كارخانا روھى دېگەننى چۈشىنەمسىز ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-28 13:07كارخانا روھى دېگەننى چۈشىنەمسىز ؟
ئادەمنىڭ روھى بولىدۇ.روھدىگەن ئېتىقادياكى ئىدىيە جەھەتتىكى ئىزچىللىق .ئۇنداقتا كارخانىنىڭمۇروھى بولامدۇ ؟
ئامرېكىدىكى داڭلىق باشقۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى توماس پىتروس مۇنداق دەيدۇ:
-بىرئۇلۇغ تەشكىلاتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالىشى ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى،شەكلى ياكى باشقۇرۇش ماھارىتىگە ئەمەس ،بەلكى بىز ئىتىقاد دەپ ئاتايدىغان تەشكىلات روھىنىڭ قۇدرىتىگە ھەمدەشۇ روھنىڭ تەشكىلاتتىكى بارلىق ئەزالارنى تەسىرلەندۇرۇش كۈچىگە باغلىق.
كارخانا روھى –زامانىۋېلىق ئېڭى بىلەن كارخانا خاسلىقىنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان ،كارخانائەزالىرىنىڭ ئىدىيۋى تۇنۇشىنى كارخانىنىڭ ئىجتىمائى مەسئۇليىتى ۋە تەرەققىتاي ئىستقبالى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش رولىنىئوينايدىغان،كارخانائۇچۇنئىنتايىن مۇھىمبولغان كوللىكتىپلىقروھ ،كوللىكتىپلىققىممەت قارشى .
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كىرەككى ،كارخاناروھى چۇقۇم كارخانائەمىڭيىتىدىنكىلىشى ،كارخانىنىڭئەمەلىيىتىنى بىۋاستە يىتەكلەيدىغانھەمدەكارخاناكوللىكتىپىنىڭ ھەمكارلىقئىرادىسىنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان ،كارخاناھەرىكىتىنى چەكلىيەلەيدىغان بۇلۇشى كىرەك .تۈۋەندە بىر قانچە دۇنياۋى داڭلىقكارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن يەكۈنلەنگەن كارخاناروھىغاقاراپ باقايلى:
1. ئامرېكا IBMشىركىتىنىڭ كارخاناروھى –IBMنىڭ ئۆزى مۇلازىمەت،خېرىدارلارغا ئېرىشكەنلەر جاھانغا ئىرىشىدۇ .
2. ئامرىكا بوئىن ئايرۇپىلان شىركىتىنىڭ كارخاناروھى-بىز ھەربەر ئادەم شىركەتكە ۋەكىللىك قىلمىز .
3. ياپونىيە كانون شىركىتىنىڭ كارخانا روھى –تېخنىكىدايېڭىلىق يارىتىشنى ئۇنتۇپكالغاننى كانون دىگىلىبولمايدۇ .
4. ئامرىكا ۋالمات شىركىتىنىڭ كارخانا روھى –خادىملارشىركەتنىڭ شىرىكى .
5. كوكاكولاشىركىتىنىڭ كارخانا روھى-تۇمۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى قان ئەمەس بەلكى كوكاكولا.
بۇمىساللاردىن كۈرنۈپ تۇرۇپتۇ ،گەرچە كارخانا يىڭى ئىقتىسادىقىممەت ،پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلغان كوللىكتىپ بولسىمۇ ،كارخانىچىنىڭئىككىكۈزى پۇلغىلا تىكىلىپقالسابولمايدۇ .يەنىكارخانىدى چۇقۇم يىڭىئىقتىسادى قىممەت ،پايدا يارىتىشتىنمۇ ئۈستۈن تۇردىغان ئۇلۇغۋار نىشان ئالىيجاناپ ئەقىدە بۇلۇشى كىرەك .
كارخانا روھى چۇقۇمكارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش –تىجارەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىنىشى ،ھەرگىز كارخانىچى تىجارەتباشلىماي تۇرۇپلا ئوتتۇرغا چىقىۋېلىپ خادىملارغا بېسىم قىلدىغان ،كارخانا ئەمەلىيىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇمكىن بولمايدىغان قۇرۇق شۇئار بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك . كارخانا روھى بىزدىكى بىر كەمچىللىك ھەم بوشلۇق. ياخشى تېمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ئىنىم رەھمەت كارخانا روھى ھەققىدىكى يېڭى قاراشلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
بەت:
[1]