نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 21:06:44

(تەۋسىيە) يېمەكلىكلەرنى رەڭگىگە قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىڭ

يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئورۇقلاشقا ياردىمى بار ئىكەن.ھەر خىل يېشىك رەڭلىك كۆكتاتلار،يەنى تۇمران بامبۇك نوتىسى،پالەك،كاللەكبەسەي،زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنىڭ رەڭگى نېترال،ئەسلىدىنلا ياغ تەركىبى تۆۋەن،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئورۇقلاش مەزگىلىدە كەيپىياتى ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ،يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يىگەندە كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەردىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار،بولۇپمۇ ۋىتامىننىڭ مىقدارى مول ھەم تەكشى بولىدۇ.

ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى تىزگىنلەيدىكەن.ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەر تۇرۇپ،دۇفۇ،كالا سۈتى،گۈرۈچ تامىقى،لەغمەن ۋە قېتىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئورۇقلاش مەزگىلىدە بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئېستىمال قىلغاندا،كۆرۈش سەزگۈسى ۋە بىخەتەرلىك كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ياردىمى بولۇپ،يۇقىرى قان بىسىمى،يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ ئورۇقلىشىغا پايدىلىق.

قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولىدىكەن.قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر يەنى،قارا كۈنجۈت،ياڭاق،قارا قېرىنقۇلاق،مېھرىگىياھ،لامنارىيە،قارا بېلىق،قارا توخۇ قاتارلىقلارنىڭ زىيانلىق تەركىبلىرى ئاز،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ،ئورۇقلايدىغانلارنى تولۇق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.بولۇپمۇ ئارتېرىيە قېتىشىش،تاجىدىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كىسىلى،شامالدارىش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گېرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ماس كىلىدۇ.

قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى غىدىقلايدىكەن.بۇلارنى بىلىپ-بىلمەي كۆپرەك يەپ قالغاندا ئادەمنى ئاسانلا سەمرېتۋىتىدۇ.چۈنكى بۇ خىل رەڭدىكى يېمەكلىكلەر ئورۇقلاش مەزگىلدىكى ئەتىگەنلىك تاماققا ماس كىلدىغان بولۇپ،ھەربىر كۈن روھلۇق باشلىنىدۇ.لېكىن چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتا بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئېستىمال قىلىش كىرەك.بولمىسا ئىشتىھا زىيادە ياخشى بوپ كىتىپ،كۆپرەك يېيىلىپ كىتىدۇ.نەتىجىدە ماي يىغىلىپ قالىدۇ.


شىنجاڭ ياشلىرى

ئەرتان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 08:13:01

رەھمەت    ياخشى تىمىكەن
بەت: [1]
: (تەۋسىيە) يېمەكلىكلەرنى رەڭگىگە قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىڭ