jiuxing يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 00:14:52

بۇنداق ئالدامچىلىققا ئۇچراپ قالماڭ

دوستلار بەزىلەر ئۈچۈن بۇ كونا تېما بولىشى مۈمكىن ئەمما بىلمىگەنلەر ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنلىك ساۋاق...
نەق گەپكە كەلسەم مەلۇم بىر كۈنى بىر دوستىمىزبانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماششىنىسىدىن پۇلئالغىنى كەپتۇ شۇ چاغدا يەنە بىر دوستىمىز بىر مۇنچە پۇلنى بانكىدا قويماقچى ئىكەن شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئاغىنىمىز بۇ پۇلنى سىزگە بىرەر سىزنىڭ ھىساۋىڭىزدىن بۇ پۇلنى ھىساۋىمغا يوتكىۋىلاي دەپتۇ پۇل جىڭ بولغاندىكىن قولايلىقكەن ھەم باشقىلارغا ياردەم قىلغۇدەكمەن دەپ ئويلىغان ھېلىقى ئاغىنەم پۇلنى ئېلىپ كارتىدىكى پۇلىنى يۆتكىۋېلىشىگە يول قويۇپتۇ ئىش تۈگۈگەندىن كىيىن ئويگە قايتىپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىن دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ئاغىنەمنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى سەۋىبى مۇشۇنىڭ كارتىسىدىن ئىراقتىكى شام ئىسلام دۆلىتى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرسىگەپۇل يوللانغانمىش... ئاغىنەم ھېلىغىچە ئۆزىنى ئاقلاپ بولالماي ج خ ئىدارىسىنىڭ تەييار ئۆيىدە تەييار تاماق يەپ ئولتۇرىدۇ...ئاغىنەمنىڭ ئاتا - ئانىسىنى باي بولغاچقا بالىسىنىڭ ئەركىنلىگىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاتراپ ئىشىنى ھەل قىلالمايۋاتىدۇ ...شۇڭا دوستلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە ئويلىشىپراق ناتۇنۇش كىشىلەرگە كارتىنى بەرمەسلىكىڭلارنى سەمىڭلارغا سالماقچى....

tapan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 01:04:20

ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار باكىنا . ھەممىمىز دىققەت قىلايلى .بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ناتونۇش كىشىلەرگە بۇنداق ‹ ياردەم› نى قىلمىساق بولغۇدەك .:funk:

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 02:04:23

مۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكەن تېخى.

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 10:40:28

ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك دېگەن شۇدەياردەمنىمۇ ئويلۇشۇپ قىلغۇلۇق

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 10:55:49

بۇ يەردە تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرگە پۇل ئاغدۇرغىلى بولامدىكەن؟ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ يا!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 11:16:04

شۇ چاغدىكى سىز ساقلىنىپ قالسىغۇ قۇتۇلماق مومكىن، ناۋادا سىنمۇ، ھىلىقىمۇ تىپىلمىسا يىتىپ كەتكىنى شۇ-دە...

izbasar123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:23:39

ئاگاھلاندۇرغىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،روھلان تورىغا چىقمايدىغان ، مۇشۇنداق قىلمىشلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يۆق بىغۇبار دوسلىرىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويساق بولغۇدەك ،بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز ،قوللىرىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ،ئامال بار باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمىگەن ياخشى ئوخشايدۇ. ئوڭ قول سول قولغا ئىشەنمەيدىغان جاھان بوپ كەتتىمۇ قانداق ؟

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:14:24

بىرساۋاققائىگەبولدۇم ، رەھمەت !

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:16:52

توۋا ما گەپنى.

jiuxing يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:35:26

دانا2013 يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 10:55
بۇ يەردە تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرگە پۇل ئاغدۇرغىلى بولامد ...

مەنمۇ تەپسىلىسىنى ئۇقمىدىم ھىچ بولمىسا چەتكە پۇل سالىدىغان ئادەمنىڭ شىنجاڭدىكى كارتىسىغا پۇل سالغاندۇ ئەمما بۇ كۆز ئالدىمغا بولغان راست ئىش
بەت: [1] 2
: بۇنداق ئالدامچىلىققا ئۇچراپ قالماڭ