روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1970|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى' w  @0 l( r+ g( `1 M& P+ _) N, Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2015-11-11 11:27:167 J& P7 F# a5 m6 Q- j0 d9 @$ bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (2015 – يىل 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان)+ K% r7 w/ ?9 M% W6 u; o8 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىز بېكىتكەن ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىدىكى 1 – يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچى، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان بۇ كۈرەش نىشانىنى مەھكەم چۆرىدىگەن ھالدا تۈزۈلۈشى كېرەك.! S7 V1 n) v) L- e0 Q+ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تولۇق شەرت – شارائىتى ھازىرلاندى، ھەم مۈشكۈل ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلدۇق، شۇڭا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان سېلىنغان مۇستەھكەم ئاساسقا نىسبەتەن ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك، دەپ قارالدى. ئومۇمىي يىغىندا ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار زور مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىلدى.; Q0 l0 ]  ?% Y" Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    1. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىدىكى ۋەزىيەت ۋە يېتەكچى ئىدىيە) m- `9 s( L0 h+ fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (1) ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مىسلىسىز بەش يىل بولدى. مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا ۋە ئىچكى جەھەتتە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئەھۋالدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.6 Y8 b5 |9 l# z4 f$ e0 T5 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ سىجىل تەسىرى قاتارلىق بىرقاتار زور خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، ماكرولۇق تەڭشەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈردۇق. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7800 دوللار ئەتراپىدا. 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى 2 – كەسىپنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇل ئەسلىھەنىڭ سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇدا مول ھوسۇل ئالدۇق، دائىملىق ئاھالىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى %55كە يەتتى، بىر تۈركۈم زور پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى. جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، قاپلاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، نامرات نوپۇس زور دەرىجىدە ئازايدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئېلىمىز دۇنيادىكى تۇنجى مال سودىسى چوڭ دۆلىتىگە ۋە ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايى قولغا كەلتۈرۈلدى. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشانلار پات ئارىدا غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
+ B# t/ e8 Z0 P5 g/ ?3 }    تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قىلچە ئېغىشماي چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە دادىل بولۇپ، ماھىرلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا بىرقاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى.
) r  Q8 A' B$ M) i) S5 D8 O    (2) ئېلىمىزنىڭ ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى. تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتىدۇ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر قاتلامدىن تەڭشىلىش ئاساسىدا تەسرەك ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىسلاھاتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى تەدرىجىي تەڭپۇڭلىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلامدىن تەسىر كۆرسىتىشى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دۇنيا ئىقتىساد – سودىسىنىڭ ئېشىشى ھالسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋەت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە غەيرىي بىخەتەرلىك تەھدىتى گىرەلىشىۋاتىدۇ، سىرتقى مۇھىتتا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
  x2 L( q' j# E6 I  F$ |% n    ئېلىمىزنىڭ ماددىي ئاساسى كۈچلۈك، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، بازار بوشلۇقى كەڭرى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتىلىپ شەكىللىنىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشى بولۇش يۈزلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماس بولماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى تەرەققىيات ئۇسۇلى قوپال، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، قىسمەن كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ قېلىشى ئېغىر، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ؛ شەھەر، يېزىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ ئەمەس؛ بايلىق چەكلىمىسى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ يامانلىشىش ۋەزىيىتىدە تېخى ئۆزگىرىش بولمىدى؛ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىز، كىرىم پەرقى زورىيىۋاتىدۇ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى تېزلىشىۋاتىدۇ، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيە، ئىستىلى ۋە ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز كۈلپەت ئېڭىمىز، مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىنى تىرىشىپ ياخشىلاش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش، زىددىيەتلەرنى تىرىشىپ پەسەيتىش، كەمچىلىكلەرنى تىرىشىپ تۈگىتىش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.9 L1 O% Y; q% s/ Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئومۇملاشتۇرۇپ ھۆكۈم چىقارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نى – نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، خەۋپ – خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتلەر كۆپىيىۋاتقان جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىكى ئىچكى ئامىللارنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىز، كۈچنى توپلاپ ئىشلىرىمىزنى ياخشى بېجىرىشىمىز، تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
& h9 J" F! s* P( `- v4 l7 A    (3) ئېلىمىزنىڭ ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى نورمال ھالەتتىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم سىستېمىسى ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، 2 – يۈز يىلدىكى كۈرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.
& s4 w0 }8 q. q& L" `    ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.2 \- @9 u+ K0 a0 V. x; e0 z- d4 P6 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. خەلق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي كۈچ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقنىڭ باراۋەر ئىشتىراك قىلىش، تەڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.
9 _6 R! C, \/ {/ p    ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، تەرەققىيات جەزمەن ئىلمىي تەرەققىي قىلىش بولۇشى كېرەك. ئېلىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىمىز ۋە جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەر ئۆزگەرمىدى، بۇ، تەرەققىياتنى پىلانلاشنىڭ تۈپ ئاساسى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.* o0 s" ~/ Z! J5 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانى بويىچە، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تۈزۈلمە – مېخانىزم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىسىز بولغان بارلىق تۈزۈلمە – مېخانىزم توسۇقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تەرەققىياتنى داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
: V) N; w$ J% y4 h( L: v6 T$ G5 k    دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. قانۇن ئىدارە قىلىش تەرەققىياتنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىقتىساد ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش كېرەك.
+ p- k2 A/ d/ E% O* o# c+ n* ^    ئىچكى – تاشقى ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر تەلىپى. دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ بايلىق، بازار، تۈزۈلمە قاتارلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ھەم ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادنىڭ بىرلەشمە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
7 k* Q, O( L- S6 L1 u8 i+ `( H" \    پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات چوڭ كېمىسىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
7 J/ \- Y1 M. C4 ]    2. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى ۋە ئاساسىي ئىدىيەسى3 q. y# W/ `, @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (1) ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشان – تەلەپلىرى. پارتىيەنىڭ 16 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، بېكىتىلىپ بولغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ نىشان – تەلەپلىرى ئاساسىدا، تۆۋەندىكى يېڭى نىشان – تەلەپلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
4 l5 |* Q7 b. j( o4 f    ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 – يىلىدىكىسىدىن بىر قاتلاش كېرەك. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ بوشلۇقتىكى ئورۇنلىشىشىنى سەرخىللاشتۈرۈپ، سېلىنما ئۈنۈمى ۋە كارخانا ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سانائەتلىشىش بىلەن ئۇچۇرلىشىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. نوپۇستىكى ئاھالىنى شەھەر، بازارلاشتۇرۇلۇش نىسبىتىنى تېز ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە ئىختىساسلىقلار دۆلىتى قاتارىغا قەدەم قويۇش كېرەك.$ ~* w/ f6 {( B0 h$ J1 x' F9 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر قەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلىشىش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئەمگەك يېشىدىكىلەرنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش يىلىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىش كېرەك. كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، كىرىمى ئوتتۇراھاللارنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ، رايون خاراكتېرلىك پۈتۈن بىر گەۋدىلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.
/ y. L/ T" [4 v4 {/ I    خەلقنىڭ ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە يەنىمۇ سىڭدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالغا ئىنتىلىش، مېھىر – شەپقەتلىك بولۇش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى، پەن مەدەنىيەت ساپاسى، ساغلاملىق ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، مەدەنىيەت كەسپىنى خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر دائىرسىنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك.  m8 Y/ K; j% c6 u7 g+ k+ tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور نىسبەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن سۇ بايلىقىنىڭ سەرپىياتى، قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك يەر، كاربون چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى زور نىسبەتتە ئازايتىش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسىقىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
4 u4 l) p8 x2 l/ u    ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇللۇق تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق دېموكراتىيەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، ئەدلىيەنىڭ ئىناۋىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىنسانىي ھوقۇقنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك. ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
% k% E: h2 P* ~4 b! e& A% `1 X9 B    (2) تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەشتە، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك.) e4 ~$ ^2 z1 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېڭىلىق يارىتىشنى چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇپ، نەزەرىيە، تۈزۈم، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.4 o7 ~. @3 H$ l; t" @% f9 [" m1 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ماسلاشتۇرۇش سىجىل، ساغلام تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلىشىشىنى چوقۇم مۇستەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
0 O* q0 C+ T0 l7 T    يېشىل بولۇش تەرەققىياتنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۈرمۇشقا ئىنتىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بايلىقنى تېجەش ۋە مۇھىتنى ئاسراش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.
( n3 \( T  s3 M* H    ئېچىۋېتىش دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇشتىكى مۇقەررەر يول. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يۇغۇرۇلۇپ كىرگەنلىكتىن ئىبارەت بۇ يۈزلىنىشكە چوقۇم ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى – تاشقى ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش، ئىمپورت – ئېكسپورتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مەبلەغ كىرگۈزۈش بىلەن تېخنىكا ۋە ئەقلىي كۈچ جەلپ قىلىشنى تەڭ تۇتۇشنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ۋە جامائەت مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىلىك مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
/ E( R- M* @/ ~    ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئاتلاندۇرۇش كېرەك.
9 k# M  Z8 C! p# ~3 N% H* V8 N    تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان زور ئۆزگىرىشتۇر. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار بۇ ئۆزگىرىشنىڭ زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە چىقىرىشى كېرەك.4 |  ~9 k9 x+ K; O; i6 b# H  Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    3. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك
4 W- i2 |" r- S4 X1 Q* L    خەلقئارا تەرەققىياتتىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئالمىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈم رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوزغاشقا تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدىغان، ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرىدىغان يېتەكلەش تىپىدىكى تەرەققىياتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.: g" d- }. ^) S8 f: g; F3 W% Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (1) تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچى، كاپىتال، يەر، تېخنىكا، باشقۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ سەپلىنىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى قوزغاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە ئېھتىياجنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىچە تەمىناتنى يارىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسپىي ھالەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك.# X3 I. u. {  l( _' ^: f& L3 ~! Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستېمالنىڭ ئەقلىي، يېشىل، ساغلام، بىخەتەر يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئوبوروتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆجۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
2 ~6 i3 V! j. _! s& j    سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيە مەبلىغىنىڭ تۈرتۈش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى يېڭىلاپ، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنى بىرىكتۈرۈش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.
5 a' l) R+ b9 N# Y% [  v' s    ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا مەبلەغ سېلىش بىلەن ئېكسپورتنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكا، ئۆلچەم، ماركا، سۈپەت، مۇلازىمەت يادرو قىلىنغان تاشقى ئىقتىساد يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. سەرخىللىرىنى كىرگۈزۈپ، سەرخىللىرىنى چىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كاپىتال بىلەن تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ يېڭىچە ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
* ]  `4 t+ s+ @) J    (2) تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك.
* `7 g/ Z) \# ^$ A6 H  U3 m    رايون تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. رايون تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى ئاساس قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئاساس قىلغان كەڭ دائىرىلىك ئىقتىساد ئوق بەلبېغىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەرلەر توپىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى شەھەرلەر توپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمال رايونى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى، چاڭجياڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمى رايونى، چېڭدۇ – چۇڭچىڭ رايونى، ئوتتۇرا شەنشى رايونى قاتارلىق رايونلاردا شەھەرلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىر تۈركۈم مەركىزىي شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل شەھەر، پاراسەتلىك شەھىرى، ئورمان شەھىرى قۇرۇلۇشى ۋە شەھەرلەر ئارا ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرلەشتۈرۈش – تۇتاشتۇرۇشنى قوللاش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قانچە نۇقتىلىق ئىقتىسادىي رايوننى زورايتىش ۋە يېتىلدۈرۈش كېرەك. شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
$ X# T. R: m' p3 V( x$ H6 x/ W- H& V    كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، بىيو تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئەقلىي ياسىمىچىلىق، ئىلغار جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش كېرەك. يېڭىچە يېتىلدۈرۈش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ھەممە ھۆددىگە ئېلىش، ھەممە يۆلەش، ھەممە جۇغلاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ‹‹تيەنشى››، ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يۇقىرى، يېڭى پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.; G. j. }! ?* `6 J' nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. زور جامائەت ئەسلىھەسى ۋە ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. كۈچلۈك تور دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك، كۆچمە، بىخەتەر بولغان، كەڭ مەۋجۇت توردىن ئىبارەت يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. سۇچىلىق، تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ تىرانسپورتى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى، پوچتا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى زاپاسلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەرلەردىكى ئاممىۋى قاتناش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېلېكتىر كۈچى، تېلېگراف، قاتناش، نېفىت، تەبىئىي گاز، شەھەر مەمۇرىيىتىدىن جامائەت پايدىلىنىش قاتارلىق تەبىئىي مونوپول ساھەلەرنىڭ رىقابەتلىك كەسىپلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.
! c0 K% n8 y) ^" ?# p( P    تور ئىقتىسادىنىڭ بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ‹‹ئالاقە تورى+›› ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئەشيا تورى تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق بەھرە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىۋېتىش، ئۇنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپلەر تەشكىلاتى، سودا ئەندىزىسى، تەمىنات زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروت زەنجىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى قوللاش كېرەك., s! G0 _- J: ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    كۆك ئىقتىساد بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى تەڭ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ئىقتىسادىنى زورايتىپ، دېڭىز بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، دېڭىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراپ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز – ئوكيان ھوقۇقىنى قوغداپ، كۈچلۈك دېڭىز – ئوكيان دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.6 l+ |' s: ~& i5 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (3) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتىنى زورايتىپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش، مەركەزلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە كىرگۈزۈپ ھەزىم قىلىش ئارقىلىق قايتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. خاسلىققا ئىگە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى – ئورنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاساس خاراكتېرلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، تېخنىكىدا ئاغدۇرۇۋېتىش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلارنى قۇرۇش كېرەك. خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي پىلان ۋە چوڭ ئىلمىي قۇرۇلۇشلارنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەش كېرەك.
; r8 [6 |2 Z  a    ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ تەتقىق قىلىش، ئېچىش، باشقۇرۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكىدا تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيە ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساس تەتقىقاتى ۋە ئورتاقلىققا ئىگە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى مەركەزلىك قوللاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر – ئالاقە، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، بىيو – دورا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش قاتارلىق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. بوغما ھالەتلىك چەكلىمە مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، سىستېمىلىق تېخنىكىنى ھەل قىلىش لايىھەلىرىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.6 I4 G* N/ ?: L' o5 w* ~: k, V5 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە باشلامچىلىق رولىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىشچان بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى شەكىللەندۈرۈپ، پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى – ئورۇنلىرىغا تايىنىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدىغان زور بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىشچان شەھەرلەر ۋە رايون يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇراقلىق مۈلۈكنى تېز سۈرئەتتە ئۇپرىتىپ بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.1 W% t( w9 W  w2 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ساھە، كەسىپ ھالقىغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخنىكا ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبە قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئارىدا سىناشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان ئومۇمىي جەريان بويىچە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كاپىتاللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلىدە قوللاش ۋە باجدا ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.7 t' ^, o0 |0 a9 m5 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پەن تەتقىقات يۇرتى – ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى ئىختىساسلارغا تېخىمۇ زور ئادەم، مالىيە، ماددىي كۈچنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىش كېرەك. بىلىمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئايلاندۇرۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.
" ~2 P% `* g& d/ @    (4) يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىزا ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدىكى يىتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى، ئىقتىسادىي زىرائەتلەر، يەم – خەشەكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ، 1 –، 2 –، 3 – كەسپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، مەھسۇلاتى بىخەتەر، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر يولىغا مېڭىش كېرەك.: O9 b. ?* p7 ^; Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددىگە ئېلىش مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا پۇل مۇئامىلىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
- k9 B1 H5 L4 N9 |* K+ M4 F    تېرىلغۇ يەرنى ئەڭ قاتتىق قوغداش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دانلىق زىرائەتلەر ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى قامداش، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىق ئايرىپ چىقىپ، ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، يەرلەرنى رەتكە سېلىش، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – قوغداش رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە رايونلار ئارا جايلىشىشىنى سەرخىللەشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
# c8 X7 [5 M' Z- x! S( @; g    يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىشقىچە بولغان جەرياندا سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش – كېڭەيتىش سىستېمىسىنى، يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ئەسلىھەلىرى بىلەن بازار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
1 d3 x. o& |1 L( I( A$ y0 n3 ^    (5) كەسىپ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ياسىمىچىلىق بويىچە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ بازار، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھالقىلارغا سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىق بولۇشقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشقا، ئىنچىكە بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
/ w! H) t4 C* G6 S* h: I0 k" {    سانائەتتە ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت، كۇرسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوخشاش ساھەلەرنىڭ ئۆلچىمىنى كۆزلەپ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى قوللاپ، مەھسۇلات ۋە تېخنىكا،ھۈنەر – سەنئەت ۋە جابدۇق، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتتىكى سەۋىيەنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بازار مېخانىزمى، ئىقتىسادىي ۋاسىتە، قانۇن ئىدارە قىلىش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ چېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
7 r* l9 m1 ~8 z* Z" L    ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كەسىپ سىياسىتى يېتەكچىلىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش فوندىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك., @9 \' g: j# q6 x1 A) Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر – ئالاقە تېخنىكىسى، ئالىي دەرىجىلىك رەقەملىق كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك ۋە ماشىنا ئادەم، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى جابدۇقلىرى، دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق پاراخوت، ئىلغار رېلىسلىق قاتناش جابدۇقلىرى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، ئېلېكتىرىك جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى، يېڭى ماتېرىياللار، بىيو دورا ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك.( x$ d5 ]& ?% C3 H( h: aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا قاراپ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىنچىكە بولۇشقا ۋە سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش – مۇلازىمەت تىپىدىكىسىگە قاراپ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ساياھەتچىلىك كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
- V( }% X$ D/ q% V1 z  C4 ?* ]) G    (6) تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا پايدىلىق بازار مۇھىتى، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى، تەقسىملەش تۈزۈمى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش – كىرگۈزۈش – ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
. i1 y$ X; l; h) ]' Z) k9 b3 {6 e    مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى قوزغاش كېرەك.5 V- K3 E# i* M. _9 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.
9 p" q& z5 y% [" O; B    دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، كونترول كۈچى، تەسىر كۈچى، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى چىڭىتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنىڭ مۇۋاپىق يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە بەكرەك مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.
% U, |2 K2 B/ d, W) Z% |    پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەگە قانۇن بويىچە كىرىشىگە مەدەت بېرىپ، دۆلەت كاپىتالىدىن باشقا كاپىتالنى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك.
# }7 e( x! ~/ p- U    كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەدبىرىگە ئارىلىشىشىنى چەكلەپ، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئازايتىش كېرەك. كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئالغان پايدىسىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.; u; w$ ~, |% Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان بازار سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئادىل رىقابەتنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رايون بويىچە بۆلەكلەپ ئايرىۋېلىش ۋە ساھە مونوپۇللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. بازار ئامىللارنى تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، پەن تەتقىقات نەتىجىسى قاتارلىقلارنىڭ شەھەر – يېزا، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارا تەرتىپلىك ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.4 p! }1 O5 X! h; ~* bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازارنى شەكىللەندۈرۈشكە، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج تۈرلىرى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى سەرخىل، قانۇنى مۇكەممەل، ئۆلچەملىك ۋە ئادىل، باج ئېلىش – باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك بولغان باج تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئىش ھوقۇقى بىلەن چىقىم مەسئۇلىيىتى ئۆزئارا ماسلاشقان تۈزۈمنى ئورنىتىپ، مەركەزنىڭ ئىش ھوقۇقى بىلەن چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، باج تۈرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ كىرىم ئايرىمىسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئادىل، ئاشكارا بولغان خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىل ھالقىغان خامچوت تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانلاش – باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئۆلچەملىك تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن مەھسۇلاتلار، يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئالدىن ئىشلىتىش بويىچە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.: O8 P( G" I8 w, h! B! Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سودا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە، ئوچۇق پۇل مۇئامىلە، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ۋە ھەمكارلىشىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق بولغان، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان، پەرقلىق بولغان بانكا ئاپپارات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ بانكا كەسپىگە كىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېزىلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوچۇق، ئاشكارا بولغان، ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان كاپىتال بازىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، پاي چېكى ۋە زايوم تارقىتىش سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يارىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زايوم ۋە پاي – قەرز بىرلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پېرېۋوت نىسبىتى بىلەن ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. زور ئاپەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، سۇغۇرتا مۈلكى سودىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
0 F  {& w! r" a9 F: S. Y% T5 g0 h    پۇل مۇئامىلىنىڭ ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش – ماسلاشتۇرۇشنى چىڭىتىپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە ماس كېلىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالى بىلەن تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەسىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنى باشقۇرۇش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك./ S. `7 v5 B0 t: Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (7) ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي مىقدار بويىچە تەڭشەش بىلەن نىشانلىق تەدبىر قوللىنىشنى تەڭ يولغا قويۇش، قىسقا مەزگىللىك ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىكنى بىرلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى – سىرتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئالدىن تەڭشەپ ۋە مىكرو تەڭشەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە، مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، مۇھىتنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.2 o9 o9 R% N; F% \6 j+ ^# _) oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئېلىمىزنىڭ ئۇزاق ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى نىشان ۋە ئومۇمىي تەمىنلەش – تەلەپ ئەھۋالىغا ئاساسەن ماكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۆلچەرلەش ئىمكانىيىتى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، تەڭشەش تەسەۋۋۇرى بىلەن سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئارىلىقتا تەڭشەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتىنى ئاساس قىلغان، كەسىپ سىياسىتى، رايون سىياسىتى، مەبلەغ سېلىش سىياسىتى، ئىستېمال سىياسىتى، باھا سىياسىتى ماسلاشتۇرۇلغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە سىياسىتى بىلەن پۇل سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
; ~4 C3 N5 V- T# k) u* M* F    ھۆكۈمەتنىڭ باھانىڭ شەكىللىنىشىگە ئارىلىشىشىنى ئازايتىپ، رىقابەتلىك ساھەلەردىكى تاۋارلار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىش، ئېلېكتىر كۈچى، نېفىت، تەبىئىي گاز، قاتناش – تىرانسپورت، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك ھالقىسىنىڭ باھاسىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.  E: f' L2 O/ M9 Q4 R) D3 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەۋپ – خەتەرنى ئايرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى قۇرۇپ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ۋە رىتىم ئارقىلىق خەۋپ – خەتەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلار، سۇ بايلىقى، ئاشلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.% I4 \7 W3 R9 o7 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    4. ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك! ?& _. U  K- l8 W% C. e2 P" Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماس تەرەققىياتتىن تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىپ، ئاجىز ساھەلەرنى كۈچەيتىش داۋامىدا تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.8 _* t' @+ {- B, E  T1 M' k3 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (1) رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئامىللار تەرتىپلىك ھەرىكەتلىنىدىغان، ئاساسىي فۇنكسىيەسىنىڭ چەكلىمىسى ئۈنۈملۈك بولغان، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تەڭپۇڭ بولغان، بايلىق – مۇھىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان رايون ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.% X8 i8 L5 @3 p. j, \# n6 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، غەربىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى قوللاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا رايوندىكى رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارغا يۈزلىنىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك. شەرقتىكى رايونلارنىڭ ئاۋۋال تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، باشقا رايونلارغا تېخىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىپ يېتەكلەش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاپ، بايلىقى تۈگىگەن، كەسىپلىرى چېكىنگەن، ئېكولوگىيەسى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان رايون قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
" Q* t$ H7 I" d; C9 |2 n    رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى يېتەكلىيەلەيدىغان بىر قانچە ئېشىش قۇتۇبىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەخت بولۇشتىن باشقا ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇپ، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىتنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، نوپۇس، ئىقتىساد مەركەزلەشكەن رايونلارنى ئاۋۋال ئېچىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ، كەسىپلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە خىزمەت تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.& c# K; `' F  ?# q: B4 j( c1 ^* Y: jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (2) شەھەر – يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانائەت يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش، شەھەرلەر يېزىلارنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئامىللىرىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش، مۇۋاپىق سەپلەش ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.0 G# A7 I; ~& ]" z) u- F9 J5 L. oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۆزگىچە ناھىيە دەرىجىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە ئۆزگىچە كىچىك بازارلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش ۋە يېزا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.
' B2 S' g0 l5 s6 y! P; l; t9 @    ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر – بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ياشاش ئىقتىدارى بار يېزا نوپۇسلىرىنى شەھەردە ماكانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – بازار ئاھالىسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىملىق نوپۇسلارنى تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى يېزا نوپۇستىكىلەرنى شەھەرلەشتۈرۈش بىلەن ئۆز ئارا چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – بازار قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قوبۇل قىلىنغان يېزا نوپۇسىدىكىلەرنى ماكانلاشتۇرۇش سانى بىلەن ئۆز ئارا چېتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. شەھەردە ماكانلاشقان دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ پايدىنى تەقسىملەش ھوقۇقىنى قوغداپ، بۇ ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىنى قانۇن بويىچە ئىختىيارىي ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەشنى قوللاش كېرەك. تۇرالغۇ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر – بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللە ۋە شەھەر – يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
# n5 ^6 {" Y8 ]. H) b    شەھەر – يېزىلاردىكى جامائەت بايلىقلىرىنى تەكشى تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتىنى يېزىلارغا ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسلارنى نىسبەتەن كۆپ قوبۇل قىلغان شەھەر – بازارلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر – بازار جامائەت مۇلازىمىتىنى يېزىلارغىچە ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى يېزا تۇرالغۇلىرى ۋە داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت كەنت – بازارلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان يېزا،كەنت قۇرۇش كېرەك.' S) t6 Y5 R7 L' Y1 }$ w$ ], R4 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (3) ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش››، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان خىزمەت يېتەكچىلىكىدە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.% p) O" k; @  o2 R6 v" Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچلەرنى توپلاش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي روھنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن ۋە سىياسەت ئارقىلىق جەمئىيەتتىكىلەرگە توغرا قىممەت قارىشىنى يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
# S8 G+ |( z8 V4 `    ئېسىل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرىنى قۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى رەتلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
( _. C- \+ h( f6 f    مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى، مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسى، مەدەنىيەت بازارلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، باراۋەر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت بايلىقىنى شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غوللۇق مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە مەدەنىيەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە مەدەنىيەت ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.+ J# f, L7 F6 U/ x3 K  _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچلەرنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. توردىكى ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تور مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، تارقىتىش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارالىق تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاشقى تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت سودا شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.7 n) f8 N5 A% }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (4) ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
, R8 Q0 @- a2 V# m    ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى، فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق كۆرۈشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە جەڭ قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
1 i! Q% b4 ?2 @2 `2 s8 H    2020 – يىلىغا بارغاندا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش نىشان – ۋەزىپىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىلىنىدۇ، ماشىنىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايدىغان، مەجبۇرىيەت، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلالايدىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ.
; i: l$ t/ e; @' `    ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، خىزمەت يۈرگۈزۈش سىستېمىسى، سىياسەت بېكىتىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت بىلەن ئۆلكىلەر(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر)دە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلىدۇ. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان مەخسۇس پىلان بېكىتىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكىسى ماس ھالدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش قانۇنىنى چىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېڭىز – ئوكيان، ئالەم بوشلۇقى، تور بوشلۇقى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر ۋە تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىدىغان بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى قۇرۇلۇپ، ئىلغار تېخنىكا، كەسىپ، مەھسۇلات، ئۇل ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئارمىيە بىلەن خەلق تەڭ پايدىلىنىشنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيتىلىدۇ.2 C6 g: E+ A6 d( v( N, K6 c3 `3 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى قويۇقلاشتۇرۇلىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى ۋە خەلق بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ چېگرا مۇداپىئەسى كۈچەيتىلىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ قوللىشى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلارغا پائال ياردەم بېرىشى كېرەك.
9 c5 E4 B) g& b8 K6 d    5. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك
$ d3 r" N+ _4 H0 ]; ^    دۆلەتنى يېشىل بېيىتىش، خەلققە يېشىل نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق باياشات بولۇش، دۆلەت قۇدرەت تېپىش، جۇڭگو گۈزەل بولۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.% h6 ]0 P& u6 [& }+ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (1) ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق ئورتاق ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەبىئەتتىن چەكلىك، تەرتىپلىك پايدىلىنىپ، بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك بوشلۇقى بىلەن ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق شەھەرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك ئەندىزىسى، تەبىئىي قىرغاق لىنىيە ئەندىزىسىنى قۇرۇش كېرەك. بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلغان دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى سىناق قىلىش رايونى قۇرۇش كېرەك.
: z7 y. y2 J$ A" {    بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن شەھەر كۆلىمىنى تەڭشەپ، سۇ، تاغ، يەر تۈزۈلۈشىگە باغلاپ شەھەر شەكلى ۋە فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاپ، يېشىل پىلانلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش كېرەك.. {# ~0 i" R3 z' K% Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    يېشىل، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى يېشىل، پاكىز زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھۈنەر – سەنئەت، تېخنىكا، سايمانلىرىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات فوندى قۇرۇش كېرەك.
9 q* X* U* M( h5 s, @    بايلىق، مۇھىت، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئېكولوگىيەلىك قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ مۇھىت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېشىل ئىستېمال قىلىش ئېڭى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.; V8 j7 J) @- u# R$ l2 o& f+ `6 z# @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (2) ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي تۈزۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي فونكسىيەلىك رايونلار پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار پىلان خەرىتىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونلار مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەگە ئاساسەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى پىلانلاشنى ئاساس قىلىپ، تۈرلۈك بوشلۇق پىلانلىرىنى بىر تۇتاش لايىھەلەپ، ‹‹كۆپ پىلانلارنى بىرلەشتۈرۈش››نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
! }) o7 h. K. w' N    بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق ئەلالاشتۇرۇلغان تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹شەھەر كېسىلى››نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئېشىش مىقدارىنى يىلدىن – يىلغا ئازايتىش كېرەك. نۇقتىلىق تەرەققىيات رايونلىرىدا كەسىپلەر ۋە ئاھالىنىڭ توپلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىدا كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش سەلبىي تىزىملىكىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ۋە نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى تولۇقلىما بېرىشنى كۈچەيتىپ، توغرا لىنىيەلىك ۋە ئېقىنلار ئېكولوگىيەسىگە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، بىر تۈركۈم دۆلەت باغچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك.. `4 ^  v6 R7 I0 ?% Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قۇتقۇزۇش، قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قۇتقۇزۇش، كۆپەيتىش مەركىزى ۋە گېن ئىسكىلاتىنى قۇرۇش كېرەك. ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقا يەرلەردىن كەلگەن زىيانلىق تۈرلەرنىڭ بېسىپ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پىل چىشى قاتارلىق ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ – سېتىشقا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.( _, @% W; _# X& pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنى بىرلىك قىلىپ، بوشلۇقنى پىلانلاش، ئىشلىتىلىدىغان ئورۇننى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش، رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، پەرقلەندۈرۈلگەن ئۈنۈم باھالاش قاتارلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان بوشلۇق تۈزەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.
" H1 X7 @. O$ F$ f$ r    (3) تۆۋەن كاربونلۇق دەۋرىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. غەيرىي بىرىكمە بايلىقلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈر قاتارلىق غەيرىي بىرىكمە بايلىقلاردىن پاكىز، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، بىئوماسسا ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يادرو ئېلېكتىر كۈچىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. زاپاس ئېنېرگىيە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تەقسىملىمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېجەشلىك، تۆۋەن كاربونلۇق ئېلېكتىر كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. قېزىش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلام گازى، سلانېتس گازىنى پائال ئېچىش كېرەك. ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىدىغان بازار مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
& Y1 ~) F2 x/ ~( g0 l, R4 b    تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش – تىرانسپورتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تاللاشنى يولغا قويۇش، تۆمۈريول قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ۋېلىسىپىت قاتارلىق پايدىلىق قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش، ئېلېكتىروموتورلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېنېرگىيە ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، زىيانسىز قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
6 U2 z) [1 T9 g2 p1 u# @    كاربون قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىش، يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېلېكتىر كۈچى، پولات – تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش چوققا قىممەت نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئاساسەن كاربون قويۇپ بەرمەيدىغان ئۈلگە رايون قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك.6 M  j: X  t. ^" @9 g$ x( Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    دەۋرىي تەرەققىياتتا باشلامچى بولۇش پىلانىنى يولغا قويۇش، كارخانىلارنىڭ ئايلانما ئىشلەپچىقىرىشىنى، كەسىپلەرنى ئايلانما شەكىلدە بىرلەشتۈرۈش، باغچا رايونلىرىنى ئايلانما شەكىلدە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش، ئورۇنلارنىڭ ماددىي سەرپىياتىنى ئازايتىش كېرەك. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىشنى ۋە ھاسىلىي بايلىقلارنى يىغىۋېلىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ دەۋرىي ئۇلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك./ \& m& p" f9 P; H0 V/ X% i( N' iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (4) بايلىقلاردىن ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك دەۋرىي پايدىلىنىدىغان بايلىق قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.; j7 B/ j6 H; Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە ۋە سۇ بايلىقى سەرپىياتى، قۇرۇلۇش يېرى قاتارلىقلارنى ئومۇمىي مىقدارى ۋە كۈچ قاتارلىق ئىككى جەھەتتە كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. پۈتۈن خەلق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ بايلىقىنى تېجەش، يەر بايلىقىنى تېجەش، ماتېرىيال تېجەش، كان بايلىقىنى تېجەش ئۆلچىمىنى يۈرگۈزۈش، ئېنېرگىيە ۋە سۇ ئۈنۈمى بويىچە يېتەكلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
8 f. Y4 h9 c3 F: o, `8 a    ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈش، سۇغا ئاساسەن مەھسۇلاتنى ۋە شەھەرنى بېكىتىش، سۇ تېجەيدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك. سۇ باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، سۇ تېجەش پىلانىنى تۈزۈش، يامغۇر، كەلكۈن بايلىقىدىن پايدىلىنىش، قايتا ئىشلەنگەن سۇدىن پايدىلىنىش، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، دۆلەت يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش، يەر ئاستى سۈيىنى قېزىش رايونىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەڭ قاتتىق تېجەشلىك يەر ئىشلىتىش تۈزۈمىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش، قۇرۇلۇش يېرى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سانائەت يېرى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، شەھەر، بازارلارنىڭ تۆۋەن ئۈنۈملۈك يېرىنى قايتا ئېچىش ۋە زاۋۇت – كانلارنىڭ تاشلاندۇق يېرىنى قايتا ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ، ھاردۇق ئالدۇرۇپ تېرىيدىغان تېرىقچىلىق تۈزۈمى سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
8 g# R' P: a4 X3 N1 x    ئېنېرگىيە ھوقۇقى ۋە سۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش، بۇلغانما، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنىڭ دەسلەپكى تەقسىمات تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەقلىق ئىشلىتىش، خامچوت باشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈشكە ئاتلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، سودا بازىرىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيەنى توختاملىق باشقۇرۇش ۋە سۇ تېجەشنى توختاملىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك./ {* H1 M' X" g6 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، ئىسراپچىلىقنى قاتتىق توسۇش، ئىسراپخورلۇق ئىستىلىنى چەكلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ساقلاش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردا ئومۇميۈزلۈك تېجەشنى يولغا قويۇش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىشنى باشقۇرۇش، ئارتۇقچە ئوراپ – قاچىلاش، يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلىش، ئارتۇقچە ئىستېمال قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئىقتىسادچىل – تېجەشلىك جەمئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.9 l6 _& i$ l% o2 x4 Q( x" _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (5) مۇھىت تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش، ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئامما بىرلىكتە باشقۇرىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
; y0 X  Z; M0 d# [  _    زىيادە بۇلغانغان بۇيۇملارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىش، شۇنداقلا ۋادىلارنى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى كەڭ يولغا قويۇش، سانائەت بۇلغىما مەنبەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بۇلغىما قويۇپ بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش، شەھەر، بازارلار تۇرمۇشىدىكى بۇلغانما سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىتىش ۋە ئۇنىڭ مۇقىم ئىجرا بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇلغانما بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇششاق دانىچە بۇيۇملار قاتارلىقلارنى مۇھىت سۈپەت كۆرسەتكۈچىدە چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچكە كىرگۈزۈش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش، ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە مەنبەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ يوللىرى ھەم ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىدىكى كېرەكسىز بۇيۇملارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.3 g1 w& n% W6 T) mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مۇھىت تۈزەش ئاساسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، مۇقىم بولغان بارلىق بۇلغىما مەنبەلىك كارخانىلاردا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئۆلكىدىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا بىۋاسىتە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن توردا نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇھىت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون ھالقىغان مۇھىت ئاسراش ئورگىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش. مۇھىت ئاسراشتا نازارەت قىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
7 j. ]. t1 S+ P1 ?7 {    (6) ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاش كېرەك. ئاسراشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، تاغ، دەريا، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك قوغداش ۋە ياساش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك كارىدور ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورىنى بەرپا قىلىش، ئورمان، دەريا، كۆل، زەيلىك، ئوتلاق، ئوكيان قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
8 G( @7 P1 @$ z* {' [    زور كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئورمانچىلىقتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىش، ئىھاتە ئورمانلارنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىھاتە ئورمانلارنى تىجارەت خاراكتېرىدە كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش، ئورمانلىق كۆلىمى ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. دۆلەت ئورمانلىق رايون ۋە ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئوتلاقلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي ئۆسكەن، چوڭ دەرەخلەرنى شەھەرلەرگە يۆتكەپ تىكىشنى چەكلەش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.1 t* g5 K# L8 m! k) y/ d, F' Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دەريا – ۋادىلارنى سىستېمىلىق تەرتىپكە سېلىش، دەريا، كۆل، ئامبار سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش، تېرىلغۇدىن زەيلىككە قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن سازلىققا قايتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. چۆللىشىش ۋە سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەريا ۋە سۇ مەنبەلىرى قاتارلىق سۇ مەنبەلىرىنى ساقلاش رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆك رەڭلىك دېڭىز باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.; A7 w, g% f. mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    6. ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك! g9 ]7 l2 S4 Y1 {; h, ^* Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچ، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
5 O) E/ m+ y( [1 t) l+ M    (1) ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارالىق ئامىللارنى تەرتىپلىك يۆتكەش، بايلىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، بازارلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.4 D) E+ T* t" J6 z' I  Y: e8 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن رايونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق بويىدىكى رايون پورتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت قاتناش كارىدورىنى ئېچىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپكە ئېتىبار بېرىدىغان سىرتقا ئېچىۋېتىش بازىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى قوللاپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە ئىقتىسادىي رايونلارنى يېتىشتۈرۈپ، چېگرا رايوندىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرى ۋە چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
$ ~( D1 o" O" }; |. g0 [- H    تاشقى سودىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىدىكى چوڭ دۆلەتتىن سودىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قەدەم تاشلاش كېرەك. تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى سودا تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت بازارلىرىنىڭ سىغىمچانلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تاشقى سودىنى ئەلا سۈپەت، ياخشى باھا، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە يۈزلەندۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى ياساش قاتارلىق يېڭى ئېكسپورت يېتەكچى كەسپىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. سودا مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئاكتىپ ئىمپورت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشىكنى دۇنياۋى چوڭ بازارغا ئېچىۋېتىش كېرەك.
$ K  X4 p$ ^. X1 \- h* c    مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىجازەت چېكىنى قويۇۋېتىش، چېگرا سىرتى مەبلىغى ۋە ئىلغار تېخنىكىسىنى ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، ئۈسكۈنە، تېخنىكا، ئۆلچەم، مۇلازىمەت چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، باھا زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم كۆپ مىقدارلىق مەھسۇلاتلارنى چېگرا سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارالىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۈسكۈنە ياساش ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سۇپىسىنى ئاكتىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
+ R3 ^3 |) U& N3 c! v, r. S; m" Z    (2) ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش تىجارەت مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا پايدىلىق ھەم خەلقئارا سودا مەبلىغى قائىدىسىگە مۇناسىپ تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىچە سودا شەكلىگە قولايلىق تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىپ، سودا مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەككە كۆزنەك ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەقلىد قىلىپ ياساشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.& c: B# R( O5 R6 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىجازەت قىلىشتىن بۇرۇن مىللىي مۇئامىلىگە سەلبىي تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىچكى – تاشقى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە، كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ بازارغا كىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.0 _2 ~6 H: i' Y( Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ قوش يۆنىلىشتە ئېچىۋېتىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇق دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان، ئەركىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان پۇلغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجابىي تىزىملىكتىن سەلبىي تىزىملىككە ئۆزگەرتىش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش، ئالماشتۇرۇش چەكلىمىسى، كارخانا ۋە شەخسلەر تاشقى پېرېۋوتىنى باشقۇرۇش تەلىپى ۋە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى چېگرا سىرتىدا ئىشلىتىشنى چەكلەشنى قويۇۋېتىش كېرەك. خەلقئارالىق كىرىم – چىقىمنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق كىرىم – چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. كاپىتال بازارلىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سوممىسى چەكلىمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.
% Z( ?, H* Y# B# o3 g+ U! K* T% \    تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، ئەدلىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئۆزئارا ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. چەت ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش، باجدىن قېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.3 X' p& ^) d/ tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (3) ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەمىمىي، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، بازارلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار كۆپ ساھەلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز – ئوكيان، ئىچكى، تاشقى بىرلەشمە ھەرىكەت ۋە شەرق، غەربنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.; N% e8 n! f* q! o1 O' R. Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇل ئەسلىھەدىكى ئۆزئارا ئالاقە ۋە خەلقئارالىق چوڭ ئۆتۈشمە يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كارىدورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە بايلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چەت ئەل كەسىپلىرى توپلانغان رايوننى ئورتاق بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك.5 h; A$ o0 l% H- p# o/ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، يىپەك يولى فوندىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا مەبلەغنى جەلپ قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك، ئورتاق پايدا ئالىدىغان پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.
0 r5 o8 \$ n+ K9 x# L' ]9 e; u    (4) ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئورنى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دېموكراتىيە، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاش كېرەك.
6 E' v$ M5 ^9 r9 v3 p$ d    شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى، سودا ئىشلىرىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. شياڭگاڭنىڭ دۇنيادا قىرغاقتىن ئايرىلغان خەلق پۇلى كەسپىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنىنى كۈچەيتىشنى قوللاپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سودا، ئوبوروت، كەسپىي مۇلازىمەت قاتارلىق يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يۆنىلىشىگە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاۋمېننىڭ دۇنيا ساياھەت، ئىستىراھەت مەركىزى، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە تىلى دۆلەتلىرىنىڭ سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاش، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىغا ماس كېلىدىغان كۆپ مەنبەلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.7 y, [7 r+ V3 t$ Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چيەنخەي، نەنشا، خېڭچىن قاتارلىق گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلار، خەلق تۇرمۇشى، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پان جيۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
2 d4 I+ @* k0 D0 F% f, Q    92 – يىل ئورتاق قارىشى ۋە بىر جۇڭگو پىرىنسىپى، ‹‹ئىككى قىرغاقتىكىلەر قېرىنداش›› دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇسۇلىدا ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق قارىشىنىڭ ماس تەرەققىياتى، پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى ھەمكارلىق ۋە سودا ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق قوش يۆنىلىشلىك ئوچۇق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېڭىز بوغۇزىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئىقتىساد رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىڭتەن قاتارلىق تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىش سۇپىسىنى، قۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەن پۇقراسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
, G2 ^/ b; B8 h9 ]% Y, R+ h3 K    (5) دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد كۈنتەرتىپىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنى باراۋەر، ئادىل، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى خەلقئاراغا ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تور، دېڭىز ئاستى، قۇتۇپ، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يېڭى ساھەلەردە خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش كېرەك.. L. v0 D2 O; o2 @( U+ J3 c& A* q" aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ تەكشى، ئورتاق پايدا ئېلىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد – سودا قائىدىسى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە باراۋەر قاتنىشىشىنى قوللاپ، خەلقئارا پۇل سىستېمىسى ۋە خەلقئار پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.' V2 q' H4 [1 K8 H3 P  g! wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچەش كېرەك.
+ s5 t7 Z( N) i0 q& Y' ?    (6) خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى پائال ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ئورتاق، بىراق پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى، باراۋەرلىك پىرىنسىپى، ئۆز ئىقتىدارى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سۆھبىتىگە پائال قاتنىشىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
% R( v1 F/ o3 n. V    سىرتقا ياردەم بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سىرتقا ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ھەقسىز ئادەم كۈچى بايلىقى، تەرەققىيات پىلانى، ئىقتىسادىي سىياسەت قاتارلىق مەسلىھەتچىلىك بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، پەن – تېخنىكا مائارىپى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىش، مۇھىتنى تۈزەش، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق ساھەلەردە سىرت بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىشنى كېڭەيتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 2030 – يىلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش كېرەك.: Y( t! H  Z  x  |+ lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەلقئارا جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىنى پائال قوللاپ ۋە قاتنىشىپ، يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشتا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قىزىق نۇقتا، سەزگۈر مەسىلىلەرنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىپ، خەلقئارا يول بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قاتنىشىش، خەلقئارا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.3 M2 z$ m. Q' w  x4 j3 w) oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    7. تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك
9 c: X8 @+ u: v    ھەممە كىشى قاتنىشىش، ھەممە كىشى كۈچەش، ھەممە كىشى بەھرىلىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاخىرقى چەكتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۆلچەر مەزگىلگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇرسەت باراۋەر بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە بىرلىكتە كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.! h7 J- j& a4 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (1) جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.3 W* F1 i5 L9 U  B" Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە جامائەت ساقلىقنى ساقلاش، ئاممىۋى مەدەنىيەت، مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.8 L" L( g! X, F; v( Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، ھۆكۈمەت قايتا ئۈستىگە ئالماسلىق؛ ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىشىپ تەمىنلىگەن بولسا، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قاتنىشىشىغا ئومۇميۈزلۈك يېتەكلەش، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك.3 [+ K3 }& Y: iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (2) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە. سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.
6 P- X$ X& n/ C5 x+ ^) N    نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش، نامراتلىقتىن نىشانلىق قوتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئادەم ۋە يەر سەۋەبلىك سىياسەتنى يولغا قويۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامرات ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ يۆلەپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاش، ‹‹بىر جاينىڭ تەبىئىي بايلىقى شۇ جاينى باقالمىغان بولسا››، نامراتلارنى يۆلەش ۋە كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيە، بولۇپمۇ مۇھىم ۋە ئاجىز بولغانلارغا ئېكولوگىيەلىك قوغداش، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى قوللىنىش، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانلارغا ئاشكارا كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، كېسەل سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنى داۋالاپ، قۇتقۇزۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنى جىپسىلاشتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىك بولسا، بالدۇرراق سۇغۇرتىلاش كېرەك., k" q3 q2 l9 X4 U4 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، يول، سۇ، توك، تور مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. نامرات رايونلاردا سۇ – توك، قېزىلما بايلىقى كوللېكتىپ يەرنى ئىگىلىۋالغان بولسا، ئەسلىي ئىگىسىگە كوللېكتىپ پاي ھوقۇقى بېرىش ئۇسۇلى بىلەن تۆلەم بېرىشنى سىناق قىلىپ، نامراتلارغا مۈلۈكتىن پايدا ئېلىش، يۆلەش تۈزۈمى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
/ Z/ d3 y5 X" f; ~6 a    نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ سۈپىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلاردا تۈپ جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى ئامانەت بالا ۋە ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
8 A! z5 e# t4 b. W% v3 [3 }    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. مەركەز بىر تۇتاش پىلانلىغان، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان، شەھەر(ۋىلايەت) ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەشكە مەبلەغ ئاجرىتىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ۋە سودا خاراكتېرلىك ئۆزئارا تولۇقلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتىكى يېڭىچە مەبلەغ يوللىرىنى ئېچىش كېرەك. شەرق بىلەن غەرب ھەمكارلىشىش ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، قىسىملار، خەلق تەشكىلاتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى بەلگىلەنگەن نۇقتا قىلغان نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەخس ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھۆددىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، مەركەزلىك تۇتاش نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك.
1 K1 I% Q# r: k& J! K" M: t3 Y1 m    (3) مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، تەنتەربىيە جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پۇقرالارنى تەربىيەلەش ئومۇمىي مۇساپىسىگە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.7 |7 d  J# m) X  S1 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپىدىكى پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەدرىجىي تۈرلەرگە بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىلىدىغان يەسلىلەر تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
* j. y+ B0 J% E" ^9 q; W! p7 ^    مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەر، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، بولۇپمۇ يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.( {3 W8 c! m3 T9 G, `# |4 a& ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە بىر تۈركۈم پەننى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ياكى يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانىنى ھەمكارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن – كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، شارائىت ھازىرلىغان ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى ئەمەلىي بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك./ E$ q( Z! U9 E" N" Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شەخسىي ئۆگىنىش ھېسابات نومۇرى ۋە ئوقۇش نومۇرى جەملەش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، داۋاملىق تەربىيە ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىراقتىن ئوقۇتۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مائارىپ مۇپەتتىشلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە ئەلئارا كاپىتالنىڭ كۆپ خىللاشقان مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
  h% `! y1 I! W" g    (4) ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىجابىي ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يەنىمۇ كۆپ ئىش ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيەتلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەممە كىشىگە يۈزلەنگەن ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
7 j5 H2 ^3 d2 ^1 m9 d    ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر، يېزا، رايون، كەسىپكە ئايرىش ۋە سالاھىيەت، جىنسىي كەمسىتىشنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
% T" X6 J4 k' _    ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىشسىزلار ۋە ئىش ئورنى ئالماشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى كەسىپ بويىچە تەربىيەلەشتىن ھەقسىز بەھرىلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. خىزمەت بىلەن ئۆگىنىش بىرلەشكەن، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلاشقان تېخنىكىلىق ئىشچىلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا يېڭىچە شاگىرتلار تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخنىكلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى، ماھارەت دەرىجىسى قاتارلىقلارنى چوڭ شەھەرلەر بىلەن ماس قەدەمدە بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش كېرەك.
. w) `; y1 t* z% F0 \1 u0 H7 V    ئەمگەك كۈچى ساپاسى، ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتى، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ رايون، كەسىپ، كارخانىلار ئارىسىدىكى ئەركىن يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.0 B! G+ a) ?$ b0 x. Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىق كۆرسەتكۈچىنى ئىستاتىستىكا قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.. v2 z! [+ G: X0 ]" T2 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (5) كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك. ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ماسلاشتۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك. مىللىي دارامەتنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، دەسلەپكى تەقسىماتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قايتا تەقسىماتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
! u1 L9 i' t5 k* W+ K9 }    ئىلمىي مائاش سەۋىيەسىنى بېكىتىش مېخانىزمى، نورمال ئېشىش مېخانىزمى، چىقىم كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەڭ تۆۋەن مائاشنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازار باھا بېرىش ئامىلىنىڭ تۆھپىسى ھەم تۆھپىگە ئاساسەن تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
+ K1 k# u9 b% ^+ [8 {% b    كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كىرىمى تۆۋەن ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، كىرىمى ئوتتۇراھاللارنىڭ نىسبىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ۋە تۈرلەرگە بۆلۈش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئاھالىنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك. كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق كىرىمنى قوغداپ، يوشۇرۇن كىرىملەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق، مەمۇرىي مونوپول قاتارلىق بازار ئامىلى سىرتىدا ئېرىشىلگەن كىرىمنى توسۇش، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەش كېرەك.
# t3 G+ n; k3 m2 L    ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. جەمئىيەتكە قايتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.) H) j' u6 o1 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (6) يەنىمۇ ئادىل، يەنىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەپسىلىي ھېسابلاش ۋە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ توپلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، شەخس قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
' c7 B! E: m9 ?3 u- r    ئىشچى – خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تۆلىگەنلەر كۆپ ئېرىشىش رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنى مۇۋاپىق تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىغا مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەۋپ – خەتەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەپكە ئېرىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى پايدىسىنى ئاممىۋى مالىيەگە تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاشقا ئاجرىتىش كېرەك. پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. كەسىپ يىللىق فوندى، كارخانا يىللىق فوندى، سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
% I. l( N+ L3 `    داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەبلەغ توپلاش ۋە ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەقلىق قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەقنى كونترول قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شەخسىي ئىسچوتنى ياخشىلاپ، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ۋە بېجىرىش، باشقۇرۇشنى رەتكە سېلىش كېرەك. تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. سودا سۇغۇرتىسى ئاپپاراتلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش كېرەك.+ _; t# Q$ F. n% {& A4 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسەتنىڭ باغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى رەتكە سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.. T: G1 j, A. t4 ~. e5 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (7) ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېببىي دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمى ۋە زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.& j8 ^5 V$ G2 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، مەنپەئەت قوغلىشىش مېخانىزمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، داۋالاش ساھەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كادىرلار مائاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى، تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، جىپسىلىشىپ، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى تولۇقلاپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. داۋالاش بايلىقلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام، يېزىلارغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇر، ئائىلە دوختۇرى، جىددىي ئېھتىياجلىق ساھەلەرنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ساغلاملىق كەسىپلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. داۋالاش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تالاش – تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق دوختۇر، ئاغرىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.& N& b! L; ?. I4 s/ i- Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالەت مېخانىزمىنى تولۇقلاپ، دورا باھاسىنى رەتلەپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدە دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دورا سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، يەرلىك كېسەل قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش ۋە كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئېغىر كېسەل، جاھىل كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى كېمەيتىش كېرەك. ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
/ z7 G( ^9 a: ~+ ~5 n    يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، قاتتىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنى خاتىرجەم يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.. S& H$ }3 [8 Y7 q9 O# uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (8) نوپۇسنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. كۆپىيىش ئورگانىزملىرى ساغلاملىقى، ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش، ئائىلە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.) z) H9 }! _# |+ jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتەك ئىجتىمائىي ئىستىلىنى تەشۋىق قىلىپ، ئائىلىدە تۇرۇپ بېقىشنى ئاساس قىلغان، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلغان كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت كۈتۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى، پاي ھوقۇقى ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش كېرەك.
3 t5 V! n  o+ k7 J, ?4 ]    ئەر، ئاياللار باراۋەر بولۇش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
# g% }2 z" O: z% L0 G1 n) `    8. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك
' \" @3 C/ `& D- u8 r( c    تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى جەزمەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
% W7 E6 `  [( O1 Q    (1) پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمەت تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) لارنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ۋە نازارەت قىلىش رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتكوم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىش، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى قەرەللىك ئانالىز قىلىش، مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلارنى تەتقىق قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
4 D0 f3 Y; Q4 X8 K. u6 {5 ?; |  j7 t    رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك، كەسىپكە پىششىق، ئىدارە قىلىشقا ماھىر، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەتىجە، ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى ۋە مۇكاپاتلاش، جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.) Y! v9 V# A0 P9 o* x  Y  }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق كادىرلارنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
2 h7 g5 V- |/ v* N! K$ w4 q$ `    چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى توختىتىپ قويۇشقا، بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىدە قاتتىق بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلەشمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، كادىرلار پاك، دۇرۇس بولۇش، ھۆكۈمەت پاك، ئىنتىزامچان، سىياسىيدا پاك بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
' ~. c& {3 r) d  T( @    (2) خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاممىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى قۇرۇشتىكى خوجايىنلىق ئېڭىنى قوزغاش كېرەك.
/ r& J; G& L# ^7 C6 N4 i# s8 K    ئىدىيە – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى خىزمەت تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، خەلقنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى توغرا ھەل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي تۈردە قوغداش كېرەك.
7 ^: h' `2 x7 w! {    ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ زىيالىيلار، مىللەت، دىن، مۇھاجىرلار ئىشلىرى سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، دىن ۋە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە مۇناسىۋىتى، مىللەت مۇناسىۋىتى، دىن مۇناسىۋىتى، قاتلام مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇناسىۋەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
; }6 }: ?: ?' }7 _# {, g7 Q    (3) ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە سىياسەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
( J8 ~, A4 l: C    ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹سەردار، سەرخىل، قابىل، كەمچىل›› ئىختىساسلىقلارنى كۆزلەپ، زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيە ئالىملىرى، پەن – تېخنىكا باشلامچىلىرى، كارخانىچى ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن بايقاش، يېتىشتۈرۈش، ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەخسلەرنى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.+ \  d9 g( G' B, H% }; Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئادەم كۈچى كاپىتالىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ۋېرتىكال ۋە گورىزونتال ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەم ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنالايدىغان ۋە ياش ئىختىساسلىقلار ئۆز تالانتىنى نامايان قىلالايدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلامغا، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا يۈزلەندۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.* ^9 D1 Q* V( w1 s3 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (4) قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلىرىغا ئاساسەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزامىغا ئاساسەن پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.; X& r& S+ A2 k0 s1 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىش، قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قانۇننى چۈشەندۈرۈشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى كەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان قانۇن – نىزام سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك.3 m! ~' d8 ?9 b- f' Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە بېكىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە چەكلەش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى قانۇن بويىچە تەڭشەش ۋە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال قانۇن يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ھوقۇققا قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشنى، ھوقۇقنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇننى ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتە ياخشى بولغان قانۇن ئىدارە قىلىش كەيپىياتى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.+ c) _, V& I  E! D6 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (5) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. تىنچ – ئامان جۇڭگو قۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەنپەئىتىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش، ماجىرانى ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەھەللە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالە ئاپتونومىيەسىنىڭ ئۆز ئارا ھەمتۈرتكىلىك رولىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
8 A# H' o$ S" [4 ]4 e, ?% `; n    جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئاساسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ نوپۇس ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرى، بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى تۈزۈمى ۋە ئالاقىدار ئۆز نامىدا تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ پىسخىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يېتەكلەش مېخانىزمى، كىرىزىسكە ئارىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
* W5 m$ M8 V- I* ^: @9 O7 Q- i    جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلغان ھالدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. زور تەدبىر، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالدىن مەلۇم قىلىش ۋە تەڭشەپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش كېرەك.* q" P% E: a9 q& Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بىخەتەر تەرەققىيات ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بىخەتەرلىك ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى ئوخشاش ئۈستىگە ئېلىش، ‹‹بىر ئورۇن، قوش مەسئۇلىيەت››، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ۋە تۈپتىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالدىن مەلۇم قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئامباردا ساقلاش بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت ئاسراشقا دائىر كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىقتىدارى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.8 p2 z& y6 S9 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئائىت ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئۇچۇر، دۆلەت مۇداپىئە قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.$ C' }- \' E8 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    (6) 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقىشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەزكۇر تەكلىپتە بېكىتىلگەن تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئاساسلىق نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، زور تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا، ئۆز رايونىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك يىرىك پىلاندا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېنىق بېكتىلگەن كۆرسەتكۈچنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.# K% u& i& d1 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىستىقبالىمىز پارلاق، ۋەزىپىمىز مۈشكۈل. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممەيلەن بىر نىيەتتە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرەيلى!
6 j* i7 N' V3 j' O# K7 h2 H
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-26 09:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش