سەن نېمىشقا ئۆلۈۋالدىڭ؟ - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
سەن نېمىشقا ئۆلۈۋالدىڭ؟(ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان خوتەنلىك 12ياشلىق ئۆسمۈرگە ئوچۇق خەت)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
تەڭرىنىڭ سېنى خوتەن دىيارىدا ئۇيغۇر قەۋمىگە تەۋە قىلىپ يارىتىشى سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس ئىدى . سەن تېخى ئەمدىلا 12 – باھارىڭنى ئۆتكۈزگەن ئىدىڭغۇ؟
ماھىيەتتە بۇ سېنىڭ غەمسىز چاغلىرىڭ بولۇشقا تېگىشلىك بالىلىق پەسلىڭ ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، ساڭا غەمسىز ، يۇگەنسىز ئاتلاردەك گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇش ، دۇنيانى بالىلارچە تەسەۋۋۇر قىلىش ، ئاجايىب شوخلۇق بىلەن دۇنيا خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ... نېسىپ بولمىغان ئىكەن . بىز سېنى بىلىم ئال دېدۇق . بىراق مەكتەپكە ئايىغىڭ چۈشىشى بىلەنلا « پۇل بەر !» دېگەن سۆزنى شۇ قەدەر كۆپ تەكرارلىدۇق . سەن «پۇل» دېگەن بۇ ھەيۋەتلىك سۆزى تولا ئاڭلاپ شۇ قەدەر چۆچۈپ كەتتىڭ . بۇ قېتىم 360 كۈن تاڭدىن شامغىچە جاپالىق ئىشلىگەن ئاتا – ئاناڭ تۈگىمەس سېلىق ۋە جەرىمانىلەردىن ئاشۇرۇپ ئاكا – سىڭىل ئىككىڭلارنىڭ ئوقۇشلۇق پۇلى ئۈچۈن ئاران 20 يۈەن بېرەلىدى . بۇ پۇل ئاكا – سىڭىل ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كەملىك قىلاتتى . ئاتا – ئاناڭ سەن ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە يۈركىنى سۇغۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىدى . جەنۇب دېھقانلىرى شۇنداق يارىتىلغان بولسا كېرەك . ئۇلار شۇنچە نامرات تۇرۇقلۇق ھەممىسى ھاتەمدەك سېخى ، مەرد... بىراق مەردانە ئەمەس چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى زەخمىلەنگەن .
سەن كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق بۇ 20 يۈەننى سىڭلىڭغا بېرىپ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدىڭ ، ياق ، بۇ ھىيلىگەر ، جاللات رېئالىق سېنى ئۆلىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى . ساڭا ئۆلۈم تېخى بالدۇرلۇق قىلاتتىغۇ ؟!
دېمەك ، سەن نامراتلىقنىڭ قۇربانلىق پاقلىنى بولۇپ قالدىڭ !؟ مەن سېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭنى ئاڭلاپلا دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن نەقەدەر پىخسىق ھەم تار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتتىم . بىر چاغدا سېنىڭ ئۆلىمىڭ ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق « ئوچۇق دەرس » ئۆتۈپ بەرگەنلىكىڭنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ كۆڭلۈم سەل تەسكىن تاپقاندەك بولۇپ ، ساڭا ئۇشبۇ خەتنى يېزىشقا قولۇمغا قەلەم ئالدىم . سەن ئۆلۈپ كەتتىڭ ، ياق ! ئۆلىۋالدىڭ ، ياق ! بۇ رەھىمسىز رېئاللىق سېنى تىرىك يەۋەتتى ! ؟
ئۆلۈمنىڭ شەكلى ئانچە ئاز ئەمەس ، شەرەپلىك ئۆلۈش ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ ، بوغۇلۇپ ئۆلۈش كۆرەشتە ئوق بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ ، ساڭا تەقسىم بولغان كۈن تېخى تۈگىمىگەن بولىشى ئېنىق ، بوغۇلۇپ ئۆلىۋېلىشىڭنىمۇ « خۇدا بۇيرىغان ...» دېسەڭ ، بۇ بىزنىڭ نادانلىقىمىزنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىشى ئەمەسمۇ ؟!
مۇشۇ تاپتا ساڭا غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ : «تۇغۇلۇش – ئۇقۇشماسلىق ، دۇنيا – مەينەت ، ياشاش – بىمەنە ، ئۆلۈم – خوشاللىق » « دېگەندەك پىكىرلىرىنى ئېيتىپ يەرسەم ، توغرا قىلغانلىقىڭغا شۈبھىسىز ئىشىنىپ ، خۇشال بولۇپ كېتەرسەن ! ؟
سەن ئۆلۈم ئارقىلىق شادلانماقچى ھەمدە يوقسۇل داداڭنىڭ گەجگىسىنى بېسىپ تۇرىۋاتقان سېلىقنى بىر ئاز بولسىمۇ پەسەيتمەكچى بولدۇڭ ! بىراق نامراتلىق دەردىدىن بىرەر قېتىممۇ ھەققىي كۈلۈمسىرەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ، ئۈنلۈكرەك پاراڭ سېلىشقىمۇ پېتىنالمىغان ئاتا – ئاناڭنىڭ يۈرەك – باغرىنى لەختە – لەختە قان قىلىۋەتتىڭ ! شۈنداقتىمۇ سېنى گۇناھكار دېيىشكە بولمايدۇ .
بەزىلەر « بوغۇلۇپ ئۆلىۋالغانلار جەننەت قارىسىنى كۆرمەيدۇ» دېيىشمەكتە ...
بەلكىم دوزاخ ئازابى نامراتلىق ئازابى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغاندۇ ؟!
سەن باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولساڭ ، ھېچ بولمىغاندا داداڭنىڭ ئوقۇشلۇق پۇلۇڭنى تۆلەش ئىقتىدارى بولغان بولسا ... سەن ئۆلىۋالمىغان بولاتتىڭ ! داداڭدا نېمە گۇناھ ، ئاناڭدىچۇ ؟ ! ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭمۇ جاپالىق ئىشلىگەنگە يارىشا پۇل تاپقۇسى ، باي بولغۇسى ، ئىپتىدائى تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگۈسى بار ئىدى ، بىراق ئۇلار پۇل تاپالمىدى ، باي بولالمىدى ...
پەقەت « ئاتا – بوۋىمىز ئەينى چاغلاردا قەغەز پۇل ئەمەس ، ئالتۇن – كۈمۈش خەجلەيدىكەندۇق ...» دېگەندەك شىرىن ئەسلىمىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە « بىزگىمۇ خۇدايىم بېرەر!» دېگەندەك قانائەت سۆزلىرىنىلا قىلالىدى شۇ !؟ بىراق رېئاللىق مۇشۇ ھالىتى بىلەن داۋام ئېتىشكە رۇسلاندى .
سەن بىرەر سىياسى خاتالىق سادىر قىلمىغان ، شۇنداقلا ئېتىكا – ئەخلاققا يات ، باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ناچار ئىشلارنىمۇ سادىر قىلمىغان ئىدىڭ . تۇغۇلۇپلا نامراتلىق دەستىدىن بوۋايغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىڭ شۇ !؟نامراتلىق سېنىڭ سۆيۈملۈك ئۆلمىڭ !ئىلگىرى ئاچارچىلىقتىن ، قىيىنچىلىقتىن ، يۇقۇملۇق كېسەلدىن ، قىرغىنچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈمى سېنىڭ ئۆلۈمىڭگە ئوخشىمايدۇ . شۇنداقلا 80 – يىللاردا غەرب ئەللىرىدە «دۇنيادىن زېرىكىش ، ئۆلۈمىنى سېغىنىش» ئېقىمىدىكىلەرنىڭ دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋېلىشىغا ، قەھرىمانلارنىڭ دۈشمەن قورشاۋىدا قېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ، فېئوداللىق جەمئىيەتتە نىكاھ ئەر كىنلىكىگە ئېرىشەلمىگەن گۈزەل قىزلارنىڭ ياۋۇز بايۋەتچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋېلىشىغا ئوخشىمايدۇ ، ھەمدە يېقىندا يۈز بەرگەن 16 ياشلىق قىز ئامانگۈلنىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ زەربىسىگە چىدىماي چاشقان دورىسى يەپ ئۆلىۋېلىشىغا ، قاۋۇل بەردەم يىگىت ××نىڭ بىر ئوچۇم رەقىبلىرى تەرپىدىن ئەرلىك ئپپىتى بۇزۇۋېتىلگىنىگە نۇمۇس قىلىپ بوغۇلۇپ ئۆلىۋېلىشىغا ، ئەمدىلا 25 – باھارىنى ياشاپ تۈگەتكەن زىلۋا بەدەن ، ئۇيغۇر قىزى روشەنگۈلنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىپ قىلىپ ، جازادىن قورقۇپ يۇقىرى بېسىملىق توكنى تۇتىۋېلىپ ئۆلىۋېلىشىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ .
نۆۋەتتە جەنۇب يېزىلىرىدىكى دېھقانلار نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قەرز قايتۇرۇش بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ .
2001 – يىلى يازدا مەن تۇغۇلغان بۇ سەھرادىمۇ تەن – تۇرقى قەدىمقى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنى ئەسلىتىدىغان 50 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر تۇتاش تېرىقچىلىق قىلىش پۇلىنى دەل ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاچقا يېزىلىق پارتكومنىڭ رەھبىرى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەەپ ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيادىن غىپپىدە كېتىۋالدى . بىراق ئۇنىڭ چۆچىرىدەك ئالتە بالىسى تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ جاپالىق ئىشلىسىمۇ يوقسۇزلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ زار – زار يىغىلىشىپ قېپ قالدى .
ھېلىقى رەھبەر ئۈچ يىللىق تۈرمىگە سولاندى . دېمەك ، بىزمۇ نامراتلىق دەستىدىن بىر يۇۋاش دېھقان تاغىمىزدىن ، مۇھىمى بىر ياخشى رەھبىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق .
ئۆلىۋېلىش – ئاجىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى ياكى غورۇرنىڭ قاتتىق چايقىلىشى بولىشى مۇمكىن.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى ھىمىڭۋايمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىكەن . خەنزۇ ئەدىبلىرىدن چۈ يۈەن ، لاۋ شىلارمۇ شۇنداق ، مەشھۇر شەخسىلەر قامۇسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شەخسىلەرنى ساناشقا توغرا كەلگەندە ئەلۋەتتە ئون بارمىقىمىز كەملىك قىلىدۇ . شۇنىڭغا قارىغاندا ئىسيانكارلىق روھى سۇس كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشتەك كاتتا ئىشلار كەلمەسلىكى مۇمكىن .
«دۇنيا كۈچلۈكلەرگە مەنسۇپ» دەيدۇ گىرمانىيە پەيلاسوپى نېتزى . ھازىر كونا ماشىنلار شەھەرلەردىكى مەركىزى كوچىلارغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەندەك ،نامرات كىشىلەر بازارغىمۇ كىرەلمەس بولۇپ قالدى . جەمئىيەتتە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە ...«بىز ھازىر يەر ئاستىدا نېفت دېڭىزى ، سېرىق ئالتۇن خەزىنىسى ، ئېتىزلاردا ئاق ئالتۇنى ، يايلاقلاردا ساناقسىز چارۋا – ماللىرى ، يەر شارىنى ئاغدۇرۇۋەتكۈدەك گازلىرى ...بولغان ئالتۇن تاۋاقنى كۆتىرىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالدۇق ...» بۇ قىسمەتنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك ؟!
يەھۇدىلار دۇنيادا خورلۇققا ، زىيانكەشلىككە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان مىللەت ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھازىر دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك مىللەتكە ئايلىنالىدى ؟
ئىقتىساددىن ئايرىلغان مىللەت باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاخىرغىچە ساقلاپ قالالمايدۇ ، مانا بۇ ھالاكەت يولى ، بىز بۇ يولىنىڭ تەنھا كارۋىتى بولۇپ قاچانغىچە ماڭىمىز ؟!
يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان كۆپ خىل ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ھامان باشقىلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى .
تۈنۈگۈن كوچىمۇ – كوچا تشلاندۇق ۋېلىسپىتنى مىنىۋېلىپ تۆمۈر – كېسەك ، قۇرۇق قۇتا ، تاشلاندۇق چاچ ... تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بۈگۈن لىق خوجايىنغا ئايلىنىپ قېلىشى ئانچە كۈلكىلىك ئەمەس .
بىز ئۆزىمىزگە :«نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلار ، خەنزۇلار ، نېگىرلار ...بىزدىن باي ؟ قويۇشقا پېتىنالمىدۇق ، ئۇلار بىلەن ئۆزىمىزنى تارىخ شەجەرىسى نۇقتىسىدىن سېلىشتۇرۇپلا قەلبىمىزنى شادئېتىشكە كۆنۈكۈپ كەتتۇقكى ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىككى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ھورۇنلۇق قىلدۇق . ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولساق « ئادەمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق دۈشمىنى دەل ئۆزى»دېگەن ھىكمەتنىڭ ئاساسسىز مەيدانغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلىگەن بولاتتۇق ، شۇنداقلا گىرمانلاردەك پەلسەپىۋى مىللەت ، خەنزۇلاردەك تىرىشچان مىللەت ، يەھۇدىلاردەك كىتابخۇمار مىلەەت ، ياپونلاردەك ئىجادچان مىللەت ...بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن بولاتتۇق .
نامراتلىققا ئۆلۈم ئارقىلىپ جاۋاب قايتۇرۇشنى يۇقىرىقىدەك ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىش تولىمۇ قىيىن.
سەن بىزگە :«خۇدا بىزنى ياراتتىمۇ ياكى بىز خۇدانى ياراتتىقمۇ ؟ نامراتلىق بىزگە ئامراقمۇ ياكى بىز ناراتلىققا ئامراقمۇ ؟ نامراتلىقنىڭ يىلتىزى ئۆزىمىزدىمۇ ياكى باشقىلاردىمۇ ؟ بايلار بولغاچقىلا نامراتلار مەۋجۇتمۇ ياكى نامراتلار مەۋجۇت بولغاچقىلا بايلار مەۋجۇتمۇ ؟ ئادەم ئۆلۈمنى سېغىنامدۇ ياك ئۆلۈم ئادەمنى سېغىنامدۇ ؟ روھى نامراتچىلىق ماددى نامراتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ياكى ماددى نامراتچىلىق روھى نامراتچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ؟ ئادەم پۇلنى باشقۇرامدۇ ؟ پۇل ئادەمنى باشقۇرامدۇ ؟ ئادەم ياشاش ئۈچۈن پۇل تاپامدۇ ياكى پۇل تېپىش ئۈچۈن ياشامدۇ ؟ ...»دېگەندەك بىر قاتار چىگىش سوئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ !
يېقىندا بىر تراكتور بىر كېچە – كۈندۈزدە 36 سائەت خامان تېپىپ بىر مۇنچە پۇلغا ئىشلەپتۇ ، ھېچبىر دېھقان : «بىر كېچە – كۈندۈز 24 سائەت تۇرسا ؟»دېگەن سوئالنى قويالماپتۇ .
بىزنىڭ يۇرتتا مۇنداق بىر مەشھۇر چاقچاق بار : مەلۇم بىر ئاشخانا خوجايىنى ئاشخانا ئالدىدىن بايلار ئۆتسە : « گۆش بار ، پولو بار » دەپ توۋلايدىكەن ، نامرات كىشىلەر ئۆتسە : « نان بار ، مەنتەڭ بار »دەپ توۋلايدىكەن ...
مانا بۇ چاقچاقنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ، بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىقتىسادى مەنا يوشۇرۇلغان ، يەنى نامراتلار ئىنتايىن كەمسىتىلگەن .
ئەسلىدە ھايۋانلار قوغدالغان يەردە ، ئادەملەرمۇ قوغدىلىشى كېرەك ئىدى ، سەن بۇ دۇنيادا خوۋلۇق كۆرمەستىنلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدىڭ ، بىزگە تۇيدۇرماستىنلا كېتىپ قالدىڭ دېسەم سۆزۈم سەل ئېشىپ كېتەر . بىز سېنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىڭنى بىلمەيدىغانغا سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىنورماللىشىپ كەتكەن ساراڭ ئەمەسقۇ ؟ ياكى بىز تۈنۈگۈنلا يەردىن ئۈنۈپ ، ئاسماندىن چۈشۈپ ... ساڭا قېرىنداش بولىۋالغان ئەمەسقۇ ؟ ! بىز ساڭا ھايات چېغىڭدا ياردەم قىلالىساق ئىنتايىن توغرا بولاتتى . ھېلىمۇ ياخشى سەن ئۆلۈمنىڭ ئارقىلىق مېھر – شەپقەتكە مۇھتاج ساناقسىز ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدۇڭ .
دېمەك ، سەن بىزگە يەنىلا پۇرسەت يارىتىپ بەردىڭ ! مۇشۇ تاپتا سېنىڭ نامىڭدىن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭغا : « سىلەر ھەشەمەتلىك سورۇنلاردا ئولتۇرۇۋاتقىنىڭلاردا ھازىرغىچە شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ، كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان ، مەكتەپكە يالاڭ ئاياق بارىدىغان ، ئوقۇشلۇق سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمەي ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزىنى ئەلەم بىلەن يىرتىۋاتقان ...قېرىنداشلىرىڭلارنى ئەسلەپ قويڭلار !» دېگۈم كېلىۋاتىدۇ .
ياردەم – كۆز يېشى ئۈچۈن بېرىلگەن تەسەللى .
ھەر قانداق رەزىل ئشنىڭ مۇقەددىمىسى – مېھرىبانلىق .
نامراتلار – بايلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى
بايلار – نامراتلارنىڭ ئازاب دېڭىزى .
نامراتلار ئۆزىنىڭ نامرات ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .
بايلار ئۆزىنى مەڭگۈ باي دېگۈسى كەلمەيدۇ .
بايلار نامراتلارنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەمما بىرەر قېتىممۇ سۆيۈپ قويمايدۇ .
نامراتلار بايلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، ئەمما پات – پات سۆيۈپ قويمىسا كۆنەلگىسى ئۇيىمايدۇ .
نامراتلار بايلارنىڭ چىقىم يوللىرىنى كونتىرول قىلىۋالغان .
بايلار شۈكۈر – قانائەتنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىۋەتكەن .
نامراتلار – بايلارنىڭ ئەڭ ئېسىل تاماكىسى .
بايلار – نامراتلارنىڭ پوچتا ماركىسى .
دۇنيادا نامراتلار بولغاچقىلا بايلار مەۋجۇت بولالىغان . بايلار ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ . ئەمما ئېغىزدىن چىقىرىشنى خالىمايدۇ .
نامراتلار ھەقىقەتنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ . ئەمما ھەقىقەتنى يارىتالايدۇ .
ئىلگىرى ياپونىيىدە « تۆت خىل كېسەللىك ئىچىدە ئەڭ يامىنى نامراتلىق » دېگەن تەمسىل بار بولۇپ ، قەدىمقى بىر دانىشمەن : « تەل بولمىسا يىمەك – ئىچمەك ، كىيىم – كېچىكى ،
شان – شەرەپ ۋە ئار – نۇمۇسنى يوقتۇر بىلمىكى .»
دەپ ئىيتقان ئىكەن . بۇنىڭدىن نامراتلىق بارلىق پاجىئە ۋە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ «يىلتىزى»ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ .
بىز چوقۇم پارتلاش خاراكتېرىدىكى ئەجىر قىلمايدىكەنمىز « ئالتۇن ساڭغايدىغان ئېشەك » ، « ئېچىل داستىخانىم » ۋە « ئۇر توخماق » قاتارلىق « ئەڭگۈشتەر»لەرگە ئېرىشەلمەيمىز . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمايدىكەنمىز ، ھېچكىم بىزنى نامراتلىق پاتقاقلىرىدىن تارتىۋالمايدۇ .
بىز چوقۇم قەبرەڭگە : «نامراتلىق – جىنايەت» دېگەن سۆزنى ئىنتايىن كۆركەم قىلىپ بېزىپ قويىمىز .
مەنبە: ‹‹كىروران›› ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندىن.
بۇ ئەسەر شۇ يىلى ‹‹چوغلۇق ئەدەبىياتى ئەدەبىي ئەسەر مۇسابىقىسىدە›› 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
دېھقان بولماق تەس
( رۇزى سايىت )
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مە س ،
مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،
ئۇ باقار شەھەرنى ، كىچىپ مەرىدىن ،
ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ مۆمىن ، بەك يۇۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم ،
دەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،
تەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ،
رىسقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قۇيۇن ،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئۇيۇن ،
قىشتا سۇغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،
گاھ كەلكۈن،گاھ تۇمۇ قىسقۇزار بۇيۇن ،
دەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تۇيۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە - دامبا قېشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،
كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،
ھە - دىمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،
يىل بۇيى ئۆكسمەي پىشىپ تەرلىشى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،
مېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،
ئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،
تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،
تالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،
دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،
ئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش ،
مەشربى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۆزۈلمەس ئېشى ،
يوق مائاش - دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،
ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
چوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،
تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ،
يوقلايدۇ ، ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،
ئۇباققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش ،
ئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
مەن ،سەن ، ئۇ سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى ،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،
نىسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخت پەسلى ،
قەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى ،
يەسلىگە سۆزمسۇن قول ، ئاياز پەسلى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك ،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك ،
ئۆزىلا ئاق ،دىھقان كۆڭلى ئالىدەك ،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت- يالىدەك ،
رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ ،
ھىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ ،
سەھنىدە تۈزىشىپ توختام قوللىشىپ ،
"قاتلىنىپ ئاشتى" دەپ دوكلات يوللىشىپ
مۇكاپات ئېلىشتى تۆرنى گوللىشىپ ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق تۆھپە ئەمگىكى ،
يىل بۇيى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى ،
رەت قىلسا تۆلەم بار ، قالتىس دەللىكى ،
ئەرز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىكى ،
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئۆزىلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى ،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئەرز- تىلىگى ،
ھال سۇراپ كىلىشەر خىزمەت ئۈمىگى ،
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق - يىمىگى ،
بارى بار نەھاجەت ،ئۇ-بۇ دىمىگى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۈمەككە ،
ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسىز مۇنەككە ،
بىز گويا قارچۇغا ؛ چۈشكەن تۈنەككە ،
مۇھتاج بىز يورۇققا ،بىر يار - يۈلەككە ،
دىمەيمىز بۇگەپنى سىزدىن بۇلەككە ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ساق تۇرۇپ ئىككى قول - ئىككى پۇتىمىز ،
دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتنى تۇتىمىز ،
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز ،
كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت پۇتىمىز ،
قاچانمۇ ئۇتۇلماي ، يىڭىپ ئۇتىمىز ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى ،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى ،
ئالدايدۇ دۆلەتنى ، سېلىپ زىياننى ،
پوچىلىق ، نوچىلىق ، قىينايدۇ جاننى ،
جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
يۇرت- يۇرتتىن تەڭلەيدۇ ، كۆڭلەك ،چاپان-كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش ،
بىزشۇنداق تىلەمچى ، گاداي كۆڭلى غەش ،
قىززىق ئىش يەر مۇنبەت ، ھەر خاماندا چەش ،
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار ،
قازناقلار قۇپ- قۇرۇق ،چاشقانمۇ قاچار ،
يەي دسە تۈگىدى ، يىمىسە ئاچار ،
بىز نىچۈن بۇپ قالدۇق بۇ ھالغا دۇچار ،
كەتسەڭلار " چاقتىڭ " دەپ قەھرىنى چاچار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
ئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ ، يالتىراقمۇ ھەم ،
تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ ، جىنچىراقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ تاغارمۇ ، تۇخىناقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ يولدىكى بوغىناقمۇ ھەم ،
پۇل قېنى ؟ پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان ،
كىمگىدۇر ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان ،
ھەددىدىن ئاشماقتا " ئۈچ قالايمىقان "،
بەس ئەمدى كۈتەرمەي بولمايدۇ چوقان ،
چاچمىغىن سېلىقكەش ، يۈز- كۆزگە قۇقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا ،
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا ،
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا ،
كىم دىدى "دىھقاننىڭ قېنىنى شورا " ؟
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
دىھقانمۇ ياشىسۇن ، كۈلسۇن ،يايرىسۇن ،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن ،
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ، ئۆسسۇن- ئاينىسۇن ،
قازىنى ماي كۆرسۇن ، پات-پات قاينىسۇن ،
ئۇ....ھ دىسۇن ،ھېيت - بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
سەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە بار ؟
مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار ؟
دىھقاندەك ئەل - يۇرتنى باققان نەدە بار ؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن ،
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن ،
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
:L:L:L
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش، دىنىمىزدا چوڭ گۇناھ، شۇ گۇناھ بىلەن بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىكار بولۇپ كىتىدۇ، ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى ياخشى يىزلغان ماقالە ئىكەن ،رەھمەت ھەمىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئاددى ئەمما ئورۇنداش تەس بولغان ئىشلار ئىكەن. يەنە بىر كاتتا ئەسىرىڭىزنى يوللىغىنىڭىزغا بەك مىننەتدارمەن .
مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزچىل سۆيۈپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن .
باشقا ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز ! نىمدېگەن ئېچىنىشلىق، ھازىرمۇ شۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ،ياخشى ئەسەركەن. بەك چوڭقۇر مەنىلىك ئەسەركەن، ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك. ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئازاپتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى.ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.شۇنداق ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا نىمىشقا قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلالمايمىز،ئۇلارنىمۇ باشقا بالىلار ئېرىشكەن ھوقۇقتىن بەھرىمان قىلىلمايمىز . كوڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.
ياخشى ئەسەرنى بىزگە سۇنغانلىقىڭىزغا رەخمەت.
بەت:
[1]