تولۇقسىز 1-يىللىق 1-مەۋسۈم تەقلىدىي ئىمتاھان سۇئالى
تولۇقسىز 1-يىللىقلار ئۈچۈن
2011-2012-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈم تەقلىدىي ئىمتاھان سۇئاللىرى
(تىل-ئەدەبىيات)
ئىمتاھان ۋاقتى : 100 مىنۇت
1.سۇئال: بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ. (15 نومۇر)
‹1› ئەدەبىيات ( ) سەنئىتى . ‹2›ئەدەبىيات ( ) ، ( ) ، ( )قاتارلىق روللارغا ئىگە. ‹3› بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ماھىيەتتە شۇ مىللەتنىڭ ( ) دۇر.‹4›ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىر خىل ( ) جۇغلاش ،( ) جۇغلاش ،( ) جۇغلاش ،( )جۇغلاش جەريانىدۇر.‹5› ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئەسلا ئوقۇمايدىغان ئادەم،ئۇ پەقەت «ئالىي ئەقىلغا ئىگە ياۋايى ئادەم»دىن ئىبارەت. ‹6›"شېئىر ۋە شائىر" ناملىق نەسرىي شېئىردا شائىر شېئىرنى ( ) ، ( ) ، ( ) غا ئوخشاتقان . ‹7› جانلاندۇرۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى،( )، يەنەبىرى،( ). ‹8› «بۇزغۇنچى» ناملىق ئەسەرنىڭ ژانېرى ( )،ئاپتورى ( ) بولۇپ، ئەسەردە ( ) ، ( )، ( ) ، ( ) قاتارلىق پىرسۇناجلار تەسۋىرلەنگەن.
‹9› «موللاقچىلىقنى ئۈگىنىش» نىڭ ژانېرى ( )، ئاپتورى ( ). ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ( ) ، ( )، ( ) ، ( ) قاتارلىقلار بار.‹10› مەشرەپ- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى .ئۇزاق تارىخقا ئىگە ( ) ئۆرپ-ئادەتلىىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ( ) خاراكتېرىدىكى، قويۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە (
) پائالىيەت.‹11› ئۇيغۇرلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان مەشرەپلەردىن ( )،( )،
( )،( ) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى رايونىدا ئوينىلىدىغىنى ( ) مەشرىپى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوينىلىدىغىنى ( ) مەشرىپى. مەشرەپلەردە ( ) ۋە ( )، ( ) ۋە ( ) زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ.شۇڭا، مەشرەپ خەلقنىڭ ( ) ۋە ( ) دەپ تەرىپلىنىدۇ.مەشرەپلەرنڭ تۈرى كۆپ، نامىمۇ ھەر خىل بولۇپ، ( ) ، ( )، ( ) ، ( ) قاتارلىق تۈرلىرى بار.
(12) زىلال سۇ ياشناتتى دىلنى› تىزىلدى قۇرلارغا ئىلھام ئۈنچىسى.
مەڭزىمنى سۆيگەندە يامغۇرلۇق شامال، سەگىدى بىردىنلا كۆڭلۈم غۇنچىسى.
دىگەن شېئىردا ( )، ( )، ( )، ( )قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان.
(13) «سىزگە ئىشىك ئېچىلدى» دىگەن ماۋزۇدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ( ) قوللىنىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ژانېرى ( )، ئاپتورى ( ).(14) «تۇرمۇشتىن كېيىنكى بەزى ئىشلار خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايدۇ.» دىگەن جۇملىدە ( ) ئوخشىتىش قوللىنىلغان بولۇپ، ( ) ئوخشالغۇچىدۇر.
(14) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( ) يىلى ( ) دە تۇغۇلغان، ( ) يىلى ( ) دە ۋاپات بولغان.
« »،« »،« »،« » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
(15) جانلاندۇرۇش ( )، ( ) تىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
(16)« بۇ چاغدا كۆكمۇ بىز بىلەن بىرگە مۇشائىرىدە بولاتتى، ئەتراپتىكى دېڭىزمۇ ئۆشىنى تۇتىۋالالماي مەۋجلىنىپ كېتەتتى.» دىگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ( ) ھادىسىسى كۆرۈلگەن، جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ( ) قوللىنىلغان. جۈملىدىكى «مۇ» ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ( ) تۈرىگە تەۋەدۇر.
(17) ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىرخىل ( ) جۇغلاش، ( ) جۇغلاش، ( ) جۇغلاش، ( ) جۇغلاش جەريانىدۇر. (18) «نورۇز» ئەسلىدە ( ) ئاتالغۇ بولۇپ، «نەۋ» ۋە «رۇز» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ( ) دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (19) مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق
( ) چۈشىنىمىز، ( ) چۈشىنىمىز،( ) چۈشىنىمىز، ۋە ( ) چۈشىنىمىز. (20) «زېھنىڭىزنى» دىگەن سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ( ) ھادىسىسى كۆرۈلگەن. (21) تاۋۇشلارنى ( )تەتقىق قىلىدۇ، سۆزلەرنى ( ) تەتقىق قىلىدۇ .(21) «ئوت-چۆپلەر كىمخاپتەك يۇمشاق ئىدى» دىگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ( ) قوللىنىلغان.(22) ئوخشىتىش ( ) ،( ) ۋە
( ) ئوخشىتىش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
(23) كۇتۇپخانا- كىتاپ جاي، شۇنداقلا ئورنىدۇر. (24) «كىتاب ئىنسانىيەت ئۆزقولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقى ئەلئېھرامدۇر.» بۇنىڭدا ئوخشىتىشنىڭ ئوخشىتىش تۈرى قوللىنىلغان .(25) «نورۇز» بايرىمى ھەر يىلى
-ئاينىڭ -كۈنىيەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن نىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.(26) ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى سۆزلەر ( )،( )،( ) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. (27) «يەر يۈزىنى دەپتىرىمنىڭ ۋاراقلىرىدەك ئاپئاق قار قاپلىدى» دىگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ، ،قول-
لىنىلغان بولۇپئۇنىڭدىكى ئوخشالغۇچى شەيئى ،ئوخشىغۇچى شەيئى ،ئوخشىتىش قوشۇمچىسى
دىن ئىبارەت.(28) «بۇلاق سۈيىنى ئىچسەڭ يۈرىكىڭ ياشىرىپ كېتىدۇ.» دىگەن جۈملىدىكى ئالدىنقى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ
ھادىسىسى، كېيىنكى سۆزدە ھادىسىسى كۆرۈلگەن. تىل تاۋۇشلىرىدىكى بۇخىل ئۆزگىرىشئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىي قىسمىدىكى نىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ. (29) يىگىتۋېشى مەشرەپنىڭ تەشكىللىگۈچىسىدۇر.(30) «سىڭلىم چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈپ مارجان دوپپا كىيىۋاپتۇ» دىگەن جۈملىدىكى «چېچىنى»، «كىيىۋاپتۇ»
دىگەن سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ھادىسىسى كۆرۈلگەن. «سىڭلىم» دىگەن سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ھادىسىسى
كۆرۈلگەن.(31) «ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماراشقا باشلىدى» دىگەن جۈملىدە ئىستىلىىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن
قوللىنىلغان بولۇپ، تۈررىگە كىرىدۇ .(32) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تاۋۇش، فونېما ھەرپ بار.
سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇش بار.(33) «تارىخ ئۈگىنىش كىشىنى زېرەكلەشتۈرىدۇ. شېئىر ئوقۇش كىشىنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ»
دىگەن جۈملىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى خۇسۇسىيىتى كۆرۈلگەن سۆز .(34) «ئۇر توقماق»
ئەدەبىياتىغا تەۋە.
‹35› ئۇيغۇر تىلى ( ) ، ( )، ( ) دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ .
‹36›ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلار تەسۋىرى ( ) تەسۋىرى ، ( ) تەسۋىرى ،( ) تەسۋىرى ،( ) تەسۋىرى لىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2.سۇئال:توغرا جاۋاپنى تاللاڭ ۋە ھۆكۈم قىلىڭ . (24 نومۇر)
1 ›" بۇ بىر يىل ۋاقىتمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتتى." دىگەن بۇ جۈملىدە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە ( )
A . ئوخشىتىش . B . مۇبالىغە . C. جانلاندۇرۇش . D.سىمۋۇل .
2. «ئاشۇ ئىشىكلەرنى ئېچىپ كۆرۈش ئىستىكى يوق كىشىلەر روھىي جەھەتتىن نامرارت، ئىرادىسى زەئىپ كىشىلەردۇر» دىگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆز ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A . «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىشلاشقان. B. بۇ سۆز جۈملىدە«ئارزۇ» مەنىسىدە قوللىنىلغان. C. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى تومۇرى«ئىس»دىگەن سۆزدۇر. D. بۇ سۆز «خاھىش» دىگەن سۆز بىلەن مەنىداش سۆزدۇر.
3. «ئۇر توقماق» ناملىق چۆچەكتىكى «توقماق» : A . ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.B. ھەققانىيەتنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان. C .ئالدامچىلارنى جازالىغۇچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان. D.كەمبەغەللەرنىڭ يۆلەنچۈكى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.
4. – بالا كىچىك، نادان بولغىنى ئۈچۈن شوخلۇق قىلىدۇ، ئاتنىڭ تېيىمۇ قىيغىتىدۇ، ئۆشكىنىڭ ئوغلىقىمۇ سەكرەيدۇ ئەمەسمۇ،...
بۇ قېتىم بالىنى تىلىۋالاي...،- دىگەندەك بىرمۇنچە شىرىن سۆزلەر بىلەن دادامنى ئېرىتىپ، مېنى ئېلىپ قالدى.
A . بۇ پارچىدا تىل تەسۋىرى بىلەن بايان قوللىنىلغان. B. پارچىدىكى «ئېرىتىش» دىگەن سۆز « ماقۇل كەلتۈرۈش» دىگەن مەنىدە قوللىنىلغان. C . پارچىدا بالىلارنىڭ خاراكتېرىدىكى شوخلۇقنىڭ تەبىئىي ئەھۋال ئىكەنلىكى نەقىل ئارقىلىق دىيىلگەن.D. پارچىدا دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىدىيەت دىئالپگ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
5. ئادەتتە مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشۇرغۇچىسى:( ).
A .پاششاپ . B .يىگىتۋېشى. C. قازىبەگ . D. ساقچى.
6. قاتنىشىش دائىرىسى پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان مەشرەپ :
A .دولان مەشرىپى . B . قېيىت مەشرىپى. C. كۆك مەشرىپى. D. ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى.
7. « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » دە كالا ياكى قوي دىگىنى :
A. تۇخۇمنى كۆرسىتىدۇ. B. ئالمىنى كۆرسىتىدۇ. C. نەشپۈتنى كۆرسىتىدۇ. D. تاۋۇزنى كۆرسىتىدۇ.
8. تۆۋەندىكىلەردىن «ئى« سوزۇق تاۋۇشى بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كېيىن ، تەركىبىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشى «ئى»
تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدىغان سۆز :A.قارلىق. B .نىشانى. C .تاشلاش. D .ئويۇن.
9. «سىزگە ئىشىك ئېچىلدى» دىگەن تېكىستتىكى ئىشىك :
A . ھاياتلىق ئىشىكى B . ئىلىم-پەن ئىشىكى C . ئەدەبىيات ئىشىكىD. كەلگۈسىنىڭ ئىشىكى
10. «موللاقچىلىقنى ئۈگىنىش » ناملىق ئەدەبىي پارچىدا ئاپتورنىڭ( ) ھىسسىياتى ئىپادىلەنگەن .
A . دادىسىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا بولغان نارازىلىق .
B . كۆيۈمچان تاغىسىغا بولغان سېغىنىش، ھۆرمەت. C .بالىلىقتىكى گۈزەل، غۇبارسىز چاغلىرىنى سېغىنىش .
11. تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى :
A .« ھەقىقىي مەنىدىكى شائىر قاراڭغۇ كېچىنىڭ يورۇق تەرەپلىرىنى ۋە كۈندۈزدىكى زۇلمەتنى ھېس قىلالايدۇ» دىگەن جۈملىدە سېلىشتۇرۇش قوللىنىلغان. B . «يىقىلىپ چۈشۈش تاسادىپىيلىق، ئورنىدىن دەس تۇرۇش يىگەىتلىك» دىگەن جۈملىدە جانلاندۇرۇش قوللىنىلغان. C .«كىتابىي بىلىم قۇمغا سىپىلگەن سۇ، ئەمەلىي بىلىم مۇنبەت ئېتىزغا سىڭگەن سۇ» دىگەن جۈملىدە ئوخشىتىش، سۈپەتلەش ۋە سېلىشتۇرۇش ۋاسىتىسى قوللىنىلغان.
12. گرامماتىكا ئۆز ئىچىدىن مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.:
A . فونېتىكا، لېكسىكا B .لېكسىكا ، مورفولوگىيە C . فونېتىكا، سىنتاكسىس، D .مورفولوگىيە، سىنتاكسىس
13. «كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە چوپ-چوڭلا يىگىت بولۇپ قاپتۇ» دىگەن جۈملىدە ( ) قوللىنىلغان .
A .ئوخشىتىش B. سۈپەتلەش C . سۈپەتلەش D . مۇبالىغە
14. «موللاقچىلىقنى ئۈگىنىش» دىگەن تېكىستتە «مەن» نىڭ دەسلەپتە ئۈگەنمەكچى بولغىنى :
A . چامباشچىلىق B .دار ئويۇنى C . سۇغا چۆمۈلۈش D .موللاقچىلىق
15. «ئوقۇغۇچى» دىگەن سۆز ( ) تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن . A .تۆت B . بەش C . ئالتە D .يەتتە
16.«بۇنداق سۆزنى قىلىشقا قانداق جۈرئەت قىلدىڭ قايسى ئاتا ئنا پەرزەنتىنى خاتا يولغا باشلايدۇ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن»غا مۇۋاپىق تىنىش بەلگىلەرنى تاللاڭ:A .، - ؟ . B .؟ - ، . C .- ؟ ؟ . D . ،: - ؟
17. سۈپەتلەش ۋە جانلاندۇرۇش قوللىنىلغان جۈملە : A. سالقىن شامال يۈزلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتتى. B . ئۇماڭا قاراپ تېخىمۇ خۇرسىنىپ قويدى. C. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە. D . نادانلىق ساقايماس كېسەل.
18. «ئۇلار ئۆز ھەيۋىسىنى نامايان قىلدى» دىگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆز ھەققىدە خاتا ئېيتىلغىنى :
A . بۇ سۆزنىڭ تومۇرى «ھەيۋە»، قوشۇمچىلىرى «سى»،«نى» B . بۇ ياسالما سۆز C. بۇ تۈرلەنگەن سۆز D .بۇ سۆز تومۇرىغا قوشۇمچە ئۇلانغاندا «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .
19. تۆۋەندىكىلەردىن توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:1› بۆرە ھەر يىلى 11-12- ئايلاردا جۈپلىشىدۇ . 2› ئىنسانلار بۆرە توپىدىن جەمىيەتشۇناسلىققا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگەنگەن. 3› بۆرىلەر ئورمان ۋە بۇغىلارنى قوغداشتا سەلبىي رول ئوينىغان 4› بۆرە گۆشخور
2 › تۆۋەندىكىلەردىن ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمىگىنى :
A .تۇققان ، پىرقىراش ، موللاخچى، B. ئۈنئالغۇ،كۇركىراش ،تاقلاپ ، C.ئاماقچى، ئۈجمە ، دوس .
3 › " ئۈرىكىدىن مېغىزى تاتلىق " دىگەن تەمسىلدە ( ) .
A . مۇبالىغە بار . B . سۈپەتلەش بار . C. جانلاندۇرۇش بار. D.سىمۋۇل بار.
4 › " مەجنۇنتاللار ئېرىقتىكى سۇغا سالام قىلىپ تۇراتتى " دىگەن جۈملىدە : ( ) .
A . جانلاندۇرۇش بار . B .ئوخشىتىش بار . C. سېلىشتۇرۇش بار.
5 › ئۇ قورقۇپ كەتكەچكە ، مۆشۈكتەك كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى " دىگەن جۈملىدە : ( ) .
A . مۇبالىغە بار . B .ئوخشىتىش بار . C. سېلىشتۇرۇش بار.
6 › كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ئوبيېكىتقا ، سورۇنغا قاراش كېرەك . ( )
7 › ياشاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە __ئىشەنچ . ( ) .
8 › " قۇياش "نى ھەققانىيەتكە سىمۋول قىلىشقا بولىدۇ . ( )
3.سۇئال:تۆۋەندىكىلەرنى ئىشلەڭ . ( 12 نومۇر)
1 › ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا يەنە قانداق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ ؟
ئاپام ماڭا :‹‹ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇڭ ›› دەپ جېكىپ ( ) قويۇپ ، ئۆزى بازارغا چىقىپ كەتتى .
2 › دىلشات ئىمتاھان سۇئالىنىڭ ئۆزى قىياس قىلغاندىن ( ) مۇرەككەپلىكىنى ئويلاپ باقمىغانىدى .
3 › ئۇلار بۇ ئىشقا تېزدىن تەرەدۇت ( ) قىلدى .
4 › ئۇ بۇ ئىشقا تۇرۇپلا ئۆزىچە چالۋاقاپ ( ) كەتتى .
5 › ئۇ دائىملا ئاقساقاللىق( ) قىلىدۇ .
4-سۇئال : كۆنۈكمە ئىشلەڭ ( 20 نومۇر )
‹1› كەچقۇرۇن ئاپىلىرى قايتىپ كېلىپ ھەيران قېلىشتى، ئەسئەت باراڭنىڭ ئاستىدا كۈلۈپ ياتاتتى. بىر چەتتە رادىئودىن ناخشا ياڭراپ تۇراتتى. ـ بەللى... رادىئىونى تىلغا كىرگۈزۈپ سايرىتىۋېتىپسەنغۇ، ئوغلۇم! - دەپ كۈلۈپ كەتتى تاغىسى .
1) بۇ پارچە كىمنىڭ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانېرى نىمە؟
2) پارچىدىكى ئەسئەت قانداق ئوبراز؟ ئۇ راستىنلا «بۇزغۇنچى» مۇ؟
‹2› تۆۋەندىكى سۆزلەرگە«-ش،-ىش، -ۇش، -ۈش» قوشۇمچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى ئۇلاپ يېزىڭ.
1) تۈز- 2) كۆر- 3) تۇر- 4) سوز- 5) كەلتۈر-
6) سانا- 7) قارا- 8) ئاشۇر- 9) تەكشۈر-
5-سۇئال : ( 29 نومۇر )
« سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى » دىگەن تېمىدا بىر پارچە بايان ماقالىسى يېزىڭ.
تەلەپ) ‹1› باياننىڭ ئامىللىرى تولۇق بولسۇن.
‹2› مەزمۇن تەسىرلىك، باغلىنىشلىق بولسۇن.
‹3›چىن ۋە ھەقىقى بولۇشنى ئاساس قىلىڭ.
‹4› ئىملا چىرايلىق ۋە توغرا بولسۇن .
رەھمەت، تىما ماۋزۇسىغا ئەدىبىيات دەپ يىزىپ قوشۇمچە ھۆججەتنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى ئىش بولاركەن. تۇنجى قېتىم كىرىشىم بولغاچقا، كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى دىققەتسىزلىكىمدىن قالدۇرۇپ قويۇپتىمەن. خىزمەتدشلارنىڭ ئەپۇ قىىشىنى سورايمەن.
بەت:
[1]