نىجات0510 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:54:47

شىركەت مائاشىمىزنى بەرمىدى، مەسلىھەت بەرسەڭلار

قانۇندىن ياردەم
مەن بىر دوستۇم بىلەن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ13-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بىر شەخسى شىركەتتە ئىشلىگەن ، مەن شىركەت بىلەن توختام تۈزمىگەن ، دوستۇمنىڭ توختامى بار ، يەنە شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر ھېچقانداق سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان،8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە 5 ئايلىق مۇئاشنى بۈگۇن ، ئەتە بىرىمىز دەپ بەرمىدى ، بۇ ئارلىقتا قەرىز ھىسابىدا شىركەت مالىيەسىدىن بىرسىمىز 5600 يۈەندىن ئېلىپ ئىشلەتكەن ، ئايلىق مۇقۇم مۇئاشىمىز 2800يۈەن ، تاماق پۇلى 400 يۈەن ، جەمئىي ھەرئايدا شىركەتتىن ئېلىشقا تىگىشلىك پۇل ھەر بىرىمىزگە 3200 يۈەندىن توغرا كىلىدۇ ، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى شىركەت بىزگە 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بارلىق مۇئاشىمىزنى بىرىپ بۇلۇشقا ۋەدە بىرىپ ئىسپات يېزىپ بەرگەن ، بۈگۈن 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى شىركەتكە مۇئاشىمىزنى تەلەپ قىلىپ بارساق يەنە سەۋەپ كۆرسىتىپ مۇئاشىمىزنى ئالالمىدۇق ، بۈگۈن ئەمگەك كۈچلىرى ئىدارىسى تەپتىش ئىشخانىسىغا كىردۇق ، خىزمەتچى خادىملار شىركەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزەڭلار چىرايلىق كىلىشىڭلا ،ئەگەر كىلىشەلمىسەڭلا بىز دېلو تۇرغۇزۇپ سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ بىرىمىز دەپ قايتۇرىۋەتتى ، شىركەتكە بارساق ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلىپ بېرىپسىلە ، مۇئاشىڭلاردىن تۇتىمىز دەپ بىرمۇنچە باھانە سەۋەب تېپىپ چىقتى ، مەن 2014-يىلى11-ئايدا ئىشلىمەيمەن دەپ 15كۈن شىركەت بارمىغان(لىكىن مەن شىركەت دېرىكتورلىرىغا مەن ئىشلىمەيمەن دىگەن گەپنى قىلماپتىكەنمەن) ، 15 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن شىركەت خوجايىنى داۋاملىق ئىشلەۋەرسەڭلا دەپ تىلفۇن قىلىپتىكەن ،شۇنىڭ بىلەن مۇئاشنى بەرگىچە ئىشلىگەچ تۇرساممۇ مەيلى دەپ قايتا بېرىپ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە ئىشلىگەن ، دوستۇم 2015-يىلى 1-ئاينىڭ21-كۈنىگىچە ئىشلىگەن ،شىركەت ئەمدى مىنىڭ 11-ئايدا 15 كۈن ئىشلىمىگەن ۋاقتىمنى سەۋەبسىز ئىش تاشلىغان دەپ ھىسابلاب 3 ھەسسە بۇيىچە 45 كۈنلۈك مۇئاشنى تۇتىمىز دەپ تۇرىۋالدى ، دوستۇمنىڭ 12- ئايدا پۇتۇن بىر ئاي كۈندە يېرىم سائەت ئىشقا كىچىككەن دەپ چىقاردى(لىكىن بۇنىڭغا ماددى ئىسپاتى يوق)،بىز بۇ ئىشقا قارىتا زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىشىمىز كېرەكمۇ ؟ ئەگەر ئەرىز قىلساق ئۇتۇپ چىقالامدۇق ؟ مەن يەنە شىركەتنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان باج ئوغۇرلىغانلىق ، ساختا ھېسابات تالونى ياسىغانلىق .....................قاتارلىق ئىشلىرىنى بىلىمەن ، لىكىن بۇنىڭغا ئائىت مەندىمۇ ماددى ئىسپات يوق ، لىكىن گۇۋاھچىلار بار ، بۇلارنىمۇ ئىسپات سۈپىتىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا پاش قىلسام بۇلامدۇ ؟ كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ، ئەگەر قانۇندا ئوقۇغان ، ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇستازلار بولسا تەلىم بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن! مۇمكىن بولسا بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويساڭلار ،كۆپچىلىككە رەھمەت .
ئالاقىلىشىش چ چ نۇمۇرۇم : 447114848

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 23:30:29

مەن بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە توختام تۈزۈشمەي ئىشلەپ مائاشىمنى ئالالماي ئاخىرى ساقچىغا بارسام ئۇلار خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرى ئىشخانىسى دەمدۇ بىر يەرگە بۇيرىغانتى ئۇلارمۇ توختام يوقكەن دەپ سورىمىدى شۇنىڭ بىلەن 乏力服务所دەپ بىر ئادۋۇكاتلىق ئورنى باركەن شۇ يەرگە كقرسەك 3كۈن ئىچىدىلا بارلىق مائاشىمىزنى ئېلىپ بەرگەنتى شۇنىڭدىن كىيىن مائاشىمنى ئالالمىساملا شۇلارنى ئىزدەيدىغان بولغانتىم ھى ھى

سادا0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 01:28:10

سەۋىر قىلىڭ. لىكىن بىكار تۇرماڭ.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 09:58:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىپا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-6 10:03

سىزخاتاقىپسىز   چوقۇمئەمگەككاپالەتتوختامىتۈزۈشىڭىز كېرەك. شۇنداققىلسىڭىزھوقوقىڭىزقوغدىلدۇھەممائاشنىئاسانلائالالايسىز   بەش خىل سۇغۇرتاۋەئا زدىگەندە   3 خىلسۇغۇرتىغاقاتنىشالايسىزئەمدىaltaxnaدوستىمىز دىگەندەكئادۇۋكاتنىڭقېشىغابېرىپ مەسلىھەتسوراپبېقىڭ

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:00:59

شىركەتسىزنىئىشلەتتىمۇ چوقۇمپۇلنىئېلىشڭىزكېرەك

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 10:09:36

قارىسام، خەتنى 90% دىن يۇقىرىراقئۆلچەمدە يازالايدىكەنسىز، ئەمما توختام تۈزۈش خېتىنى يازالمىغىنىڭىز قىزىق! بەزىدە سىزدەك پىدائىيلار بولمىسىمۇ بولمايدۇ بۇ جاھاندا!

tapan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 00:31:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tapan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-7 00:32

بىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىپ ئەمگەك قانۇنچىلىق ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ قالغان. بۇ يەردىكى مەسىلە ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشلىگۈچى ئورۇن ۋە گۇۋاھچى ئارىسىدىكى ھىچ بولمىغاندا ئاغزاكى توختامشەكىللەنگەنمۇ يوق ، ئىشلەتكۈچى ئورۇن سىزنى ئىشلىتىدىغانلىغىنى، سىزنىڭ ئىشلەيدىغانلىغىڭىزنى (ھەرقانداق شېركەتنىڭ ئۆز ئالدىغا بەلگىلىمىسى بولىدۇ . شۇنىڭغا رىئايەقىلغان ئاساستا)،يەنە گۇۋاھچى قاتارلىقلار بولسا ئاغزاكى توختام ئۆزلىگىدىن شەكىللەندى دىگەن گەپ .ئەگەر باشقا پەۋۋۇقۇلادە ئىشلار بولمىسا چوقۇم دەۋايىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ-دەپ قارايمەن.

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:35:49

مەسئ‍ولخادىمنى   تېپىپشىركەتنىڭئ‍وغۇرلىقچە   سىنلىق   ماتىريالتوپلاڭ ،شۇئ‍ېلىمبېرىممۇناسىۋىتىگەئ‍ىقرار   بۇلىدىغان   سىنلىق   ماتىريالبۇسا   قوخماي   ئ‍ەرز   قىلىۋىرىڭقانۇن   ئ‍ورگانلىرى   ئ‍ىسپات   بۇمىسائ‍اغزىڭىزدىكى   گەپكە   سوراپەمەيدۇ
بەت: [1]
: شىركەت مائاشىمىزنى بەرمىدى، مەسلىھەت بەرسەڭلار