نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 15:19:44

يازدا قىرغاۋۇل بىقىشتا دىققەت قىلدىغان ئىشلار

ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تېمپۇراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كىرەك.يازدا شارائىت يار بەرسە قىرغاۋۇل كاتىكىنى دەرەخ سايىسىغا كۆچۈرسە بولىدۇ،كۆچۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىسا،سايىۋەن تارتىپ،قىرغاۋۇلنىڭ ئاپتاپتا قىلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.
پاكىز سۇ بىرىش كىرەك.يازدا تىمپۇراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا،سۇ ئاسانلا بۇلغىنىدۇ.شۇڭا سۇنى ئىككى كۈندە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كىرەك.سۇنى ئالماشتۇرغاندا،سۇ چۆنىكىنى 0.1% لىك كالىي ماگنات ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇپ،ئۇنى پاكىز سۇ بىلەن تولدۇرۇپ،سۇ چۆنىكىدە سۇ ئۈزۈلۈپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.تېمپۇراتۇرا 35 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشقاندا،سۇغا 3% لىك ئاق شىكەر ئارىلاشتۇرسا،قىرغاۋۇلنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ،ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يۇقۇمدىن ساقلىنىش كىرەك.كاتەك تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش - كىسەلدىن ساقلىنىشتىكى تۈپ تەدبىر.شۇڭا كاتەكنى ۋاقتىدا تازىلاپ،ھەر ھەپتىدە 百毒杀 دېزىنفىكسىيەلەش دورىسى ياكى باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسىنى تۇمانلىتىپ پۈركۈپ،ئىككى قىتىم دېزىنفىكسىيەلەش كىرەك.تۇمانلىتىپ پۈركىگەندە،يەم قاچىسى ۋە سۇ چۆنىكىنى ئىلۋېتىش كىرەك.
يەم بىلەن بىقىش.ئادەتتە كۈندە ئۈچ-تۆت قىتىم يەم بىرىش،يەمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ تولۇق،مىتابولىزىم ئىنىرگىيەسىنىڭ 2700-2750 كالورىيە گىچە،يېرىك ئاقسىلنىڭ 23% دىن يۇقىرى بولۇشىغا،ئامىنۇ كىسلاتانىڭ تولۇق بولۇشىغا ۋە كۆك يەم خەشەك تەڭشەپ بېرىشكە دىققەت قىلىش كىرەك.

فارۇق7 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 18:16:37

مۇشۇ قىرغاۋۇلنىڭ گۆشى يامان ئەمەس جۇمۇ.
/mobcent/reply/../app/data/phiz/default/15.png/mobcent/reply/../app/data/phiz/default/15.png/mobcent/reply/../app/data/phiz/default/15.png
来自安卓客户端

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 21:10:54

قىرغاۋۇل قوغدىلىدىغان قۇش
来自安卓客户端

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 23:51:23

بىزگە كېرىكى مۇشۇنداق خەلىق تۇرمۇشىدا ئەمىلى پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىلار.
بەت: [1]
: يازدا قىرغاۋۇل بىقىشتا دىققەت قىلدىغان ئىشلار