مەكتەپ پارتىيە خىزمىتى
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن
تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيەتتىن خۇلاسە
小学党的群众路线教育实线活动总
مەكتىپىمىزدە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى بارلىق زېھنىمىزنى بۇ خىزمەتكە قارىتىپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ، دىمۇكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خىزمەتلەركە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە خىزمەتتە ساقلانغان تولۇقلاشقا تىگىشلىك يېتەرسىز تەرەپلەرنى تولۇقلاشقا باشلامچىلىقرولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، "تۆتقىلماسلىق '' نى ، يەنى : شەكىلۋازلىق قىلماسلىق ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلماسلىق ، شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىق ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن ئايرىلماسلىق ئىدىيىسىنى يولغا قويدۇق .
ناھىيەمائارىپ ئىدارىسى ۋە لەنگەر يېزىلىق مەركىزى مەكتەپنىڭ بۇ قېتىمقى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن جىددىي تەييارلىق قىلىپ ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ ،" بەشتە ئاكتىپ " بولدۇق .
1. ئاكتىپ ھەركەتكە كەلدۇق . 3-ئاينىڭ 31-كۈنى مەركىزى مەكتەپتە پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق مەكتەپلەرگەسەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى . مەركىزى مەكتەپ سېكىلتارى سەنەۋەر مۇھىم سۆز قىلدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتىپىمىزمۇ جىددىي تەييارلىق قىلىپسەپەرۋەرلىك يىغىن ئاچتۇق ، مەكتەپ مۇدىرى سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى .
2. ئاكتىپ تەييارلىق قىلدۇق . بەشكېرەم مەكتەپنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى قۇرۇلدى . پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى ، ئۆگىنىش تەرتىپى ۋە ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق.
3. ئاكتىپ تەشۋىق قىلدۇق . " ئۈچ بولۇش" نى: تەشۋىقات لوزۇنكا بولۇش، تەشۋىقات دوسكىسى بولۇش ، ئۆگىنىش قوللانمىسى ( ماتىرىيالى ) بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق
4. ئاكتىپ ئۆگىنىشنى يولغا قويدۇق ، مۇھىم ئۈچ تۈرلۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى . لېكسىيە ئاڭلاش ، تەربىيە فىلىمى كۆرۈش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىبارەت . يۇقۇرقى ئۆگەنگەن ئۇسۇللارغا ئاساسەن ماتىرىياللارنى رەتلەش ، خاتىرە قالدۇرۇش، تەسىرات يېزىش ، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندۇق .
5. ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق ، مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر ۋاق تاماقتا بىرگە بولۇش ، ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ، قېينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق . بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى ئۆي قېيىنچىلىقى ، يەنە بىرى پەرزەنتىنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى : قوش تىلنى يولغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلالماسلىقىنى ، ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي ئەخلاق جەھەتتە كۆپرەك تەربىيلەش ، بىلىمنى يېڭىلاشقا يېتەكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.
بۇ قېتىمقى تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مەكتىپىمىز: '' ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، ئامما رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىش'' تىن ئىبارات ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ " كەسپتە مۇستەھكەم بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشايلى "دېگەن شوئارنى مەزمۇن قىلىپ : شەكىلۋازلىققا ، بىيۇگىراتلىق ، راھەتپەرەسلىككە ، ئىسراپخۇرلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ،ئىدىيىۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلنى ياخشىلاپ ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ ، رەھبەرلىكبىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلىي جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتۇق.
1." تۆت ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەردە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىۋىنى چىقىش قىلىپ " ئۆزىدە بار بولغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق ، مەسىلە ئىنكاس قىلغانلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىك " پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، مەخسۇس تېمىدىكىئۆز – ئۆزىنى تەكشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتۇق.
1-) شەكىلۋازلىق جەھەتتە بەزى خىزمەتلەردە بولۇپمۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدە دەرسكە كېچىكىپ كىرىش ، پىلاننى ئەستايىدىل تۈزمەسلىك ، تاپشۇۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرمەسلىكتەك قىسمەن مەسىلىلەرنى تېپىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇلىدىن پايدىنىپ ، ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ چوقۇم تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنى . 2-) راھەت – پاراغەتكە بېرىلىشتە چوڭ مەسىلىلەر بولمىسىمۇ يەنىلا جاپادىن،مەينەتچىلىكتىن قاچىدىغان ، باشقىلارنى بۇيرۇپ قويۇپ ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلىمەيدىغان مەسىلىلەرنى . 3-) بىيۇگىراتلىق جەھەتتە ئاساسلىق ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، يۇقۇردا تۇرۇپ رىئاللىققا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگەللىمەسلىك ، قېيىنچىلىقى بارلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، جاپادىن قېچىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى . 4-) مەكتەپ رەھبەرلىك ئارىسىدا بەزى ھاللارغا ئامما بىلەن كەڭ – كۇشادە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىشنى،پىكىرلىشىشنى خالىمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپلا قۇيۇپ ، قېيىنچىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىق، ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك پىكىرلەرنى ئەمەلىلەشتۈرمەسلىك ، ئەمەلىلەشتۈرۈشكە كۈچى يەتمەسلىك ، يىغىپ ئېيتقاندا، ئارمانغا چۈشلۈك دەرمان يوق ئەھۋاللارمۇ بار. شامال ئۆتۈپ كەتسە تۈگەيدىغۇ دەيدىغان خاھىشلارمۇ يوق ئەمەس.
2 . بىز مەركىزى مەكتەپنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەڭ تۈردە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتۇق ، يىغىنغاكەڭ ئوقۇتقۇچى – ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭخىزمىتىمىزنى نازارەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپتىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ، ئوقۇتقۇچىلار ، دەم ئېلىشقا چىققان پارتىيە ئەزالىرىۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ، ئاتا –ئانىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتۇردۇق . پىكىر- تەلەپلىرىنى ئاڭلىدۇق .
3. مەكتەپنىڭ بۇ قېتىمقى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئىچىگە تۈرلۈك مەزمۇندىكى تەشۋىقات دۇسكىلىرىنى چىقاردۇق، مەخسۇس ئۇچۇر خادىم ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەتلەرنى ۋاقتىدا يۇقۇرى ئورۇنلارغا يوللاپ تۇردۇق . ئۆگىنىشتىن ئۆگىنىش خاتىرسى ، تەسىرات ماقالىسى يېزىپ چىقاردۇق ،دائىم ئامما بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ تۇردۇق . بىز يوللىغان بەش ئۇچۇر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر تورىدا چىقىرىلدى .
4. سىنىپ مۇدىرلار ، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ، ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرىۋە پىشقەدەم مائارىپچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى ، مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى ، ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشى جەھەتلەردىكى پىكىر تەلەپلىرىنى توپلىدۇق . ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش . قوش تىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىل بولۇش، سىنىپ مۇدىرلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ چىقتۇق . بۇ ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سېلىندى .
5. مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ، مەخسۇس تېمىدىكى كوللېكتىپ ئۆگىنىش ، ياچىيكا ھەيئەتلەر ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش، مەخسۇس ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلار مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ،تەسىرات سۆزلەش ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىپ نازارەرچىلىك كۈچەيتىلدى .
6. مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ياچىيكا ئەزالارنى ھەر بىر يىللىققا مەسئۇل قىلىپ ، ئۆزى مەسئۇل بولغان يىللىق سىنىپلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ، ھەر تۈرلۈك پائالىيەت ، ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرى ،دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈشى ، شۇ يىللىق ئوقۇتۇش گۇرۇپپا پائالىيەتلىرىگە نازارەت قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېكىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم – كېچەك، يۈرۈش – تۇرۇشلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىلىندى .
7. مەخسۇس تېمىدىكى تەشكىلى تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ ، ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈش ، ئۆزىدە بار بولغان مەسىلىلەرنى ئامما ئالدىدا دادىل ئوتتۇرغا قويۇش ، نەق مەيداندا پىكىر ئاڭلاش، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد ئېلىپ بېرىپ كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدا يۈز تۇرانە پىكىرلەشتۇق .
ئەڭ يېڭى ماتىريال پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالار .
بەت:
[1]