kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 16:07:59

ئانا يۇرتۇم

ئانا يۇرتۇم
(توختىكىرىم ئابدىكىرىم)
ئانا يۇرتۇم سىنىڭكى تاغ سۇلېرىڭ شەربەتتىن،
ئېقىپ چىققان باغرىڭدىن ھەر بۇلىقىڭ شەربەتتىن،
بېقىپ كەلدىڭ ھەر جاننى خالىي بۇلۇپ مىننەتتىن،
بىز چوڭ بولدۇق ئۈستۈڭدە،بەھرە ئېلىپ زىننەتتىن،
خالىي بولغىن ئەي ئانا مەڭگۈ جاپا-غۇربەتتىن.

بەردىڭ بىزگە ئۇسسۇلۇق،ئۈزۈم،ئالما،ئاناردىن،
خۇشپۇراقلار كەلتۈردۇڭ ،چىچەكلەردىن،باھاردىن،
تىمەن بۇلۇپ ئۆستۇق بىز ،ھېچ قالماستىن قاتاردىن،
ساڭا نەغمە،كۈي قاتتۇق،جاراڭلىتىپ ساتاردىن،
سىنى گۈلگە پۈركەشچۈن ،كەچسەك مەيلى راھەتتىن.

تاڭ سەھىرىڭ خۇش ھاۋا،سايرىشىدۇ تورغايلار،
«مىنى ئورغىن»دەپ سەلكىن شىۋىرلىشار بۇغدايلار،
مول-ھۇسۇلنىڭ مىھرىدىن خۇشال ئۆتەر كۈن-ئايلار،
ئىتىكىڭدە يايرىشار،بالىلار ھەم بوۋايلار،
خۇشال بۇلۇپ ،شادلىنىپ،ساڭا تۆككەن مىھنەتتىن.

قىز-چوكانلار چاچلېرى ئۆرۈم-ئۆرۈم،قىياقتەك،
ئاھۇ كۆزى چولپاندەك،ئېقىپ تۇرغان بۇلاقتەك،
ئاغزى شىرىن-شەربەتلىك،گەپ-سۆزلېرى چاقماقتەك،
بىلى زىلۋا-ئىنچىكە،تال-چىۋىقتەك،تاياقتەك،
پەرى كەبى ئۇز ئۇلار،ئۈزەڭ بەرگەن رەھمەتتىن.

تاغلار تالقان بۇلىدۇ،يىگىت-ئەرلەر قۇلىدا،
مۈشكۇلات يوق ھەر دوقمۇش،ھەتتا چېغىر يۇلىدا،
ھىيلىگەر يوق،شەيتان يوق،خەلقىم ئوڭۇ-سۇلىدا،
ئاقكۆڭۈللۈك،چىن مەردلىك بولغاچ ھەممە ئۇلىدا،
دۈشمەنلېرىڭ قان يۈتسۇن،ئاتا قىلغان بەركەتتىن.

(2015-يىلى1-ئاينىڭ 3-كۈنى،قارقاش)
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 16:48:18

ياخشى يېزىپسىز، قاپىيەگە دىققەت قىلشتىن باشقا رېتىم، تۇراقلارغىمۇ، مەزمۇن، ئشلەتكەن سۆزنىڭ گۈزەللكگمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن!داۋاملىق ئىزدىنپ ھارمىغايسىز!

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 19:34:00

تىل ئىشلىتىش ماھارىتىڭىزگە تولىمۇ قايىل بولدۇم . مۇشۇنداق ئېسىل يازمىللىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 22:23:10

كېرىمۇللانىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن، ياخشى يېزىپسىز.

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 13:08:39

ئەلتۈرگ يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 16:48
ياخشى يېزىپسىز، قاپىيەگە دىققەت قىلشتىن باشقا رېتىم،...

مەنمۇ ئەلتۈرۈككە ئوخشاش كۆز -قاراشتا .
ئانا يۇرىت مۇھەببىتى يۈرەكتە ھەر قاچان ئېقىن سۇدەك كۇۋەججەپ تۇرغاندا ئاندىن ياشاش ئۆز ئەھمىيتىنى تاپقان بۇلىدۇ .
قارىقاشتىن قەلەمكەشلەر نىمانچە كۆپ چىقدىغاندۇ ؟

2938335372 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 15:13:44

ئاكامۇيسىز نىم خىزمەت قىلسىز.

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 23:47:17

مانما؟ مەن ھېساپچى ئ‍ەپەندىم ،قانداق گەپلېرى باما؟

كىرەم133 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-24 00:43:50

قەلىمىڭزگەيەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن،
بەت: [1]
: ئانا يۇرتۇم