ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى (2)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن!!دوسلار مەن ئۆزۈم نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتقان، ئاتىلار ھىكمىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى شەرھىلەنگەن( ئۇيغۇر خەلىق ماقال-
تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى) دىگەن كىتاپتىن ئازراق ئۈزۈندىلەر تەييارلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقتىمەن.
ئەمدى، مۇنبەردە،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، ھۈنەرۋەنلەر، ئوقۇغۇچىلار، دىھقانلار، كۆيۈمچان ئاتا- ئانىلار قاتارلىق ھەر كەسىپتىكى بىلىمگە ئىشتىياقى بار دوسلار بار. مىنىڭ بۇ ھىكىمەتلەرنى يوللىشىمدىكى سەۋەپ، بىز مەيلى كادىر بولايلى، مەيلى ئوقۇتقۇچى، زىيالى ، ياكى دىھقان بولايلى،ۋە ياكى
بالا تەربىيلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار بولايلى ئىش-پائالىيەتلىرىمىزدە،تىمىدا سۆزلەنگەن ئاتىلار ھىكىمىتىدىن ھالقىپ كىتەلمەيمىز.
شۇنداق بولغانىكەن ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئاتىلار ھىكىمىتىنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەكمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە....
ھىچ بولمىغاندا بىر كۈنلەردە، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلىرىڭلارغا، كۆيۈمچان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىڭلارغا بۇ ھىكمەتلەرنى سۆزلەپ بىرەرسىلەر..
‹ۋەتەن-ئەل يۇرت توغرىسىدا›
‹21› ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن
مەنىسى: بۇ، ئادەم كۆڭۈل شادلىقى ۋە شان-شەرەپكە ئىرىشش ئۈچۈن، ئەل-يۇرتنىڭ ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇش،بارلىقىنى بىغىشلاش كىرەك،
دىگەن مەنانى بىلدۈردۇ.
‹22›ئۆز ئىلىڭنىڭ نىنى يە، كىچە كۈندۈز غىمىنى ‹يە›
مەنىسى: بۇ، ھەر ئادەم ئۆز يۇرتىدا تىرىكچىلىك قىلىشنى ئەلا بىلىپ، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئىقىشى لازىملىقىنى بىلدۈردۇ.
‹23› ياخشى ئەر ئەلگە ئورتاق، يامان ئەر مالغا ‹ئورتاق›
مەنىسى: بۇ، پەزىلەتلىك، ئاقكۆڭۈل ئادەم خەلىقنى، يۇرتىنى ئويلايدۇ، شەخسىيەتچى، ئاچكۆز ئادەم بايلىق يولىنى ئويلايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.
‹24› يولدىن ئازسىمۇ يۇرتىدىن ئازماپتۇ
مەنىسى: بۇ، مەرد ئادەم قائىدە-يوسۇن، ئادەمگەرچىلىكتە يىڭىلسىمۇ، ئەل يۇرتىدىن يۈز ئۆرىمەيدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.
‹25› يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.
مەنىسى: بۇ، ئەل-يۇرت، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلغان كىشى ھۆرمەت، ئالقىشقا ئىرىشىپ، كۈنسىرى راۋاج تاپىدۇ، ئەل-يۇرتىنى سۆيمىگەنلەر
زاۋال تاپىدۇ دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.
‹26› يۇرت ئىتىكى كەڭ.
مەنىسى: بۇ، ھەر كىمگە ئۆزىنىڭ يۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى، يۇرت-ماكانى چەكسىز، بىپايان ئىكەنلىكىنى، تىرىكچىلىك ئىمكانىيتى قۇلايلىق
بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
‹27› يۇرتىغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس.
مەنىسى: بۇ، ئەل-يۇرتىغا زىيانلىق ئىش قىلغان كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھىچقانداق يەرگە سىغمايدۇ، دىگە مەنىنى بىلدۈردۇ.
‹28› يالغۇز چاۋاكنىڭ ئۈنى چىقماس.
مەنىسى: بۇ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى، شەرپى بولمايدۇ دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.
‹29› ئەل ئۈچۈن چەكسەڭ جاپا، ئەل سىنى قىلماس خاپا.
مەنىسى: بۇ، ئەل بىلەن ئۆلۈم گويا تويغا ئوخشاش دېيىلگەنلىك، ئەل ئۈچۈن، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئادەمنىڭ ئىناۋىتى بولدىغانلىقىنى
بىلدۈردۇ.
‹30› ئەل ئۈچۈن ئەر بول،بولمىسا يەربول.
مەنىسى: بۇ،كوللىكتىپتىن، ئاممىدىن ئايرىلغان، شىئەخسىيستچىلىك قىلىپ ياشىغان ئىنساننىڭ ھىچقانداق قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
‹31›ئەلنىڭ كۆزى ئەلگەكنىڭ كۆزى
مەنىسى:بۇماقال ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دىگەن ماقال بىلەن مەنىداش ماقال بولۇپ، مەنىسى ئەل سىنى ھامان نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ دىگەنلىكتىن ئىبارەت.
‹32›ئەلنىڭ ئەقلى شەكسىز، كۈچى چەكسىز.
مەنىسى: بۇ،شەخىسكە نىسبەتەن كوللىكتىپنىڭ، ئاممىنىڭ پاراسىتىنى ، كۈچى يۇكۇرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
‹33› ئەل مىھرىنى ئۆتۇنمە، ئوتىدا كۆي، ئۆكۇنمە.
مەنىسى: بۇ، ئەلگە بولغان چىن ئەقىدە،مىھرىدىن ۋاز كەچمە، ھامان ئۇنىڭ ئوتىدا كۆي، سۈيىدە ئاق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
‹34› توپتىن ئايرىلغان توشقان چوماقنىڭ يوغىنىغا ئۇچراپتۇ.
مەنىسى:بۇ، ئۆزقەۋمىدىن ، مىللىتى ۋە ئىلىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ياخشى كۇن كۆرمەيدىغانلىقىغا قارىتا ئىيتىلغانماقال.
《35》ئەلگە كەلگەن ياۋ،ئەرگە كەلگەن ياۋ.
مەنىسى: بۇ، ياۋيەنى دۈشمەننىڭ ئەلنى بىسىشى ئەمىليەتتە ئەرنى، ئەركەكلىكنى، باتۇرلىقنى بىسىشتىن، قۇل قىلىشتىن دىرەك بىرىدۇ،
دىگەنلىكنى بىلدۈردۇ.
‹36› ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن.
مەنىسى: بۇ،ئەلنىڭ، ئاممىنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلارنىڭ ئەر ئاتىلدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
‹37› ئەلگە تاغ يۈرەك ئەر كىرەك، ئەرگە 72 ھۈنەر كىرەك.
مەنىسى: بۇ ماقال، ئەردە پەقەت باتۇرلۇقلا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ يەنە ھۈنەر ئۇستىسى بولىشى كىرەك، بەلكى ئەرگە 72 ھۈنەرمۇ ئازلىق
دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.
‹38› ئەلگە بەرسەڭ ئىشىڭنى، ئەل سىلايدۇ بىشىڭنى.
مەنىسى: بۇ، قولدىن كەلسە، ئەلگە نەپ بىرىشنىڭ شاراپىتى، ئەھمىيتى كۆپلىكىنى بىلدۈردۇ.
‹39› ئەل بىر پەريات چەكسە، سەن مىڭ پەريات چەك.
مەنىسى: بۇ، ئەل-خەلىق بىلەن يىغا كۈلكىدە بىللە بولۇشنىڭ لازىملىقى، زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردۇ.
‹40› ئەگەر تۇرمىساڭ سۆزۈڭدە، ھۆرمەت بولماس ئۆزۈڭدە.
مەنىسى: بۇ، گەپ-سۆزدە راسچىللىق ۋە سەمىمىيەتلىكنىڭ تولىمۇ لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
‹41› ئەركىلىتىش ئاپەت، باشقۇرۇش مۇھەببەت.
مەنىسى: بۇ، بالا تەربىيسىگە قارتىلغان ماقالە بولۇپ، بالىلارنى دائىم ئەركىلىتىشنىڭ ئۇلارنى يولدىن چىقىردىغانلىقىنى، بالىلارنى تىزگىنلەشنىڭ،
ئۇلارغا مۇۋاپىق قاتتىق قول بولۇشنىڭ مىھرى-مۇھاببەتىن دىرەك بىردىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
‹42› ئەقىل يوقتا ئىنساپ يوق.
مەنىسى: بۇ، ئەدەپ-ئەخلاقتا ئەقىل لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
‹43› ئەقىل ئۆگىنىشكە ئەقىل كىرەك.
مەنىسى: بۇ، پاراسەت ۋە ئەقىل بولمىسا، ئىنسان ھىچنىمىنى ئۆگىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
‹44› ئەقىللىقنى ئىشىدىن بىل، بىلىملىكنى سۆزىدىن بىل.
مەنىسى: بۇ، بىرەر ئىشنىڭ ياخشى-يامان بولىشىدىن ئۇنىڭ ئەقلىنى، سۆزىنىڭ تىتىملىق، تىتىمسىز بولىشىدىن ئۇنىڭ بىلىمىنى بىلىۋالغىلى
بولىدۇ، دىگەنلىكتۇر.
‹45› ئەقىللىقنىڭ ئىپى بار، ئاڭلىغۇدەك گىپى بار.
مەنىسى: بۇ، ئەقىللىقنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىشتا ياكى بىرەر سۆزنى قىلىشتا ئاۋال ئويلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى دىگەن كىتاپتىن ئالدىم.
ناھايىتى ئوندان نەرسىلەرنى يوللاپسىز،ھازىرقى ياشلىرىمىز ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللەرنى ناھايىتى ئاز بىلىدۇ ياكى بىلمەيدۇ، مەنىسىنىغۇ ئەسلا! ئەجرىڭىزگە رەھمەت. يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، ساقلىۋالدىم . رەھمەت، بەك جاپا تارتىپسىز. ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى2014-6-1 23:09
يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، ساقلىۋالدىم .
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت{:1_1:} kirimulla يوللىغان ۋاقتى2014-6-1 23:24
رەھمەت، بەك جاپا تارتىپسىز.
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت{:1_1:} رەھمەت، -رەخمەت ،داۋامىغا تەشنامەن.
بەت:
[1]