HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 00:51:24

[ھىكايە] كېكەچ - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

(ھىكايە)

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

ئىشىكنىڭ قاتتىق قېقىلىشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان سابىر چىراقنى ياندۇرۇپلا سائىتىگە قارىدى.سائەت ئىككىدىن ئاشقان ئىدى.
-بۇنچە كەچتە كەلگەن كىمدۇ؟-دىدى گۈلجامال چاپىنىنىڭ بىر يېڭىنى سېپىشكە ئۈلگۈرگەن ئېرىگە ئىسەنكىرىگەندەكقاراپ.
-سەن يېتىۋە مەن قاراپ باقاي،-سابىر ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدى،-كىم؟
-بۇ...بۇ...مەن..سا..بىر..كا،-سىرتتىن ياسىن كېكەچنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،-بىر.. يىگىت كو..چىدا..يېتىپ قا..پتۇ.
-كوچىدا يېتىپ قالسا مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى؟
-ئۇنى دوخ..تۇرخا..نىغا ئا..پارغان..ئىدىم،جىددى قۇت..قۇزمى..ساق بولمايدۇ سا..بىركام..نى چاقىرىپ..كەل،-دىگەن شۇڭا..
-نىمە كېسەلكەن جىددى قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان؟
-زە..ھەر چې..كىپتۇ دەمدۇ ئىش..قىلىپ زەھەر..لىنىپ قاپ..تۇ..
-قۇرۇق گەپ، بۇ كىچىككىنە بازاردا كىم زەھەر چەكسۇن،ھاراق ئىچكەندۇ تايىنلىق،سېستىرالار زەھەر قايتۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇپ قويسۇن،مەن ئەتە بارىمەن،-دىدى سابىر ئىشىكنىمۇ ئاچماستىن ئاچچىقلىنىپ،-كۈندۈزدىكى ئىشلار ئازدەك كېچىسىمۇ ئادەمنى ئارامىدا قويمىغان.مېنى ئاۋارە قىلمىغان سەن كېكەچ قالغان ئەمدى.
-كىم بولغىيدى،بېرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن،-دىدى گۈلجامال پەس ئاۋازدا.سابىر‹‹جىم يات››دىگەندەك ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ چىراقنى ئۆچۈردى.ئېرىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان گۈلجامال ئارتۇق گەپ قىلمىدى،ئەمما نىمىشقىدۇركۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.ئۇلۇق ئاللاھ بەندىلىرىڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن،دەپ ئاستا شىۋىرلىدى.
سابىر بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىغا شەھەردىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىردىن-بىر ئالى مەلۇماتلىق دوختۇر ئىدى.ئۇ دەسلەپتە تەشكىلنىڭ ئۆزىنى بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىغا ئەۋەتكەنلىگىدىن نارازى بولغان بولسىمۇ،دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ:‹‹ئۇ جاي سىزدەك دوختۇرغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەن.بىر مەزگىل ئىشلىسىڭىز يەنە قايتۇرۇپ كېلىمىز.››دىگەن تەسەللىلىرىدىن ئىلھاملىنىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ ئىشىك-دېرىزىلىرى كونىراپ كەتكەن،غىچىرلاپ تۇرىدىغان بىر ئەسكى كارۋات،سىرلىرى قالمىغان ئۈستەل،ئۈستىدىن كۆمۈر تۆكسە ئاستىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان ۋەيرانە مەش قويۇلغان ئىشخانىغا كىرىپ قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالغان ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ بىمارلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلمايتتى.باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىپ بىمارلارنىڭ ئۆيىگە كېسەل كۆرگىلى بارمايتتى.خۇددى بۇ يەرگە كېلىشىگە ئۇلار سەۋەپچى بولغاندەك دەردىنى ئۇلاردىن ئالاتتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاق كۆڭۈل،ساددا دېھقانلار ئەكەلگەن گۆش،ئۇن،مايلار،ئارام تاپقۇزمايدىغان مېھماندارچىلىقلار،ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت،ئھتىراملارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇمۇ ئاستا-ئاستا كۆنۈشكە باشلىدى.گۆشلۈك ئىڭەكلىرى تېخىمۇ ساڭگىلاپ،قورسىقى يوغىناشقا باشلىدى.ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ھاكىم بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىدىغان،چىرايىدىن كۈلكە ئۆچمەيدىغان،بىمارلارغا ئىللىق،ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
-بالىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىر،كېسەلخانىدا ياتمىسا بولمايدۇ،دەرھال پۇل تەيارلاڭلار،دەيتتى سابىر جىددى تەلەپپۇزدا.بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا-ئانىسىنى،ئاتا-ئانىلار باللىرىنى ساقايتىش ئۈچۈن،ھىچنىمىگە قارىماي پۇل غەملەيتتى.بۇ پۇلنىڭ يېرىمى سابىرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشەتتى.بۇ يەرگە كەلگىچە يول بويى ئېرى بىلەن سوقۇشقان،تېرەم قارىداپ كېتىدۇ دەپ،ئۆيدىن تالاغا چىقماي نارازى بولغان گۈلجامالمۇ ئامەتلەر ئالدىدا كۆنۈشكە باشلىدى.ئۇلار تېخى سەھرادا نىمە ئۈگەنمەكچى،دەپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېنىغا قويۇپ كەلگەن باللىرىنى ئەكىلىۋېلىشنىمۇ ئويلاشتى.بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۈلجامال بۇنداق كېتىۋەرسە بىرەر چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.ئېرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتقان نەپسى، ئوغلى دىلشاتنىڭ بۇ يەرگە كېلىشكە ئۇنىماي شەھەردىكى ئۆيدە يالغۇز تۇرىۋاتقانلىقى ھەم ئارا كۈندە بىر پۇل دەپ تېلىفۇن قىلىشى، ئۇنى كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان،ئازاپلىنىدىغان قىلپ قويدى.ئەمما ئېرىگە ھىچنەرسە دىيەلمەيتتى.بۇنداق چاغلاردا ياسىن كېكەچنىڭ كېكەچلەپ تۇرۇپ ئېيتقان:«ساتمايلى بىز ۋى
جداننى،قاخشاتمايلى دېھقاننى››دىگەن ناخشىسى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزاتتى.
ياسىن كېكەچ شۇ مەھەللىدىكى يىتىم بالا بولۇپ،ئۇنى يۇرتتىكىلەر بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.ئۇ كىمنىڭ ئىشى بولسا ياردەملىشىپ بېرەتتى،قايسى ئۆيدە تاماق تەييار بولسا شۇ يەردە يەيتتى.ئەمما كېكەچلىگى يەتمىگەندەك،چاچلىرىنى پاخپايتىپ،ساقىلىنى چاڭگىدەك ئۆستۈرىۋالاتتى.كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتى،بالىلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كەينىگە كىرىۋالاتتى.سابىرمۇ شۇنداق ئويلىدى بولغاي،ئۇنى ئىشىكنى ئاچمايلا كەتكۈزىۋەتتى.
ئەتىسى سابىر ئىشخانىغا كىرىىپ ھەيران قالدى.ئىشخانىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ دوختۇر-سېستىرالار بىر-بىرىگە مەيۈس قارىشىپ تۇراتتى.
-نىمە بولدى، ئەتىگەندىلا ھەممىڭلار يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سالپىيىپ كەتتىڭلار،-دىدى ئۇ قوپال ئاۋازدا.
-تۇنۇگۇن يېرىم كېچىدە ياسىن كېكەچ ئەكەلگەن يىگىت،-دەپ بىر سېستىرا گەپ باشلىشىغا يېنىدىكى دوختۇر ئۇلاپلا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،-زەھەر چەككەن ئوخشايدۇ،بۇ يەردىكىلەردىن ھىچكىم ئۇنى تونۇمايدىكەن،يانچۇقىدىمۇ ھىچنىمە يوق ئىكەن،كۆرسەتمىڭىز بويىچە زەھەر قايتۇرۇش ئوكۇلى بىلەن تېچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇخلاپ قالغاندەك قىلغان.ئەتىگەندە كىرسەك...دوختۇر سۆزىنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدى.سابىر ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇ ئېرەنسىزلىك بىلەن جەسەت قويۇلغان ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ يۈزىنى ئاچتىيۇ،كۆزلىرى يوغىناپ،بۇرۇن تۆشۈكلىرى كېڭىيىپ،چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ھالدا جەسەتكە تاشلاندى.
-ئوغ..لۇم دىلشات،بۇ..بۇ.. سەنمۇ؟ئۇنىڭ جىسمى كەچكۈزدىكى ياپراقتەك تىترەيتتى.ئىچ-ئىچىدىن بوغۇلۇپ يىغلايتتى،ئۆزىنى كاچاتلايتتى.قالغانلار بىردە ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان سابىرغا،بىردە ئىشىك ئالدىدا نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قېتىپ تۇرۇپ قالغان ياسىن كېكەچكە قاراشتى.ئارىدىن بىر سېستىرا گۈلجامالنى چاقىرغىلى ماڭدى.

                         2014-12.                     قاراماي

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 11:53:30

ئەتىگەندە ئويدىن دۇككانغا چىقىپلا بىر ياخشى ھىكاينى ئوقۇدۇم رەھمەت سىزگە.

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:53:06

بەك ياخشى ھىكايە ئىكەن، بۇ.رەھمەت

ئەركان يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:10:30

قوي بېقىپ تازا زىرىكىپ تۇرغاندا ماۋۇ ھىكايىنىڭ روھلان تورىدا پەيدا بۇلۇپ قالغىننى دىسە-رەھمەت سىزگە.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:58:26

قىسقا، ئەمما تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى زور بولغان ھىكايىلىرى بىلەن بىزگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىۋاتقان خىرىستال خانىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن.

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:35:41

ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ كورگەن دوستلارغا رەھمەت

hawas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:23:05

تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ھېكايە، تۇرمۇشنى ھېكايىلەشتۈرۈش بىر خىل ماراھەت، بىر خىل سەنئەت!

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:15:16

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تېرىشىڭ . :victory:

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 00:13:02

ئادەمنى ھەقىقەتەن قاتتىق ئويغا سالغۇدەك بىر ھەقىقەت يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ، ھۆرمەتلىك «خىرىستال» خانىمنىڭ پاساھەتكە تولغان قەلىمى، ئىللىقلىققا تولغان قەلبىنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق سىز بىلەن بىز ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمەيدىغان، ھېس قىلساقمۇ پەقەتلا ئۆزىمىزدىن باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالغان چىن ئىنسانىي ھېسسىيات يوغۇرۇلغان دۇردانىلەرنى قېزىپ چىقىرىپ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئازغۇن مەنىۋىيەتلەرنىڭ يامرىشىغا قالقان، ياخشى كەيپىياتلارنىڭ ياشنىشىغا مەنىۋىي ئوزۇق ئاتا قىلىشىنى، ئۆزى ھەم ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا چەكسىز ئۇتۇقلار تېلەيمەن.

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 12:29:54

تىلى ئۆزگىچە چىقىپتۇ !مۇبارەك بولسۇن !
بەت: [1]
: [ھىكايە] كېكەچ - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن