پارتىيە ياچىيكا خىزمىتى
مەكتەپنىڭ مائارىپ ساھاسىدە " دىننىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش " مەخسۇس تېمىدىكى كوللىكتىپ ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش لايىھەسى开展霍城县教育系统“去宗教极端化”专题教育集中学习方案
ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكىمىتىنىڭ، قورغاس ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 101- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر خەلق ئاممىسىغا ، ئوقۇتقۇچى ،ئۇقۇغۇچىلارغاقارىتا تەشۋىقى-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، « دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش » ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرىگە ئاساسەن، زوراۋان، تىرورلۇق ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ ، بۆلگۈنچىلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە . مەكتىۋىمىز تەتىل ئالدىدا مۇقۇملۇقنى ساقلاش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ئالدىنى ئېلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاپالىق ئۆگىنىپ، ئۇزاق مەزگىللىك جەڭ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ تونىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىجدىمائى مۇقۇملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەخسەت قىلىپ بۇ لايىھەنى تۈزۈپ چىقتۇق.
يىتەكچى ئىدىيەسى
پارتىيە 18-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمىي يىغىن، 4-ئومۇمىي يىغىن ، ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىننىڭ روھىنى ھەقىقى ئۆگىنىپ ۋەئەمەلىلەشتۈرۈپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزننىڭ 8- نۆۋەتلىك 7-سانلىق يىغىن ، 8-سانلىق كېڭەيتىلگەنيىغىن رويى بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭ خىزمەت يىغىننىڭ مۇھىم يوليۇرۇقۇنى كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغاكەڭ تەشۋىق قىلىش،پىلانلىق ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇل بىلەن ئەھمىيەيلىك پىرىنسىپلىق ھالدا دىننىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ، دىننىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەكتەپكە كىرىشكە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوختىلار بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز.
1. ئۆگىنىشنىڭ مەخسىتى :
بۇ قېتىمقى " دىننىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش " مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋىپ» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم نوختىنى چىڭ تۇتۇپ ، دىننىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشكە قاتتىق زەربە بېرىشتىن ئىبارەت نىشاننى چۆرىدەپ ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا " نېمە ئۈچۈن دىنغا ئىشەنمەيمىز ، نېمە سەۋەپتىن مەسچىتكە كىرىشكە ، روزا تۇتۇشقا ، دىننىي كېيىم – كېچەكنى كىيمەسلىكنى ، دىننىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ،قانۇنسىز تورغا چىقىشنىڭ زىينىنى ، قانۇنسىز ئۈن –سىن فېلىملىرىنى كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ،ئەگەر بۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللانساق نورمال بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۇرۈش ، داۋاملىق سەگەك تۇرۇپ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە يىتەكلەشتىن ئىبارەت.
كوللىكتىپ ئۆگىنىشئېلىپ بېرىش ۋاختى.
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ئوقۇتقۇچىلارنى تەتىلگە قۇيۇپ بېرىشتىن ئاۋال بىر ھەپتە يەنى( 2015-يىلى 1- ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگە قەدەر ) " دىننىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى " دېگەن تېمىنى مەزمۇن قىلىپ پىلانلىق ئاساستا ئۆگىنىش لايىھەسىنى تۈزۈپ ، ھەر بىر خىزمەتنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئېنىق سېستىمىلىق ھالدا تۈزۈپ ، ھەر بىر كۇن ھەر بىر سائەتتە ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ۋاختى ، ئورنى ، مەزمۇنى ، مەسئۇل خادىملارغىچە ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش.ھەقىقى ئەمەلىلەشتۈرۈش .
ۋاختى : 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 18-كۈنىگە قەدەر .
ئورنى : مەكتەپ يىغىن زالى ،ئىشخانىلار
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار : پارتىيە 18-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمىي يىغىن، 4-ئومۇمىي يىغىن ، ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋەئەمەلىلەشتۈرۈش ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزننىڭ 8- نۆۋەتلىك 7-سانلىق يىغىن ، 8-سانلىق كېڭەيتىلگەنيىغىن رويى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭ خىزمەت يىغىننىڭ مۇھىم يوليۇرۇقۇنى دىننىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ، دىننىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەكتەپكە كىرىشكە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ماتىرياللار .
ئۆگىنىش ئۇسۇلى :
1-كۆللىكتىپ ئۆگىنىش. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىن زالىغا يىغىلىپ ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىشى ، ئۆگىنىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەت پەرمانلىرىنى ، دۆلەتنىڭ مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە كەسپىي ئەخلاق سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشى لازىم .
2-مۇھاكىمە ۋە تەسىرات سۆزلەش . ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىشتىن ئالغان تەسىراتىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، خىزمەت ۋە تۈرمۇشتا ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش.
3-تۈزۈم قۇرلۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇشۇن قۇرلۇشىنىڭ تەلىۋى بويىچە مۇكەممەل تۈزۈم بىكىتىپ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى تۈزۈمگە ئاڭلىق بوي سۇنۇشى ، تۈزۈم ئارقىلىق ئۆز –ئۆزىنى باشقۇرۇش ، يوخلىما نەتىجىسىنى يىل ئاخىردىكى ئىش ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ تۈرى قىلىش.
ئۆگىنىشنىڭ تەلىۋى :
1- تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىش.
ئوقۇتقۇچىلار بۇ قېتىمقى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 101- نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشىپ ، مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش لايىھەسى بويىچە ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش خاتىرە قالدۇرۇش .
2- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش.
بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار تەشكىللىك ئاساستا ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇپ ، تۈزۈم بويىچە ئۆگىنىشنىڭ جەريانىغا ماسلىشىپ ، كوللىكتىپ ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش ، بىپەرۋالىق قىلماسلىق ، ئۆگىنىشتىن ھەقىقى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ، چوڭ مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق .
3- تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش .
بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار يوخلىما تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ دەل ۋاختىدا كىلىش ۋاختىدا قايتىش ، تۈزۈم قارشىنى تۇرغۇزۇش . ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق . ئۆگىنىشنىڭ يوخلىمىسىنى يىل ئاخىردىكى ئىش ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ شەرتى قىلىپ بېكىتىش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى باھالاشنىڭ شەرتى قىلىنىدۇ .
بۇ ماتىرىيالنى ياخشى يوللاپسىز، ھەر قايسى جايلار ئەمەلىيتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك، خېلى كۆپ ۋاقىت تېجىلىپ قالىدىكەن.
بەت:
[1]