نۇرۇز ئېشى ئىتىش ئۇسۇلى
نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى1. نورۇز ئېشى ئېتىش ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار (400كىشىلىك)
قوي قوۋۇرغا گۆشى 40كىلو،
قوي باڭزىسى 80 دانە ،
قوينىڭ لوق گۆشى 12كىلو،
بۇغداي 40كلو،
كۆكباش قوناق 8كىلوگرام،
نوقۇت 8كىلو گرام،
گۈرۈچ 4 كىلوگرام،
كۆكپۇرچاق كىلو4گرام،
ماش 4كەلو گرام،
تېرىق 4كىلوگرام،
ئارپا كىلوگرام،
قىزىلپۇرچاق 4كىلو گرام،
سۇ ماي 8كىلو گرام ،
قىزىلمۇچ 20كىلو گرام،
سەۋزە 40باش ،
پىياز 40 باش ،
پەمىدۇر 80 دانە ،
ئاش كۆكى 4كىلو گرام ،
چامغۇر 20كىلو گرام ،
تۇرۇپ 8كىلو گرام ،
زەنجىۋىل 2كىلو گرام ،
سامساق 4كىلو گرام ،
تۇز يېتەرلىك ،
ئاچچىقسۇ 4كىلو گرام ،
قېتىق 2كىلو گرام ،
ئاقمۇچ 800 گرام ،
شېكەر 1.2كىلو گرام.
2.تەييارلاش جەريانى :
1،6 سائەت بۇرۇن بۇغداي، پۇرچاقلار، نوقۇت، ئارپا، تېرىق، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.
2، بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن باڭزىلار سېلىنىپ يېتەلىك سۇ (تەخمىنەن 10كىلو) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ .
3، شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا سەۋزە، چامغۇر، قىزىلمۇچ، پەمىدۇر، تۇرۇپلار كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلىنىدۇ، سامساق، پىياز، زەنجىۋىللەر چانىلىدۇ، ئاشكۆكى 2 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىنىدۇ. لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ
4، قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ، چامغۇر، سەۋزە، تۇرۇپ سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات- پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك .
5، يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن ، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، تۇز قىزىلمۇچ، تۇز، شېكەر، ئاقمۇچ، ئاچچىقسۇ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ تەييار قىلىنىدۇ .
6، قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، قېتىقنى قۇيۇپ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇپ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .
ئالاھىدىلىكى : بۇ تۈركى، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تۇزلۇق، تاتلىق، ئاچچىق- چۈچۈك، مەززىلىك پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق.
چۈشۈرۈش ئادرىسى قىنى
بەت:
[1]