تاپشۇرۇقنى مۇنداق ئىشلەڭ
تاپشۇرۇقنىمۇنداقئىشلەڭhttp://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/5ab98d79/
مەكتەپتە بىر كۈن جاپالىق ئوقۇپ، ئۆيدە يەنە تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ئويلىسا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشى قاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلەش ئادىىتىنى ياخشى يېتىلدۈرسەك ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەشنىڭ ئاسان، ئەپچىل ئۇسۇللىرىنىئىگلىۋالساقلا ئۇنىڭدىن خوشاللىققا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.
تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەڭ.
ئالدى بىلەن تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. مەسىلىنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئىشەنچىڭىزنى تىكلەڭ ھەمدە ئۆگەنگەن بىلىمىڭىزدىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ. بۇ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەشتىكى پىسخىكىلىق ئاساستۇر.
تاپشۇرۇق ئىشلەشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەن بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە پىششىقلاش. تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلىگەندىلا،كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىزمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
ئالدى بىلەن ئۆتۈلگەن دەرسنى تەكرارلاپ، ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەڭ
تاپشۇرۇق ئىشلەش بىر تۈرلۈك يەككە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆگىنىش پائالىيىتى ئەمەس، ئۇ مەكتەپتىكى باشقا ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىدۇ. خۇددى ئۆي سالغانغا ئوخشاش ئالدىدىكى ئىش تەرتىپىدە مەسىلە كۆرۈلسە كەينىدىكى ئىش تەرتىپى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ۋاقتىدا تەكرار قىلماي، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئالدىراپ-تىنەپ تاپشۇرۇق ئىشلىسەك ، دەرسخانىدا سۆزلەنگەن بىلىملەرنى كاللىمىزدا چوڭقۇر ۋە سېستىمىلىق چۈشىنىشىمىز ۋە ئەستە ساقلىشىمىز كەمچىل بولىدۇ-،دە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە قېينىلىمىز. بۇ زېھنىمىز ۋە،ۋاقتىمىزنى خورىتىدۇ. بىز بەزى ساۋاقداشلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بىر دەم كىتاب ۋاراقلاپ، بىردەم فورمۇلا ئىزدەپ، ئۈلگىلىك مىسالنى كۆرىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىردەم باشقىلاردىن سوراپ ئىشلىسىمۇ، نەتىجىدە يەنە نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلمىغان.
تاپشۇرۇقنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل چۇشىنىش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇڭ تاپشۇرۇقتا ھەل قىلماقچى بولغان مەسلىنىڭ تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلەڭ. بىرىنچىدىن، سوئالدا قانداق مەسلىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەستايىدىل چۈشىنىڭ. شۇندىلا سورالغان سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، سوئالدا بېرىلگەن شەرتلەرنى ئېنىق چۈشىنىڭ. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال سوئاللادا بېرىلگەن شەرتلەرنى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەھلىل قىلىڭ. سوئالنى چۈشىنىش سوئال ئىشلەشتىكى ئەڭ مۇھىمھالقا. ئاۋۋال مەسلە-مىساللارنى يېشىشكە كېرەكلىك ماتېرىيالنى تولۇق تەييارلىۋالساق، سوئالنى ئوڭايلا يېشەلەيمىز.
ئەستايىدىل تەكشۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇڭ
بەزى ساۋاقداشلار تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن،ئىشلىگىنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ-،دە ھەمىشە ئۆگىنىشتە بىر قەدەر ياخشى ساۋاقداشلار بىلەن جاۋابنى سېلىشتۇرۇپ باقىدۇ. ھەتتا باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ئەسلىدىلا توغرا ئىشلىگىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.يەنە بەزى ساۋاقداشلار توغرا-خاتاغا ھۆكۈم قىلىش مۇئەللىمنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، مەسئوليەتسىزلىك قىلىدۇ. بۇ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىسىز.
كونكېرىت پەن ۋە سوئالغا ئاساسەن ئوخشاش بولىمىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلنى قوللىنىڭ
ئاددىي سوئاللارنى يەشكەندە، ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە يەنە بىر قېتىم ئىشلەڭ. بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال سوئاللارنى ئىشلىگەندە سوئالنى چۈشىنىپ، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، خاتالىقنى بايقىغان ھامان دەرھال تۈزىتىڭ.
تاپشۇرۇق تەكشۇرۇشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ، بۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىڭىزگە پايدىلىق.
«كىچىك ئوقۇرمەنلەر»ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 9-سانىدىن
ئالىمجان ئابدۇراخمان تەرجىمىسى
رەھمەت سىزگە ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. ناھايىتى ياخشى ماقالە ئىكەن ، تېما ئىگىسى ھارمىغاي ! ئوبدان يېزىلىپتۇ، ھارمىغايسىز {:6_277:} ئوبدان يېزىلىپتۇ، ھارمىغايسىز {:6_277:} بىر ئوقۇغۇچى يېرىم كىچە سائەت 1 بولغاندا مۇئەللىمىگە تىلفۇن قىپتۇ،مۇئەللىمى تىلفۇننى ئىلىپ ھە نىمە بولدى دەپتۇ،ئوقۇغۇچى مۇئەللىم سىز تىخى ئۇخلىمىدىڭىزما دەپ سوراپتىكەن،مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئۇخلاپ بولغان سەن تىلفۇن قىلىپ ئويغۇتىۋەتتىڭ ھە نىمە بولدى بۇنچە كىچىدە ئۇخلىماي نىمىش قىلۋاتىسەن دەپتۇ ئاچچىقىدا،ئوقۇغۇچى سىز ئۇخلاپ بولغان بىلەن مەن تىخىچە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىمەن دەپ تىلفۇننى قۇيۋىتىپتۇ. باشلانغۇچنىڭ باللىرىنى مىسالغا ئالساق،بىچارە باللار كەچ سائەت 5 تە ئۆيگە ھىرىپ ئىچىپ كىلىپ تامىقىنى ھاپىلا شاپىلا يەپلا بىر ئولتۇرسا بەزىدە سائەت 9 بۇلۇپ كىتىدۇ.تاپشۇرۇقنىڭ جىقلىغى،بىزنىڭ بىر تارىخ دەرىس بىردىغان ئوقۇتقۇچى بۇلدىغان پەقەت تاپشۇرۇق بەرمەيتتى نىمىشقا دىسىڭىز دەرىسنى ھىكايىدەك سۆزلەپ بىزنى دەرىسنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كىتەتتى شۇنىڭ بىلەن شۇ سائەتتىكى دەرىس كاللىمىزغا قۇيلۇپ كىتەتتى،مەكتەپ بۇيچە تارىخ دەرىسكە بەك ئامراق ئىدۇق.ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار باللارنى قورقۇتۇشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ،باللار بىلەن دوس بولمايدۇ.
بەت:
[1]