arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 00:11:00

خىيالىمدا بىر پەرى

خىيالىمدا بىر پەرى

ياسىنجان ئوسمان ئەركزات


قىزىلتاغنىڭ ئاپئاق ئايدىڭ كېچىسى،
نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ سەيلىگە.
بەكمۇ ئەپسۇس، تۇرمۇش شۇنچە رەھىمسىز،
بېقىنمايدۇ ھېچبىر ئىنسان مەيلىگە.

دۆڭكۆۋرۈكنىڭ شۇنچە ئاۋات رەستىسى،
مىغىلدىغان تەنلەر بىلەن جانلىنار.
خىيالىمدا پەقەت گۈزەل بىر پەرى،
تەشنا دىلىم شۇ جاناننى سېغىنار.

جىمىرلىغان يۇلتۇزلارغاقارايمەن،
سېغىنغاندا كۆزلىرىڭنىدىلبىرىم.
ۋىسال ئىزدەپ سامادىكى خانەڭدىن،
ئۇچۇپ كەتتى ساڭا شەيدا كەپتىرىم.


2015-يىل12-مارت، ئۈرۈمچى

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 00:25:51

(خيالىمدابىرپەرى) تىماماۋزۇسىئالاھىدەدىققىتىمنىتارتقانتى .ئېچىپ كۆرسەممەزمۇنىئۇنىڭدىن كاتتاچىقىپكىتىپتۇ .ئۇرۇمچىكۇچىللىرىدايۈرۈپچىرايلىقپەرىئىسىڭىزگەكىلىپتازا قىيناپتۇدەسىزنى .ھىھىھى.

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 00:44:42

خىيالمىدىكى سەن

ئامانگۇل ئابدۇكېرەم زىبا

خىيالىمداتۇرىسەنلەيلەپ ،
ھەر دەقىقە سەن ماڭا ئەينەك.
ۋۇجۇدۇمنى چىرماپ ئالدىڭغۇ ،
پىراقىڭدا تولغاندىم قىلدەك .

كەلسە مەيىن باھار شامىلى ،
سىمايڭىنى كۆكتىن ئىزلىدىم.
بىللە يۈرگەن چىمەن باغلاردىن ،
ساڭا ئاتاپ گۈل دەستە تىزدىم.

خىيالىمدا يۈرگەن ئەي يىگىت،
قوللىرىمنى قۇيۇپ بەرمىگىن .
سەھەر كۈلدى ئەركىن ۋىلقلاپ ،
يوللۇرڭغا زارقىلماي كەلگىن .

شېئرڭىزنى كۈرۈپ ئازراق ئىلھام كەپ قالدى ،بۇغۇپقويمايدەپلايېزۋەتتىمغۇگەرچەسىزنىڭكىدەكئىسىلچىقمىسىمۇ .


abdu28 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 01:59:01

پاھ-پاھ بىر-بىرىدىن ئىسىل چىقىپ كىتىپتۇغۇ.قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 16:50:30

مۇشائىرە قىزىپ كېتپتغۇ، ئالامەت ھە.....

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 19:38:31

زىبا. يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 00:44
خىيالمىدىكى سەن

ئامانگۇل ئابدۇكېرەم زىبا


زىبا خانىمنىڭ ئىلھامىغا قايىلمەن. تىل ئىشلىتىش ، ئويناقلىق شىئېرىڭىزدا تولىمۇ يارقىن جۇلالىنىپتۇ. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەركەتلىك بولسۇن

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 19:39:56

ئەركىزات ئەپەندى ئۈرۈمچىدە مۇڭسىراپ قاپسىز دە;P;Pشىئېرىڭىز يېقىشلىق چىقىپتۇ. {:1_1:}

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 21:28:17

ياخشىمۇسىز ئەركىزات ئەپەندىم ،جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس :ow،،،خىيالىڭىزدىكى شۇ پەرىزاتىڭىز بىلەن بالدۇرراق جەم بۇلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن:P،،،،،

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 22:31:40

ئەرك زات ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ نۇسرەت تىلەيمەن.

تۇرسۇن38 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 19:09:25

بەت: [1] 2
: خىيالىمدا بىر پەرى