ئىجادىيەت خاتىرىسى- قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
ئىجادىيەت خاتىرىسى(مىكرو ھىكايە)
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
قاق سەھەردە كەلگەن تېلىفۇندىن بىزار بولغان تۇردى يوتقاننى بېشىغا پۈركەشكە مەجبۇر بولدى.
-ۋەي، ۋايەي جېنىم دوستۇم سەنمىدىڭ، نىمە؟ نىمىنى تەبرىكلەيسەن؟ ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن، سەن دىمىسەڭ ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قالغانكەنمەن. رەھمەت ساڭا ھە مەيلى سەن قانداق دىسەڭ شۇنداق بولسۇن،- ۋاي توۋا مۇشۇ دوستۇم ئاسىيە ئاجايىپ جۇمۇ، بۈگۈن 42 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپ تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ،- ئالىيە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى.
–ھەي قاراڭ،- ئۇ باش-كۆزىنى پۈركەپ ياتقان تۇردىنىڭ يوتقىنىنى تارتىشقا باشلىدى،- سىز ئەشۇ يات خەقچىلىكمۇ بولالمايسىز، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئېسىڭىزدىمۇ يوق.
–نىمە، بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭما؟-دىدى تۇردى ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزىنىمۇ ئاچماي.
-شۇنداق جاناپلىرى، بۈگۈن سۆيۈملۈك رەپىقىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، شۇڭا تېز ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئىلتىپاتلىرىنى كۆرسەتسىلە ، -ئالىيە ئەركىلەپ ئېرىنىڭ قولىنى تارتقۇشلىدى.
-سېنىڭ ئۇ دوستۇڭ ئەجەپ ئېنىق بىلىدىكىنا،- دىدى تۇردى ئەتىگەندىلا خوتۇنىنىڭ كوتۇلداشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دوستىدىن نارازى بولۇپ.
ئۇچۇ ناھايىتى ئەستايىدىل، ئۇنىڭ سومكىسىدا «تۇغۇلغان كۈن تىزىملىكى» دەيدىغان قېلىن بىر خاتىرىسى بار. ئۇنىڭدا بارلىق دوستلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي قىلغان خاتىرە كۈنى دىگەندەكلەر خاتىرلەنگەن، ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئاشۇ خاتىرىگە قاراپ ئەتە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ ھەم ئەتىگەندىلا تېلىفۇن ئۇرۇپ خەۋەرلەندۈرىدۇ، قاراڭ ئۇ دوستلۇققا يارامدىكەن؟- ئالىيە ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى.
-پاھ، ئۇ دوستۇڭ نىمە دىگەن سادىق ھە، ئۇ بىكارچىلىقتا قىلىدىغان ئىش تاپالماي مۇشۇنى ئىجاد قىپتۇ –دە، ئۇنى«تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى» دىگەندىن كۆرە «ئىجادىيەت خاتىرسى» دىگەن تۈزۈككەن،- دىدى تۇردى تېرىكىپ.
-ھەي بولدى قۇرۇق گەپ قىلماي پۇل چىقىرىڭە، مېنىڭ قۇرۇق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق. ئاسىيە بىر يەردە ئولتۇرۇپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەيلى دەيدۇ.
–نىمە مۇشۇ قاق سەھەردىما؟ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەيدىغان بولغاندىكىن ئۇلار سېنى مېھمان قىلار؟
-تۇردىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا ئالىيە چالۋاقاپ كەتتى.
-ھوي نىمە دەۋاتىسىز، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى سىلەر پۇل چىقىرىپ تەبرىكلەڭلار دەمدىم، نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن.
-ئۇنداق بولسا تەبرىكلىمەيلا قوي، سەن يا كىچىك بالا بولمىساڭ...
–تولا جېنىمنى چىقارمىڭە، دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈم بولامدۇ مېنىڭنىمە پۇل بېرىش تەس كېلىۋاتامدۇ؟
-شۇنداق بۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغان پۇل نەدىكەن، نەدىمۇ 40 ياشتىن ئاشقان خوتۇن تۇغۇلغان كۈن قىلىدىغان ئىش بار، ئەتىگەندە ئىت پوق يىمەستە نەدىن چىقتى بۇ گەپ ، دەم ئېلىش كۈنىمۇ ئادەمنى ئارامىدا قويماي، ئەتىگەندە ئاۋال ناشتا قىلىپ قورساق تويغۇزۇش مۇھىم. تولا كىچىك بالىدەك غەلۋە قىلماي تېز ناشتىلىق تەييارلا.
-نىمە قورساق، قورساقلا دىگەن ئۆزىڭىز تەيارلاڭ،- ئالىيە غۇدۇرىغىنىچە ھوجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
تۇردى يەنە تەگىشىشنى خالىماي ئاستا ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى.
ئىشىك قوڭغۇرىقى ئەمدىلا جوزىغا كېلىپ ئولتۇرغان تۇردىنى ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.
-ناشتىنىمۇ ئارامىدا قىلغىلى بولمىغان، كىمدۇ بۇ؟- ئىشىكتىن قېنىق گىرىم قىلىپ چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئاسىيە قولىدا ئەپچىل سومكىسىنى كۆتۈرۈپ سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى،- ۋاي نىمىش بۇ تۇردى، ئەمدى ناشتا قىلىۋېتىپسىزغۇ، سائەت نەچچە بولدى؟ ئالىيە قېنى،-تۇردىھوجرا ئۆينى ئىما قىلدى،-قېنى داستىخانغا كەلمەمسىز؟ -ئاسىيەنىڭ يېنىغا كىرەي، سىز ئولتۇرىۋېرىڭ.
بىردەمدىن كېيىن ئالىيە مىچىلداپ يىغلىغىنىچە دوستىنىڭ ھىمايىسىدە ھوجرا ئۆيدىن چىقتى. بۇنى كۆرگەن تۇردىنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇردى،-ئەتىگەندە يىغلىغۇدەك نىمىش بولدى،-دىدى خوتۇنىغا زەردە بىلەن،-بىرى ئۆلۈپتىمۇ يا؟-ھەئە مەن ئۆلدۈم بۇنداق ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى،-نىمە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزەلمىگىنىڭگە ئۆلمەكچىمۇسەن؟
-گەپ بولسا چىرايلىق قىلىڭلار، ئالىيە سەنمۇ تۈزۈك گەپ قىل ئاداش، ئاسىيە تۇردىنىڭ پېشىنى تارتتى،-تۇردى سىزمۇزە بولدى قىلىۋەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ، ئالىيە خۇش بولسا سىزمۇ خۇش بولىسىز ئەمەسمۇ؟
-شۇنداق مەن ئۇنىڭ ئېرى ،ئەلبەتتە ئۇنىڭ خۇش بولۇشىنى خالايمەن، ئەمما ھەممە ئىشنىڭ چېكى بار، بۇ ياشقا كەلگەندە سىلەرگە نىمە كەلدى رېستۇراندا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ، بۇ بىزنىڭ ئورپ-ئادىتىمىزگىمۇ يات..-نىمە ئۆرپ-ئادەتكەن ئۇ ھەممە كىشى شۇنداق قىلىۋاتسا..
-بۇ سىزنىڭ نىمە دىگىنىڭىز ؟سىلەردىن باشقا كىم شۇنداق قىلىۋېتىپتۇ باشقىلار قىلغاننى توغرا بولسىمۇ خاتا بولسىمۇ چوقۇم قىلىش كېرەكمۇ؟ بۈگۈن مەنمۇ دەم ئالدىم ئائىلىدە بالىلار بىلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ تەبرىكلىسەك بولىدىغۇ، بىزنىڭمۇ جەم بولمىغىمىز ئاسان ئەمەس بۇنىڭدىن كاتتا ئىش بارمۇ، سىلەرمۇ ئۆيگىلا كېلىپ مېھمان بولۇپ كەتسەڭلار بولىدۇ ...-تۇردىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا ئاسىيە كۈلۈپ تاشلىدى،-ئاللا ئاداش ماۋۇ ئېرىڭ قايسى زاماندا ياشاۋاتىدۇ، ھازىر كىممۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ؟
-مانا مەنئۆتكۈزىمەن ،نىمە ئەتىگەندىلا بۇ جىدەلنى تاپقانسىز،-بۇ قېتىم تۇردىنىڭ ئاۋازىخېلىلا يۇقۇرى چىقىپ كەتتى،-سىلەرنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭلار يوقمۇ،سىلەر شۇنداق بىكارمۇ ؟
-نىمە ئۆيگە كەلگەن مېھمانغا شالىڭىزنى چاچىسىز،بۇمۇئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى ،بىزمۇ ھازىرلا ئولتۇرىمىز دىمىدۇققۇ؟ ئۇمۇ ھازىر بىر يەرگە بارىدىكەن يۈز تۇرانە تەبرىكلەپ كەچنىڭ ئىشىنى مەسلىھەتلىشەي دەپ كەپتۇ، بۇنداق چېچىلغىچە ئوچۇقلا قىلىپ خوتۇنۇمغا بېرىدىغان پۇل يوق دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ،-بۇ پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس ،-ئەمىسە نىمانچە جىق گەپ ئۇ ، ئىسىت مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم، ئەر كىشى بولغاندىكىن كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتسىڭىز بولمامدۇ؟ يۈرە ئاداش بولدى، بۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ يۈرمەي چىقىپ كېتەيلى، بىكارلا سەنمۇ ئازار يەۋالدىڭ...،-نەگە چىقىپ كەتمەكچى؟ بالىلار تېخى ناشتا قىلمىدى، -پۇل بېرىدىغان يەرگە، ناشتىلىقنى سىز قىلىپ بې....-تارس قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن ئالىيە ئارقىغا داجىپ كەتتى، -نىمە ساڭا پۇل بېرىدىغانلار بار ئوخشىمامدۇ؟ بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ بۇ ئۆي بالىلار ساڭا كېرەك ئەمەس شۇنداقمۇ؟-ياق ئۇنداق ئەمەس ئاچچىقتا ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى،-ئالىيە يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن توسۇپ تۇردىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، ئۇ بۇ سۆزنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتەكەنلىگىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى،-بولدى بۇ مۇنداقلا چىقىپ كېتىدىغان گەپ ئەمەس، بولدى نەگە بارساڭ بار، ئەمدى بۇ ئۆيگە ئاياق باسقۇچى بولما، ساڭا پۇل بېرىپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلارنىڭ يېنىغا بار، ئەمدى سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق،-تۇردى ئىشىككە قاراپ ماڭدى،-تۇردى قاراڭ،-تۇردى ئاسىيەنىڭ ئۆزىگە ئېسىلغان قولىنى قاتتىق بىر سىلكىۋىدى، سومكىسى يەرگە چۈشۈپ ئىچىدىكى نەرسىلەر چېچىلىپ كەتتى. ئاسىيە ئۇنى ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاققان قوزۇقتەك جايىدىلا تۇرۇپ قالدى، ئالىيە بولسا ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان تۇردىغا قاراپ «ياق،ئۇنداق دىمەكچى ئەمەستىم » دىگىنىچە ئىشىككە يۈگۈردى. ئۆي ئىچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن بالىلار كۆزلىرىنى ئۇۋىلىغىنىچە ئىشىك ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىشتى. نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان ئاسىيە تىترىگەن قوللىرىنى يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان«ئىجادىيەت خاتىرىسى»گە ئۇزاتتى، ئۇ ئۇنىڭغا «مانا بۇ سېنىڭ ئىجادىيىتىڭ، ئەتىگەنلا كۈلكىگە تولغان ئۆينى بىردەمدىلا گۈرۈستانغا ئايلاندۇردۇڭ »دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قوقاستا كۆيگەندەك پۇچىلاندى. ئۇ ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئالىيەنىڭ يېنىغا كەلدى.
2014-9- 20. قاراماي . مەنبە : ئۆزۈم .
مەن مۇشۇنداق ئەسەرلەرگە بەك ئامراق ئىدىم رەھمەت سىزگە تېخى ھازىر يوللىغانتىم ،بىردەمدە كۆرۈپ بولدىڭىزمۇ ؟{:1_1:} نىمە دىگەن تېز، رەھمەت سىزگە . ئەدەبى ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئىتۈيۈرۈم ، ئەزىز تىنىڭىز سالامەت بولسۇن ئاچا {:1_1:} ئاخشام بۇرۇنلا ئويگە چىقىپ كەتكەنتىم ،مانا ھازىر دۇككانغا كىرپلا شۇنداق ياخشى ئىجابى ھىكايدىن بىرنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بوپتىمەن، كىيىن قالساممۇ رەھمەت سىزگە. بۇ مىنىڭ ئەتىگەندىلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇنجى كۆرگەن تېمام بوپتۇ، جەمئىيەتتىكى ساقلىنىشقا- ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمما ۋابادەك يامراۋاتقان تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ئۆتكۈر قەلب كۆزلىرىڭىز ئارقىلىق تولىمۇ قىسقا ھەم چۈشىنىشلىك ئېچىپ بېرىپسىز، بارىكاللا!
بۇ تېمىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم ھەم كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭمۇ شۇنداق ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ ئارقىلىق شۇنداق نوقسان ئۆزىدە بار بولسا ئىبرەت ئېلىشىنى- تۈزىتىشىنى، بولمىسا ئەتراپىدىكىلەرگە بىر ئېغىز بولسىمۇ ئويلىغانلىرىنى دېيىش ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىناق، ساغلام راۋاجلىنىشىغا زەرىچە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەك ياقتۇردۇم رەھمەت مۇشۇ جەمىئىتىمىزدىكى بەزى كىشىلىرىمىز تۇغۇلغان كۇننى ئۆتكۇزۇشكە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ جۇما.......... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىدىكى چوڭ-كىچىك ئەزىزلەر ، سىلەرنىڭ تېمىلىرىمغا بەرگەن يۇقۇرى باھايىڭلاردىن ۋە مەدەت ئىلھاملىرىڭلاردىندىلىم يورۇپ ،ئىجادى ئىلھاملىرىم قايناپ- تاشماقتا ،ئاللاھ سالامەت قىلسا سىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنۇشقا تىرىشىمەن، رھمەت سىلەرگە ،تېمام ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن،شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن .ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمەن . ياخشىچىقىپتۇ
بەت:
[1]
2