anginar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 20:58:13

يۈزۈم قاتتىق چۈشۈپ كەتتى باللا

يۈزۈم قاتتىق چۈشۈپ كەتتى باللا
       مىجەزىم يوق بولۇپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم بەش كۈنلۈك ئوكۇل يېزىپ بەرگەن ئىدى.مانا بۈگۈن ئۈچۈنچى كۈنى مەن دوختۇرخانىغا بېرىشقا شۇنچىلىك ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن .سەۋەبى ئوكۇل سالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس،ئوكۇل سالىدىغان ئاشۇ چىرايلىق سېستىرا قىزنى كۆرۈش ئۈچۈن.ئويلاپ باقسام ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.ئۇ قىزنى بىرلا كۆرۈپ ئاشىق بولغان ئوخشايمەن.ئۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىنى سۈپەتلەپ بېرىشكە مۇنۇ تىلىم بەكلا ئاجىزلىق قىلىدۇ.بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ كۆڭلۈمنى ئۇ قىزغا ئىزھار قىلمىسام زادى بولمايدۇ.مەن شۇ نىيەتتە ئورنۇمدىن شۇنداق سەھەر تۇرۇپ كەتتىم،دوختۇرخانىغا بالدۇر بېرىۋېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى ساقلاپ ئولتۇرمايلا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ يىگىدەك بىر نەرسە بولسا يەۋېلىپلا ماڭماقچى بولدۇم .توڭلاتقۇدابىر باش لوپا(تۇرۇپ)دىن باشقا ھېچنىمە يوقكەن .يىمەي ماڭاي دىسەم يەنە تېخى شۇنىڭ بىلەن لوپىنى سەي قىلىپ ناشتا قىلدىم-دە دوختۇرخانىغا چاپتىم.مېنىڭ بۇنچىلىك ئالدىراشتىكى مەقسىدىم ئوكۇل بۆلىمىگە بالدۇر بېرىپ ئادەم ئاز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇ قىزغا كوڭلۇمنى ئىزھار قىلىۋېلىش ئىدى.
مانا دوختۇرخانىغىمۇ كېپ بولدۇم ،ئوكۇل بۆلىمىگىمۇ كىردىم .تەلىيىمگە ئۇ قىز ئۆزى يالغۇز ئىكەن.مېنى بۇرۇنقىدەكلا ئىللىق تەبەسسۈم بىلەن كۈتىۋالدى ۋە قولۇمدىكى ئوكۇللارنى ئالغاچ شۇنداق يېقىملىق ئاۋازى بىلەن تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشىمنى ئېيتىپ ،ئىچىدىكى ئۆيگە ئوكۇل تەڭشەشكە كىرىپ كەتتى.مەن بولسام يەنىلا ھاياجان ئىلكىدە ،گەپنى نەدىن باشلاش توغرىسىدا ۋە ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشىنى ئويلىغاچ كارۋاتتا دۇم يېتىپ ئۇنى ساقلىدىم.مېنىڭ قەلبىمدىكى پەرىشتەم ئۇزاق ھايال بولمايلا چىقىپ ئوكۇل ئۇرۇشقا تەييارلاندى.ئۇ ئىسپىرتلىق پاختىنى كاسسامغا سۈركىشىگە قوسۇقىم باشقىچىلا بىئارام بولۇشقا باشلىدى.قارىغاندا ئەتتىگەن يىگەن لوپا كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوخشايدۇ-دە ،-دەپ ئويلىدىم.سېستىرا قىز مېنىڭ باشقىچە بولىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ يەنە شۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن «قورقماڭ ،ئانچە ئاغىرمايدۇ،بۇنچىلىك چىڭ تۈگىلىۋالماڭ ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويىۋېتىڭ ،ھە! ئەركىن قويىۋېتىڭ ››-دىدى.كاساپەت،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆزۈمنى قويىۋەتتىم.سېستىرا قىزنىڭ ئوكۇل يېڭنىسىنى سانچىشىغا ئۈلگۈرۈپ ،شۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلغان «دورتتتتتتتتتتتت دورتدورت ،غارت –غورت›› ئاۋاز ئوكۇل بۆلىمىگە بىر كەلدى .مەن ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا ۋە كىشىنىڭ يۈرىكىنى غۇژژىدە ئېرىتىۋېتىدىغان ئاۋازىغا مەستخۇش بولۇپ، قوسىقىمنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ   يەل قويىۋەتكەن ئىدىم . بىر يىگىت ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئالدىدا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە يۈزى چۈشكەن ئىش بارمۇ؟!ئەمدى بۇ يۈزۈمنى نەگە قويىمەن !!؟


بۇ تېمىلار‹‹ئەنگەر شېئىرلىرى سالونى››غىمۇ يوللاندى.ئۇندىدار ئوينايدىغان دوستلارنىڭ سالونىمنى قوشىۋېلىپ باشقا تېمىلىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.سالونىمنىڭ ئىزدەش نامى:angarxeirliri

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:10:54

ئاپلا، تۈگىشىپسىزغۇ ئەمدى، روھلان سالونىغىمۇ يوللاپ قويساق بولامدۇ يا، روھلاندىكى ئەنگىنئەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى دەپ؟ {:6_263:}

ئاكاش0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:20:34

//mobcent//app/data/phiz/default/04.png

saeid يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:29:42

ۋاي كارامەت نىمانچە قىززىق مەنمۇ كۈلۈپ توڭۇپ كەتكىنىم ئىسىمدىن چىقىپلا كىتىپتۇ.

ئىز1053 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:43:37

   مىجەزىم يوق بولۇپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم راست بولغان ئىشمۇ ياكى .........
ئاپلا راستلا چاتاق بوپتۇغۇ

ئىز1053 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:46:49

يۇمۇر بولا مۇشتاغ بولا مانا ئالە شەرىڭنى ھاھاھاھا.............يۇمۇر دېگەننى چانايدىكەن ماۋۇ ئاداش مانا......
ئىنكاسنى تېخىمۇ كۆپ يازاي دېگەن بىراق كۈلۈپ بولالماي شۇ.....................................................

Nabijan0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 00:38:52

يۇمۇر بۇلا ماشتا بۇلاھاھاھاھاھا...چاتاق بوپتۇغۇ ئەمدى...;P

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 00:51:44

بۇ يۈزىڭىزنى نەگە قويساق بۇلار.:ow....ئادىلكام ياخشىراق ئويلىشىپ باقسا روھلانغىلا قويمامسىز ھەممىمىز ئۆز بولغاندىكىن:;P،،،،ھارماڭ

دېھقان يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 01:31:48

بەك سەت ئىش بوپتۇ .قالغان ئوكۇلنى سالدۇرماڭ ھامان ئۇ ئوكۇلنى سالمايدۇ{:6_276:}

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 01:42:21

بۇ يۇمۇرمۇ ياكى ھەقىقى …… ياق! بۇ يۇمۇردەك قىلىدۇ جۇمۇ //mobcent//app/data/phiz/default/15.png
بەت: [1] 2 3 4
: يۈزۈم قاتتىق چۈشۈپ كەتتى باللا