باشلىقمەن
باشلىقمەن
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
پىچاق تۇرۇپ قولۇمدا كەسمەيدىغان باشلىقمەن،
مۈگدەپ يۈرۈپ- مۈدۈرۈپ ئەسنەيدىغان باشلىقمەن.
نېمە دېسە غوجىكام يىرماي ئەسلا سۆزىنى،
ئەزەلدىنلاقۇرساقنى ئەسمەيدىغان باشلىقمەن.
قاۋان قاترار ئىچىمدە كۈندەك كۈلۈپ تۇرساممۇ،
ئەل-ئاۋامنىڭ بەختىنى قەستلەيدىغان باشلىقمەن.
ئۇخلىساممۇ چۈشۈمدە يامىشىمەن شوتىغا،
ماڭسام-تۇرسام چوڭامنى ئەسلەيدىغان باشلىقمەن.
«خەلق ئۈچۈن...»بولسىمۇشۇنچە ياڭراق شۇئارىم،
ھېچكىم ئۈچۈن رىيازەت چەكمەيدىغان باشلىقمەن.
ئەكەل دېسە بۆكىنىكېسەلەيمەن بېشىنى،
ئابرويۇمنى بىلمسەڭ رەتلەيدىغان باشلىقمەن.
تاغدا يولۋاس بولمىسا،شاھدۇر مايمۇن شۆھرەتلىك،
تېگىپ قويساڭ چىشىمغا خەپ!!! ...لەيدىغان باشلىقمەن.
تەكلىپ قىلدىم تۆت كۈنلۈك، سىلجىساڭلا سىزىقتىن،
قەلەمقاشنى ئورنۇڭغا سەپلەيدىغان باشلىقمەن.
ئېيتىپ ھالۇ- دەردىڭنى،بايان ئەيلەپ قەلبىڭنى،
كەلمىسەڭلا قۇرۇق قول، تەپمەيدىغان باشلىقمەن.
يەڭگەم دېمەي ئامالىڭ بارمۇئاكاڭ ئالغاننى،
تىزلانمىساڭ كىم بولما يەكلەيدىغان باشلىقمەن.
ئىش ھەققىڭ ئۆز قولۇمدا، ئاغرىپ ياتساڭ رۇخسەت يوق،
كۈندە ئون ۋاخ سان ئېلىپ خەتلەيدىغان باشلىقمەن.
بۇيرىغاننى قىلىشىڭزۆرۈرھېچبىر شەرت قويماي،
بويۇنتاۋلىق قىلغاننى ئەپلەيدىغان باشلىقمەن.
خوش-خوش بىلەن يۈكۈنۈپ ياشاپ كەلدىم شادىمان،
چىڭگىلىكتەك يامىشىپ كۆكلەيدىغان باشلىقمەن.
بىلىمىنى پەش قىلغان، قوي-كالىنى بەش قىلغان
ئەركەكلەرگە ئوقۇمنى بەتلەيدىغان باشلىقمەن.
ۋەتەن-ئەلدەپ سۆزلەيمەن، نەپسىمنىلا كۆزلەيمەن،
پايدا يەتكەن جايدىن ھېچ كەتمەيدىغان باشلىقمەن.
خىزمەت نورمام ئاشتى دەپ زارلاشلىرىڭ بەرىبىر،
ۋەزىپىنى ئاشۇنداق كەپلەيدىغان باشلىقمەن.
يەۋېلىپلا مۈشۈكتەك يۇمۇۋېلىپ كۆزۈمنى،
قىلماي ئەسلا يۈزۈڭنى سەتلەيدىغان باشلىقمەن.
پەش قىلمىغىن ۋالاقلاپ نوپۇزىنى كىملەرنىڭ،
پەيتى كەلسە قانۇندىن چەتنەيدىغان باشلىقمەن.
ئەمەل ئۈچۈن تىپىرلاپ،ئىت-ئېشەكتەك ۋاتىلداپ
يىغىن ئاچسام گەپلىرىم ئۆتمەيدىغان باشلىقمەن.
خېلى-خېلى ھالىم بار، ماختانغۇدەك نامىم بار،
ئالىي سېگارىت تۇتمىساڭ چەكمەيدىغان باشلىقمەن.
ئىشخانامدا ياتىمەن، دەرۋازىنى باقىمەن
ئىشلىسەممۇ مۇشۇنداق ئۆسمەيدىغان باشلىقمەن.
گويا يىپسىز لەگلەكمەنتىزگىنىم يوقھېچكىمدە،
ئۇچۇپ گويا سۇندۇكتەك پەسلەيدىغان باشلىقمەن. ياخشى چىقىپتۇ بۇ شىئىر. قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن !!! پوداقچى ئەمەلدارلارغا ئوبدان قامچا بوپتۇ.
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز تالمىغاي.{:1_1:} ئەتراپىمىزدىكى بەـزى باشلىقلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى ئۆتكۈر تىللار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بىرىپسىز. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي. ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىسۇن. ساتىرىك شئىر دىسەك بولغىدەك! ھارمىغايسىز!
بەت:
[1]