HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:45:11

نومۇس - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

نومۇس
(ھىكايە)

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

كوچا ئاپتوبوسىنىڭ تولىمۇ ئاستا مېڭىشىدىن ئىچىم سىقىلىپ سومكامدىن گېزىت ئېلىپ كۆرىۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز بىرىنىڭ : «ئۇكام يېنىڭىزدا بىر يۈەنلىك پارچە پۇل بارمىدۇ؟» دىيىشىدىن ئىتتىك بېششىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا 50 ياشلار چامىسىدىكى يۈزلىرى كۆيۈپ قارىدىغان، ئاددى كىيىنىۋالغان بىر ئادەم قولىدا بەش يۈەن پۇلنى تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
-بۇ ئاپتوبوستا پۇل قايتۇرۇلمايدىكەن شۇڭا...،-دىدى ئۇ تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە، مەن يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭغا پارچە پۇل تاپالمىدىم.
-كەچۈرۈڭ مەندىمۇ پارچە پۇل يوقكەن ،پۇلنى ھازىرچە سېلىۋېرىڭ، بىر ئازدىن كېيىن چىققانلاردىن ئېلىۋالساق بولىدۇ،-دىدىم مەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇ پۇلنى سېلىۋېتىپ يېنىمدىلا ئۆرە تۇردى. شۇ ئەسنادا ئاپتوبوس يەنە بىر بېكەتكە كېلىپ توختىدى. يېنىمدىكى ئادەم ئىتتىك ئىشىك يېنىغا باردى. ئەپسۇس، ئاپتوبوسقا چىققان ئىككەيلەن ئايلىق بېلىتىنى كۆرسىتىپ قويۇشتى.
-ئۈمىتسىزلەنمەڭ پۇلنى ئالىمىز،-دىدىم مەن ئۇنىڭ مەيۈس چىرايىغا قاراپ. ئىككىنچى بىكەتتە مەن ئۇنىڭ ئىككى يۈئەن پۇلىنى ئېلىپ بەردىم ھەم ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ:«رەھمەت سىڭلىم پۇلۇمنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئولتۇراي»دىدى ۋە ئىشىك ئالدىدىلا ئۆرە تۇردى.
-ئاۋۇنىڭ چۈپەيلىكىنى قارا ،-دىدى شۇ ئەسنادا بىرەيلەن،-ئىككى يۈەن ئۈچۈن دىۋانىدەك ئىشىك ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرغىنىنى، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ، بولدى ئاكا ئۇ ئىككى يۈەننى مەن بېرەي ئولتۇرىڭە،-دىدى ئۇرغۇلۇق قىلىپ.
ھېلىقى ئادەم خىجىل بولغان قىياپەتتە يېنىمغا قايتىپ كەلدى.
-ئۇكام بىز دېھقان خەق پۇلنى ناھايىتى تەستە تاپىمىز، يۇرتتا ئىككى يۈەنگە ئىككى نان كېلىدۇ. ماڭا باشقىلارنىڭ پۇلى كېرەك ئەمەس...،-دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
-ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشىماڭ، سىز ئۇ پۇلنى بىر يەردىن بۇلاپ كەلمىدىڭىز، نىمىشقا ئالمايتتىڭىز، ئۇلار دەۋېرىدۇ،-دىدىم مەن ئۇ كىشىگە بولىشىپ ھەم كەينىمگە ئۆرىلىپ بايا گەپ قىلغان يىگىتكە قارىدىم .قارىدىم-يۇ چۆچۈپ كەتتىم.چۈنكى بايا بۇ دېھقاننىڭ‹چۈپەيلىگى› دىن نومۇس قىلىپ كەتكەن بۇ يىگىتنىڭ قولى ئۇدۇلدىكى ئاپتبوس تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ يانچۇقىدا تۇراتتى.
-ئاناڭنى قەلەندەر يانچۇقىدىن چاشقان يامانلايدىكەن بۇنىڭ.
يىگىت يېنىدىكى يەنە بىر يىگىتكە شۇنداق دەپ كۇسۇرلىدى. قارىغاندا ئۇلار شىرىكتەك قىلاتتى. بۇ يىگىتلەرنى مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا مۇشۇ ئاپتوبوستا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا ئۇلار چوڭلارنى يۆلەپ، ئۆز ئورۇنلىرىنى باشقىلارغا بوشىتىپ بېرىپ كىشىلەرنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ،مەنمۇ ئۇلاردىن مەمنۇن بولغان ئىدىم. ئەسلىدە ئۇلار....
بىر چاغدا ئۇلارنىڭ قولى ئەپچىللىك بىلەن يېنىمدىكى دېھقاننىڭ يانچۇقىنى تاپتى. قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم. ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىگە دىققەت قىلغىنىمنى كۆرۈپ قالدى ۋە قاپىقىنى تۈرۈپ جىم ئولتۇر دىگەن مەنىدە مۇشتۇمىنى كۆرسىتىپ قويدى.مېنى تېخىمۇ تىترەك بېسىپ گەپ قىلالماي قالدىم. بىر چاغدا ئۇلار دېھقاننىڭ يانچۇقىدىن بىر مۇنچە پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدى، كىم بىلسۇن، ئۇلارنىڭ قولى تېىخى يانچۇقتىن چىقماي تۇرۇپلا كۈچلۈك ئالقانلار ئارىسىدا قالدى. دېھقان ئەسلىدە ھەممىنى بىلىپ تۇرغانكەن ،ئۇ يىگىتنىڭ قولىنى ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن كاپ قىپلا تۇتىۋالدى-دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئوغرىغا تىكىلدى.
-ئۇكام، قانچىلىك لازىمتى، مەن بېرەي، بۇنداق قىلما. دىۋانە چېغىدا سوراپ ئالىدۇ. بايا مېنى مەسخىرە قىلدىڭ، ئەمما مەن ئۇ بىرنەچچە يۈەننى ھالال تەر تۆكۈپ تاپقان. يامان يول بىلەن باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ تاپقان مىڭ يۈەندىن ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن تاپقان بىر يۈەن قىممەتلىك. ئەمدى كىم كىمدىن نومۇس قىلساق بولار ،تېخى ياشكەنسەن يولۇڭنى تېپىۋال،-دىدى ۋە بىر تۇتام پۇلنى يىگىتكە تەڭلىدى،-مە بۇنى ئال دۇرۇس ئىش قىلىپ ئاتا-ئاناڭنى خاتىرجەم قىل.
يىگىت تاتىرىپ تۇرۇپلا قالدى ۋە ئاپتوبوستىكى نەپرەتلىك كۆزلەر ئاستىدا ئىتتىك ئاپتوبوستىن چۈشۈپ غايىپ بولدى.

                2014-10.                                          مەنبە ئۆزۈم .

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 15:57:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-10 15:59

بەك ياخشى يېزىپسىز ،دىسەم دىمىسەم بۇ ئالدىڭىزدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكقۇ دەيمەن، {:6_277:}
مىنىڭ بىريىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە بىلەت ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا بېكەتتە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكنى ئەسلەتتىڭىز،

ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ، ئەزىز تىنىڭىز ئامان بولسۇن قەلبىنۇر ئاچاش،{:6_267:}

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 18:23:58

رەھمەت ئۇكام ،دىگىنىڭىز راست بۇ كۆز ئالدىمدا يۇز بەرگەن ۋەقە يەنىئۈرۈمچىدە .مەن شۇ ئەتراپىمدا ئۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆپرەك قەلەمگە ئالىمەن .

alxir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 19:56:35

ئاللاھ رازى بولسۇن، يەنە بىر ئېسىل ئەسەرنى ئوقۇۋالدىم.:loveliness:

ئەسلەش86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:34:06

بەك ياخشى يېزلىپتۇرھمەت سىزگە

ئەسلەش86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:15:46

ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ، رەھمەت

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:57:45

ناھايىتىمۇ ئەتىراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز ، ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ .

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 21:10:56

تەسىرلىق ھىكايە ،بۇنداق ئىشلارنى ئوز كۇزۇم بىلەن كورمىگەن بولساممۇ ناھايتى كوپ ئاڭلىدىم بىزنىڭ خوتەندىمۇ يەنجۇقچىلار ساپلا دىخانلارنىڭكىنى ،يىراقتىن كىسەل داۋالاتقىلى كەلگەنلەرنىڭكىنى ئۇغۇرلايدىكەن پۇلىسى ئۇغۇرلىنىپ لوم لوم يىغلىغانلارنى كورگەن ۋاختىمدا مىنىڭمۇ كوزلىرىمگە ياش كىلىدۇ

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 22:00:41

ئۆمرىمىزدە بۇنداق ئىشلارغا يولۇقماي تۇرالمايمىز، ئەمما يولۇققاندا ھەممە ئادەم قانداق قىلىشنى دەماللىققا بىلەلمىسىمۇ ئەمما نەپرەتلىنىشنى، شۇنداق كىشىلەردىن نومۇس قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئەمما نەق مەيداندا كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، چۈنكى بۇنداق ۋاقىت شۇ ئادەمگە خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما جەمئىيەت، مىللەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە، ھەتتا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش دەل مۇشۇ ئىش. چۈنكى، جەمئىيىتىمىزدە «قەھرىمان» دەپ نام ئېلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، ھىشكىم بۇنداق ئىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ۋە سالامەتلىكىنى مۇنداقلا قۇربان قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما يەنىلا ئەخلاق، قانۇن، ۋىجدان نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مىڭلىغان- ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى، جەمئىيەت ئەخلاقى، مىللەت ئابرويىنى ساقلايدىغانلارنى يوق دېيىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. مەنمۇ بىرقانچە يىل بۇرۇن ئاقسۇ شەھرىدىكى مەلۇم بىر خۇسۇسىي كىتابخانىدا دەل مۇشۇنداق بىر ئىشنى بىۋاسىتە ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەنمەن. بۇ يەردە دېيىلىپ بولغان گەپنى تەكرار دەپ كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغۇم كەلمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ نوقتا ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ دەل شۇنداق بىر روجىكىنى بىزگە سەگەك قەلبى بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن «خىرىستال» خانىمغا چەكسىز تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن ھەم ئالتۇن تېنىگە چەكسىز سالامەتلىك، بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ھەر بىر دەقىقىسىگە شادلىق تىلەيمەن!

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:25:41

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،،،،،ھارماڭ
بەت: [1] 2
: نومۇس - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن