[ياردەم] قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەتلەر ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ
دۇكىنىمغا بىر كەسىپدىشىم ئۇزىنىڭ توي فىملىم سۈرەتچىلىكىدە ئىشلىتىدىغان كەسپىي كومپىيوتىرنى كۈرۈپ بېقىڭ دەپ ئەكىرىپتىكەن .بۇ كومپىيوتىرنىڭ كاشىلىسى غەلىتىكەن ، يەنى قاتتىق دىسكىدىكى 500 GB لىق ھۆججىتى ئۈزلىكىدىن يۇيلۇپ كىتىپتۇ .مەنمۇ ئىشەنمەي كۈرۈپ باقاي دەپ E دىسكا رايۇننى ئېچىشىمغىلا بار ھۆججەتلەر بىر بىرلەپ ئۈچۈشكە باشىلىدى باشقا دىسكا رايۇندىكى ھۆججەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدىكەن . مەن كومپىيوتېر ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق كاشالنى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغانمەن ،يا ۋىروسنىڭ كاشىلىسى يا قاتتىق دىسكىنىڭ كاشىلىسى ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمىدى. قېنى ئۇستازلار بۇ كومپىيوتېرغا بىر دىئاگنوز قۇيۇپ باقايلى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى بىرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. مىنىڭ سىزگە بەرمەكۋى بولغان تەكلىپىم قاتتىق دىسكىڭىزنى فورماتلاپ قايتا رايۇنغا بۈلۈپ بېقىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ماتىريال بولسا ئەسلىگە كەلتۈردىغان يۇمتالئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرسىڭز بولىدۇ مەنمۇ كەۋسەر ئەپەندىنىڭ بەرگەن تەكلىپىگە قۇشۇلمەن . قاتتىق دىسىكىنى قايتىىدىن رايۇنغا ئايرىپ ، ئەسلىگە كەلتۇرۇرۇش دىتالى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۇررۇڭ ، يەنە بولمىسا شۇ رايۇننى توڭلۇتۇپ سىناپ بېقىڭ . قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىشقا بولىدۇ، ئەمما بەزىبىر ئىشقا يولۇققاندا ھە دېسىلا دېسكا فورماتلاشنى بىرىنچى تاللاش قىلىۋېلىشتەك يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالماي، ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ، ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ ئەمەسمۇ. مېنىڭچە بەيدۇ تورىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن.مەنمۇ ئاڭلىمىغانلا بىر گەپكەن بۇ. پەرىزىمچە سىستېما شۇنداق تەڭشىلىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. چوقۇم مۇۋاپىق ئامال تېپىلىدۇ. شۇڭا ۋاقتىنچە چاتاق چىققان رايوندىكى ھۆججەتنى زاپاسلىۋېلىپ، ئىزدىنىپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئالدى بىلەن winpeدىنپايدىلنىپ ماتىرياللارنى زاپاسلىۋىلىڭ ئاندىن قايتا سىستىما قاچىلاپ بىقىڭبۇمۇ بۇلمىسا قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايۇنغا ئايرىڭ سەرسان ئەپەندىم ئىنتايىن توغرا دەيدۇ، شۇنداق قىلىڭ، دىسكىنى فورماتلىغان بىلەن تەلىيىڭىز بولسا ئەسلىگە كېلىدۇ بولمىسا قاتتىق دىسكىدا باشقىچىرەك چاتاق چىققان بولسا شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى دىگەن گەپ، بولۇپمۇ توي-فىلىمنىڭ ئىشى چاتاق، مەنمۇ يولۇققان بۇ ئىشقا، توي-فىلىمچىلىك بىلەن شۇغۇنلىنمىدىغان دوسلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم كامىرادا ئالغان توي سىنلىرىنىڭ لېنتىسىنىلام ساقلاپ قويماي بىرەر تالدىن ئوپتىك دىسكىغا قاچىلىپ قويغان ياخشى ئۇسۇلكەن، بەزىدە ئېسىمىزدە يوق لېنتىلارنى باسۇرۋېتىپ قالىمىز، يە بولمىسا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ مۇشۇنداق چاغدا خەقنىڭ ئالدىدا چېنىپ يۈرمەيدىكەنمىز.چۇقۇم ۋىرۇسلانغان بولىشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشى ئامالwinpeدىن كىرىپ ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىپ ئاندىن فورماتلاڭ، كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرسىمۇ ھەممە نەرسە يۈز پىرسەن كەلمەيدىكەن سىستىمىنى بىخەتەر ھالىتىدە قوزغىتىپ .ھوججەت ماتىرياللارنى زاپاسلاپ ساقلىۋېلىڭ .ياكى باشقا كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە يۆتكىۋېلىپ قاتتىق دىسكىنى فورماتلاپ قايتا رايۇنغا ئايرىش مەشغۇلاتى قىلساق .ئوڭشىلىدۇ .بۇ چۇقۇم ۋېرۇسنىڭ ئىشى .ئەگگر ۋېرۇس تازلىساق شۇ رايۇندىكى مۇھىم ماتىرياللار يۇقاپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ .يۇقاپ كەتمىگەن تەقدىردە .مەزى ماتىرياللارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .(مىنىڭ بېشىمدىن ئتكەن ) مەن توردىن ئىزدىنىپ مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى بايقىدىم .1.كومپيوتېر ۋىروسلانغان ،ئەڭ يېڭى ۋىروس ئۆلتۈرۈش دىتالى بىلەن تازلاڭ .
2.رايۇننى قوغداش دىتالى قاچلىنىپ ،ئاپتىماتىك ئەسلىگە كىلىش ھالتى تەڭشىلىپ قالغان ،سېستمنى قايتا قاچلاڭ !3.دىسكا بۇزۇلغان ئالماشتۇرۇڭ !
بەت:
[1]