«سادىرپالۋان»قىسقىچەتارىخى
سادىر پالۋان 1798- يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختىيۈزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.1762- يىلى 10- ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئىلى جاڭجۈنگە قاراشلىق مانجۇ چېرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان كىشلەردىن بىرىنچى قېتىمدا 6000، ئىككىنچى قېتىمدا 2000جەمئىي 8000 تۈتۈننى ئىلىغا يانچى قىلىپ پالايدۇ. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بىرىنچى قېتىم كۆچۈرۈلگەن تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى.
شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرىلىدۇ.كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يوشۇرۇن مۇز - قار ئۆڭكۈرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بار ئىىدى. ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى. كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى. بۇ ئىگىز مۇز تاغ ئۈستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن داۋان يولىغا ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇم ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كىگىز ، پالاس ۋە جۇۋا، چاپانلاردىن سېلىپ ئات - ئېشەكلەرنى ( تۆگە ماڭالمايتتى ) ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى. داۋان ئۈستى بىردەم - بىردەم ئاق - قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادەم ئۇلارغا چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا، ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات - ئۇلاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال - مۈلۈكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس - تۈتەك ئېلىپ كېتىپ ، مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەن بىچارە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرد - ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكەن ئىدى:
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.
غېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،
غېرىپقا غېرىپ يىغلار.
يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دېگەن جايغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاش ئۆستەڭ، بالتۇقاي، خۇنىخاي، دادامتۇ، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشقان ئىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن « قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن ئۆستەپ چېپىپ قاغچىرىغان باياۋانلار، چۆل - جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي - ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا - چاقىلىرى بىلەن ئوچۇق - يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش زۇلۇمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:
ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
چاپسا كەتكەن ئۆتمەيدۇ.
مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر،
بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ.
مانجۇ ئىستىبداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار - سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، بەلكى، ئۇلارنى يەر تېرىپ، مانجۇ دائىرىلىرىگە ئاشلىق سېلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۈتۈندىن 16خو، كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق سالىدۇ. پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەر خىل يول بىلەن پارە ئېلىپ قاقتى - سوقتى قىلىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى. مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلۇقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلىدۇ:
جاننى چىرتىپ ئەتتى،
ئالۋانچىلارنى دەرەي.
جاندىن تويۇپ كەتتى،
تۇڭچىلارنى زەرەي.
سادىر كىچىكىدىن شوخ - تېتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا - مۇشەققەتتىمۇ ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن زالىمغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە بولغان سۆيۈنىشى كىچىكىدىن پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرد - ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندە غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان. پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئۇستا قوشاقچى ئىدى. سادىر قاتمۇ قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئېغىر ئالۋاڭ - ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، مەزمۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغدا ئالۋاڭ - ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل - جەزىرىلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى «قاچاقلار» دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ «قاچاقلار» نى قوزغاپ ئوقيا، نەيزا، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇ كۇنلەردىن باشلاپ «سادىر پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پارمان چۈشۈرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زىندانغا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ چىقىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتى بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقان ئىدى:
سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئونبەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپ تۇتۇلغاندا،
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
يامۇلنى تېشىپ قويۇپ،
ئىككى چىقتىم تالاغا.
مېنى باققان بەش يايى،
ئەمدى قالدى بالاغا.
مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ. 1863- يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ، شەنشى، نىڭشيا ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864- يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىدىكى جايلاردا قوزغىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ. سادىر پالۋال ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.
1861- يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى ئازاد قىلىنىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا سادىر پالۋان 1864- يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۇڭگۈزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزا ئامبىلى تېزلا تەسىلىم بولغان. بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاپ بېرىپ دورا كۆمۈپ سېپىلنى پارتلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.
1867- يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختىيۈزىگە قايتىپكېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.
خەلق ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي باتۇر پەرزەنتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە. (شېرىپ خۇشتار يازغان )
مەنبە:ئەپەندىم تورى رەخمەت ،بەك جاپاتارتىپسىز .،ھارمىغايسىز رەھمەت قېرىندېشىم مەن سادىر پاپۋاننىڭ تۇلۇق ھاياتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم يوللاپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت
بەت:
[1]