باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
بېسىپ قويغان يۈرەككە تامغا،ئىگە قىلىپ مۇپەسسەل نامغا،
شېرىن سۆيگۈ تولدۇرغان جامغا،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
ئۆرنەك ئېلىپ كۆڭۈللۈك چاغدىن،
ئورۇن تۇتۇپ خۇشپۇراق باغدىن،
ئازاد قىلغان كۆڭۈلنى داغدىن،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
سۇنۇق دىلدىن قوغلىغان پىراق،
يېقىپ ۋىسال پەسلىگە چىراق،
قايغۇ-دەردنى كەتكۈزگەن يىراق،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
سۆيگۈ بېرىپ ئوخشاتقان بايغا،
مەپتۇن قىلىپ مۇقەددەس جايغا،
تەكلىپ قىلغان قىزىغان چايغا،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
خىلۋەت يەردە ئېچىلغان رەنا،
قوشقان گۈزەل ھاياتقا مەنا،
بولۇپ ئاقىل يولباشچى دەنا،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
ئاشىق جاندا قوزغاتقان ھۇزۇر،
مەسۇم توزدەك ياسىنىپ پۇزۇر،
مىقدار سۆزچە قويمىغان قۇسۇر،
باھار دېگەن چىرايلىق ئىسىم.
پاھـ - پاھ......نىمىدىگەن پاساھەتلىك...يېقىشلىق...تاتلىق شېئىر بۇ.....بەك بەك ياقتۇردۇم...رەھمەت سىزگە...قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.... پاھـ - پاھ......نىمىدىگەن پاساھەتلىك...يېقىشلىق...تاتلىق شېئىر بۇ.....بەك بەك ياقتۇردۇم...رەھمەت سىزگە...قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.... شىئېرىڭىز بەك تاتلىق چىقىپتۇ ئۇستاز. ھارمىغايسىز. بەددىئىلىكى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر! ئېلھام دېگەن باركەن جۇمۇ!!! ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن. شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ نادىر شىئىرلىرىڭىزغا تەشنامىز ! شىئېرىڭىز بەك تاتلىق چىقىپتۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان ۋە قىزغىن ئىلھام بەرگەن دوستلارغا تەشەككۈر! شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارماي چاپقاي .........
بەت:
[1]
2