىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇ رايون بويىچە يۇقىرى نومۇر ئالغانلارنى باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
& b+ R& A4 \8 \4 p* k يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا نومۇرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويۇپ، يۇقىرى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرنى ئارزۇسىغا تولدۇرماي ئاق تاشلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغان نومۇرى يۇقىرى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە توشسىمۇ قوبۇل قىلىنماي، ئاخىرى ‹‹يۇقىرى نومۇرلۇقلارنىڭ سوقۇشۇش›› دائىرىسىگە كىرىپ قالىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن شې چېڭگۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھەممە تۈركۈمدە بىرىنچى ئارزۇ بار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنى ئاق تاشلىماي تولدۇرغىنى تۈزۈك. بۇنداق بولغاندا تاللىنىش پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ، نومۇرى توشمىسا باشقا تۈركۈمدىكى ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
6 f9 z0 F2 y5 M* C% F8 Yمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
, B j; h, g& o) Y" W
( ^& D/ B/ @4 K9 g ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|