anginar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:03:32

ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر ئادەم

ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەرئادەم
ئۆمەر قادىر ئەنگىنئەر
ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلىغۇم بار مۇشۇ دەم،
ئەرلىكىمنى سىناربۇندا قايغۇ-غەم.
پۇشايماننىڭ چوللىرىگە مەھكۇمكەن ،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەرئادەم.

باغلىرىدا سايرىماسكەنبۇلبۇلمۇ،
چاپالماسكەن تۇلپار ئاتلىق دۇلدۇلمۇ.
ئاغرىقىغا شىپاقىلماس سۇمبۇلمۇ،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەرئادەم.

كىرپىكلەر نەملەنگەن ،يۈرەكلەر ئەنسىز،
بال-ھەسەليۇتساڭمۇ بىلىنەر تەمسىز.
سېزىدۇ ئۆزىنى خۇددى   ۋەتەنسىز،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەرئادەم.

دۇنيا قارا ،تار بولىدۇ بۇ ئالەم،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر ئادەم.
ئىزاھ:بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن سۇمبۇل- ئىزمۇق ئائىلىسىدىكى
كۆپ يىللىق ،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك،يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ.
تېچلاندۇرۇش ۋە ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.


"ئەنگەر شېئىرلىرى سالونى"نى قوشۈۋېلىپ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئىزدەش نامى:angarxeirliri

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:01:20

‹‹ئاتا تاغ، ئانا باغ ››. ئۆلمەس ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان بۇ شىئېرىڭىزنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەمگە شىئېرىڭز ئارقىلىق جاكارلاۋاتقان نىدا مەڭگۈلۈك نەسىھەت بولغاي. قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن.
بەت: [1]
: ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر ئادەم