aysajan1972 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 13:09:21

ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
مەن شەرىققىمۇ بارمىدىم، غەرىپكىمۇ بارمىدىم، جەنۇپقىمۇ بارمىدىم، شىمالغىمۇ بارمىدىم، ھاۋا يولى بىلەن ئاسمانغىمۇ چىقتىم، سۇ يولى بىلەن دېڭىز ئاستىغىمۇ كىردىم، ئېگىز ھەم يۈكسەك تاغ چوقىلىرى چىقىپ سۈكۈتكە پاتقان تاشلار بىلەنمۇ سىرداشتىم، گۈزەل ھەم سەلتەنەتلىك باغلارغا كىرىپ سازەندە قۇشلارنىڭ لىرىك غەزەللىرىنى ئاڭلىدىم ھەم يۇمران گىياھلار بىلەن ئۆزگىچە ئاھاڭدا مۇڭداشتىم....مەيلى كائىناتنىڭ قايسى چوقىسىغا باراي، مەن ئۇچراتقان ھەربىر شەيئى خۇددى مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك بىر كىشىنىڭ نامىنى زىكرە قىلىپ شۇ كىشىگە پۈتمەس-تۈگىمەس ھەمدۇ سانا ئوقۇپ بەردى.
ئۇنداقتا ئۇ كىشى زادى كىم؟!
يەتتە ئىقلىمنى بوي سۇندۇرۇشقا تەۋەككۇل قىلغان ئىسكەندەرمۇ؟ چىڭگىزخانمۇ؟ گېتلىرمۇ؟
- ياق
-ئاتىللىرىڭنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئۆزگىچە مەدىنيەت ياراتقان باتۇر تەڭرىقۇتمۇ؟ ئۇغۇزخانمۇ؟ ئارىپ ئەر تۇڭامۇ؟ توڭرىقۇتمۇ؟
-ياق
-شۆھرەتلىك قەلەم ساھىبى ناۋائىي ھەزرەتمۇ؟ بابارەھىم مەشرەپمۇ؟ تاگورمۇ؟ مىستىرانمۇ؟ ياكى بوتلىرمۇ؟ ياكى نېتىشىمۇ؟
-ياق
ياكى ئۇ ...مۇ؟
-ياق
-ئۇنداقتا ئۇكىم؟!
-ئۇ دەل «روھ ئىنژىنىرى» «شام» «باغۋەن» دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىدۇر.
xx               xx      
مەن يولدا كېتىۋېتىپ بىر دانىشمەن بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم.
«-ئالەمنىڭ چىرىقى بارمۇ؟
-ئوقۇتقۇچى
-ئالەمنىڭ يىلتىزى بارمۇ؟
-ئۇقۇتقۇچى
-ئالەمنىڭ تۈۋرىكى بارمۇ؟
-ئوقۇتقۇچى
-ئالەمنىڭ يۈرىكى بارمۇ؟
-ئوقۇتقۇچى»
مەن تەئەججۈپلۈنۈپ نېمە دەپ سورىسام ئوخشاشلا«ئوقۇتقۇچى» دەپ جاۋاب بەردىڭىزغۇ؟! دېدىم.
ئۇ دانىشمەن بېشىنى چايقاپ قويۇپ«ھەتتا سەندىكى مۇشۇنداق سۇئال سوراش ئىقتىدارىنىمۇ ئوقۇتقۇچى يېتىلدۈرگەن تۇرسا، دۇنيادىكى بارلىق يۈكسەكلىك ئوقۇتقۇچىغا يۈكلەنسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى پەقەت ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققانلار ھېس قىلالايدۇ، بەزىلەر ھازىر ئۇ نېمە بولماق تەس، بۇ نېمە بولماق تەس دېيىشۋاتىدۇ. لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولماق تولىمۇ مۈشكۈل جەريان، چۈنكى ئۇ ئىنساننى قايتىدىن ياراتقۇچىدۇر» دەپلا كېتىپ قالدى.
مەن چوڭقۇر خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولدۇم.
ئاشۇ قەدىردان ئوقۇتقۇچىلىرىم، ئاشۇ قەدىردان ئوقۇتقۇچىلار خىيالىمنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. ئاشۇ قەدىردان ئۇستازلىرىمدىن سۆزلەشنى، قەدەم ئېلىشنى، ياشاشنى ھەتتا ئادەمدەك خىيال سۈرۈشنى ئۆگەنمىگەن بولسام « ئادىمىيلىك ئوربىتىسى»دىن چىقىپ كېتىپ نەلەردە شەيتاننىڭ بۇيرۇقىنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىپ، دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرگەن بولاتتىم –ھە؟!
مۇبادا ئوقۇتقۇچىلار بولمىغان بولسا بۇ دۇنيا بىرمۇ تازلىق ئىشچىسى يوق دوزاق كوچىسىغا ئوخشاپ قالاتتى.
ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا بۇ دۇنيا بىرمۇ قۇش يوق ئورمانلىققا ئوخشاپ قالاتتى.
ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا بۇ دۇنيا بىر تامچىمۇ سۇ يوق كۆلگە ئوخشاپ قالاتتى.
ئوقۇتقۇچىلاربولمىسا بۇ دۇنيا بىر تال يۇلتۇز يوق ئاسمانغا ئوخشاپ قالاتتى.
xx          xx
ئوقۇتقۇچىسىز بۇ دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇنكىنمۇ؟!
ئوقۇتقۇچى – ئەڭ گۈزەل باغ، سەن قانداق گۈل ئۈزمەكچى بولساڭ ئۇنى تاپالايسەن.
ئوقۇتقۇچى- ئەڭ زامانىۋى روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى. سەن ھەرقانداق كېسەلگە مۇپتىلا بولساڭ شىپالىق تاپالايسەن.
ئوقۇتقۇچى- چەكسىز كەتكەن سۈزۈك دېڭىز. سەن ئۇنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە بېلىق بولۇپ ئۈزەلەيسەن.
ئوقۇتقۇچى- «مىڭ بىر كېچە».سەن ئۇنىڭدىن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئاڭلايسەن.
ئوقۇتقۇچى-ئەڭ ئىلغار جاھاننامە ئەينىكى، سەن ئۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى ھالىتىڭنىلا ئەمەس، ئۆتمۈشۈڭنى ئەسلىيەلەيسەن، ھەم گۈزەل كېلىچىگىڭنى ناھايىتى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالايسەن.
ئوقۇتقۇچى – ئۇ بىر سۆيگۈ دەرىخى. ئۇ ساڭا سۆيگۈ، سۆيۈش، سۆيۈلۈش، مەۋجۇدلۇق، قەدىر-قىممەت...ھەققىدىكى ئاڭ كونا ۋە ئەڭ يېڭى رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان يېقىملىق ناخشا.ئۇ قەلبىڭگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ ھەم دۇنيانىڭ ئەسلىدە تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىگىنى شۇنداقلا ئىنسان قەلبىنىڭ ئەسلىدىنلا چەكسىز مېھىر-مۇھاببەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
ئوقۇتقۇچى – كائىناتتىكى ئۆزگىچە بىر يۇلتۇزلار توپى. سەن ئۇ جايغا چىن ئەقىدە بىلەن بارساڭلا يۇلتۇزلارغا ئايلىنالايسەن.
xx          xx
ئوقۇتقۇچى مېنى روھلاندۇرغان. ئۇچۇرغان، ئۇ ماڭا ئۇسساپ كەتكىنىمدە، بىر پىيالە سوغۇق سۇغا ئايلىنىپ بەرگەن. ئۇ ماڭا قەھرىتان سوغۇقتا ئىسسىق چاپان بولۇپ بەرگەن. ئۇ ماڭا تۆت كوچا دوقمۇشىدا ئۈمىدسىزلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ تېڭىرقاپ قالغىنىمدا كومپاس بولۇپ بەرگەن. ئۇ تېخى ماڭا خەتەرلىك داۋانلاردىن ئۆتەر چېغىمدا كۆۋرۈك، ئېگىز قىيالارغا يامىشىۋاتقىنىمدا شوتا بولۇپ بەرگەن.
مەن يېشىللىققا ئاشق بولۇپ مەسىت بولۇپ يۈرگىنىمدە باھارنى چىللاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟!
مەن شۇڭا ئوقۇتقۇچىنى سۆيىمەن، ئوقۇتقۇچىلارنى سۆيىمەن، مەيلى قەيەردە بولسۇن، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولسۇن، مەيلى ئۇ قايسى قىتئەدىن بولسۇن، باشقا بىر كائىناتتا بولسىمۇ مەيلى ئوخشاشلا سۆيىمەن. ئوخشاشلا قەدىرلەيمە. ئوقۇتقۇچىنى قەدىرلىسەك ئۆمرىمىىز ئۇزىرايدۇ. بەختىمىز قاچمايدۇ. ئوسىمىز بالدۇر تاۋلىشىپ قالمايدۇ. ئارپىمىز خام ئورىۋېتىلمەيدۇ. نامراتلىق بىزگە ھەيۋە قىلالمايدۇ. بەخىتسىزلىك بىزگە قۇچاق ئاچالمايدۇ. شەيتانمۇ بىزگە تاش ئاتالمايدۇ. يولىمىزمۇ ئۇزىراپ كەتمەيدۇ، قولىمىزمۇ قىسقىراپ كەتمەيدۇ.
ئوقۇتقۇچىنى قەدىرلىگەن يەردە قىيامەت بولمايدۇ. پىتنە-پاسات بولمايدۇ. غەيۋەت-شىكايەت بولمايدۇ. خورلۇق بولمايدۇ. جىنايەت بولمايدۇ. ھەق-ناھەق رېئاكسىيەلەشمەيدۇ.
ئېقى ئاق، غېزى غاز، ئۆردىكى ئۆردەك، پېيى پەي بولىدۇ. توكۇرلار ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولالمايدۇ. ئۇ يەردە قۇياش مەڭگۈ پاتمايدۇ. باھار مەڭگۈ قايتىپ كەتمەيدۇ.
شۇڭا ئوقۇتقۇچى قەدىرلىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى سۆيۈلىشى كېرەك. سەن ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچىڭنى سۆي، ئوقۇتقۇچىلارنى قەدىرلە!
ئوقۇتقۇچىنى سۆيمىگەنلىك ماھىيەتتە ئۆزۈڭنى سۆيمىگىنىڭ.
ئوقۇتقۇچىى سۆيمىگىنىڭ مىللىتىڭگە ئاسىيلىق قىلغىنىڭ. مىللىتىڭگە ئاسىيلىق قىلغىنىڭ ۋەتەنسىزلىك قىلغىنىڭ، ۋەتەنسىزلىك قىلغىنىڭ قوتىنىڭنىڭ ئادىرسىڭنى بۆرىلەرگە ئېيتىپ بەرگىنىڭ.
ئوقۇتقۇچىنى سۆيمىگىنىڭ مەھكۇملۇق زەنجىرىگە ئۆز-ئۆزۈڭنى باغلىغىنىڭ. مەھكۇملۇق زەنجىرىگە باغلانغانلىق ئىنسانلىقىڭنى ئىتراپ قىلمىغىنىڭ ئىنسانلىقىڭنى ئىتراپ قىلمىغىنىڭ پارتىيىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە تۇزكورلۇق قىلغىنىڭ!
توۋا، ئوقۇتقۇچىنى ئازاپلىغان كىشىدىن ئارتۇق زالىم بارمۇ؟!
ئوقۇتقۇچىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان، كۆزدىن ياش ئاقتۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلغان كىشىدىن ئارتۇق مۇناپىق بارمۇ؟!
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئازاپ گۈلى تەقدىم قىلغۇچى ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى قاتتۇرىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ھالاكەت جىلغىسىغا بېرىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

xx          xx
ئوقۇتقۇچىنى «پىخسىق»دېگۈچىلەرنىڭ ئىقدىسادى ئېڭى يىتىلمىگەنلەر.
ئوقۇتقۇچىى «ئۇششاق گەپ ساتقۇچى»دىگۈچىلەرنىڭ تىلى كەمتۈكلەر.
ئوقۇتقۇچىنى «قىلنى قىرىق يارغۇچى» دىگۈچىلەر چۇقۇنكى «بىغەملەر يۇرتىنىڭ» نۇپۇزلۇق پۇقراسى.
ئوقۇتقۇچىنى «سېسىق توققۇزىنچى»دىگۈچىلەر چۇقۇمكى پائىشىلەرنىڭ يۇندىسىدا تاھارەت ئالغۇچىلار.
ئوقۇتقۇچىغا لەقەم سوۋغا قىلغۇچىلارنىڭ كەم بۇلغاندا ئەقلىگە كۈيى چۈشۈپ كەتكەن ياكى غۇرۇرى ئاختا قىلىنغۇچىلار.
xx          xx
مەن ھارام بايلىقتىن، راھات-پاراغەتتىن ۋاز كېچىپ جەننەتتەك پاك مەكتەپكە چوڭ-چوڭ قەدەم ئىلىپ كىرىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
مەن ئالىي قەسىرلەرگە كىرىش «پاسپورتنى»يىرتىۋېتىپ نامرات دېھقان باللىرىنىڭ قەلىب قەسىرىگە شەپىسىز ئەڭ ئۇستا ئوغرىدەك، يېشىل نۇرغا ئايلىنىپ كىرىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگەن.
مەن بالىلارنىڭ ئىشقىدا بۇلبۇلدەك ناخشا ئېيتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگەن.
مەن تۈن قاراڭغۇسىدا يۈرۈگىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ، ساناقسىز ئوقۇغۇچىلارنى نۇرانە كېلىچەككە باشلاپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
مەن سەلتەنەت قەسىرىگە ئۆزى كىرمەي، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخىت نۇرىغا چۆمىلگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ ھۇشىدىن كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
سەن ھارامتاماق، روھى پەس، ھەسەتخور، كۆرەلمەس، غۇرۇرسىز يالاقچىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
مۇتىھەم، خۇشامەتچى، تەخسىكەش، كۆكەرمە، قىزىل تۇمشۇق قاراقچىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
لايغەزەل، ھۇرۇن، مەسئۇلىيەتسىز، بوشاڭ، قاششاق سەۋدايىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
ھەشەمەت دەرۋازىسى ئالدىدا تەمتىرەپ يۈرگەن، ئىشىق راۋىقىدا ۋالاقلاپ يۈرگەن، پايلاقچىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئىتراپ قىلىپ بولغان.
xx          xx
چىن ئوقۇتقۇچىلار خوشامەت كوچىسىغا كىرىشىنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار، ئۆلگەن ھايات، مەنىسىز تۇرمۇش، يالغان مۇھەببەت، ساختا دوستلۇق، رەڭلىك ئەقىدە ۋە سۈنئى تەبەسسۇمغا قاراپ يىغلايدۇ.
خورلانغان، پۇتىغا نەشتەر سانجىغان، پاناھى يوق بالىلارنىڭ ئوماق چېھرىنىڭ سۇلۇشۇپ بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۈلمەيدۇ.
سۆيۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان قىزلارنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ يىغلايدۇ. يوقسۇزلۇق ئۆتەڭلىرىدە ئۇخلاۋاتقان يىگىتلەرنىڭ قامىتىگە قاراپ يىغلايدۇ.
چىن ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارنىڭ تون كەيدۈرۈشىنى تاما قىلىپ مۈكىدەپ قالمايدۇ. ئاتايىن پۇل خەجلەپ تېلۋۇزۇرغا چىقىشىنى نۇمۇس دەپ قارايدۇ. سودا خاراكتىرلىك ماختىنىش كويىدا قاتىراپ يۈرمەيدۇ.
ئۇلار ئولۇغلۇقنى سېمىز تەندىن، يانچۇقتىكى پۇلدىن، مىنگەن ماشىنىنىڭ ماركىسىدىن، ئولتۇرغان رېستۇراننىڭ دەرىجىسىدىن ئىزدەشنى راۋاكۆرمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل ئاددىي-ساددىلىقدا، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل ئۆزىنىڭ ئۈن-تۈنسىز بېغىشلاشتەك ئالىجاناپلىقىدا.
80ياشلىق قېرى سودىگەر 15قىزىنى ئەمرىگە ئالسا ھېچكىم ئەجەپلەنمەيدۇ. 90ياشلىق موماي دېسكو ئوينىسا ھېچكىم ئەجەبلەنمەيدۇ.
ساۋاتسىزلار ئەمەلدار بولسا ھېچكىم ئەجەبلەنمەيدۇ. قەلەندەر بىر كېچىدىلا مىليۇنېر بولسا ھېچكىم ئەجەبلەنمەيدۇ.
بىراق ئوقۇتقۇچىلار بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كەيسە ياكى بىرەر قېتىم ئالى رېستۇرانغا كىرمىسە ھەممە ئادەم گۇمانلىنىدۇ. مانا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى.
xx          xx
«مەسئۇلىيەت »دىگەن سۆزنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
ئەجداتلىرىنىڭ كونا چاپىنىنىڭ قەدىمىلىكىدىن پەخىرلىنىش يالىڭاچ قالغانلار، چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
ماڭغان ئىزىدىن تىكەن ئۈنىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
ھوقوق ھارۋىسىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ھەممىگە كۈلىدىغانلار ھەتتە ئايالىنى ئۆتنە بېرىشكىمۇ ماقۇل بولىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
ئاتا – ئانىسىنى بىرەر قېتىممۇ يوقلاشقا جۈرئەت قىلالماي كېچە كۈندۈز باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قاتىرايدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
ئېغىزدا باشقىلارنى « ئالغا » دەپ قويۇپ ئۆزى ئويقىغا كېتىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
ھەقىقەتتىن قورقۇپ كۆزىگە قەلەي كۆزەينەك تاقىۋالىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
باغ بىنا قىلماي مىۋە يىيىشنى ، قوي باقماي گۆش يىيىشنى ئىستەيدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
يۆتەلسىمۇ « ھۆكۈمەت ئۈچۈن يۆتەلدىم» دەپ پۇل تەلەپ قىلىدىغان ياكى كاماندۇرۇپكا ؛ئالماقچى بولغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
ئايالىنىڭ كالتە ئىچتىنىنى يۇيۇپ خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ سۆيۈنۈپ يۇرىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
تەقدىر ئالدىدا تىزلىنىپ قۇياشنىڭ شەرىقتىن چىقىپ غەرىپكە پېتىشىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
مۇنبەرگە پۇل يىغۋېلىش سۆزلەش ئۈچۈنلا سۆزلىۋېلىش ياكى ئۆزىنىڭ يېڭى كىيىمىنى داڭلىۋېلىش ئۈچۈن چىققانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
ئوقۇغۇچىلىلارنىڭ شىرىن خىيال سۈرۈشىگە چەك قويىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈلۈشىدىنمۇ ئەرسىلەيدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ .
چۇنكى ئوقۇتقۇچى مەنپەت ئالغۇچى ئەمەس ، مەنپەت ئاتا قىلغۇچى .
ئوقۇتقۇچى ئىنېرگىيە توپلىغۇچى ئەمەس ، ئىنېرگىيە سەرپ قىلغۇچى .
ئوقۇتقۇچى – ئوتتەك چاراسلاپ كۆيگۈچى .
ئوقۇتقۇچى – بىرئۆمۈر ھالال تەر تۆكۈچى .......
ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبىدىكى مېھرى مۇھەببەت بۇلۇقىنىڭ كۆزى ئېتىلىپ قالسا دۇنيانىڭ تۇگەشكىنى شۇ؟!

دوستۇم سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇڭمەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇم.
مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىڭدىن پەخىرلەنسەڭ مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. ئوقۇتقۇچىلىق سەپىرىمدە چەككەن بارلىق جاپالىرىم ھەر دائىم ماڭا راھاتلىنىش تۇيغۇسى ئاتاقىلىدۇ. ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەڭدار سۇئاللىرى پۈتكۈل ئازابلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ.
مەن قايتا تۇغۇلساممۇ يەنە ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللايمەن.
يۈر دوستۇم بىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ يېتىشتۇرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يېنىغا بارايلى. ئۇ بىزگە ئۆمۈرلۈك تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
دوستلار،يۇرتۇڭلار! سەلتەنەت بېغىغا جەم بولۇپ ئوقۇتقۇچىلار شەنىگە مەشىرەپ ئۆتكۈزەيلى.
دوستلار، يۇرۇڭلار! بۈيۈكلۈك تېغىغا چىقىپ ئوقۇتقۇچىلار شەنىگە ناخشا توۋلايلى. ناخشىلىرىمىزنى پۈتكۈل كائىنات ئاڭلىسۇن، ھەتتا شاتلانسۇن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۈيۈكلۈك يۇرتىنىڭ سۇلتانى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئەندىكىپ كەتسۇن.
يۈرۈڭلار،دوستلاريېڭى دەۋىر، چەكسىز دېڭىز، كەڭ تەبىئەت، ئانا تۇپىراق بىزدىن سۆيۈنۈپ قالسۇن.
بۇيۈكلۈك بابىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى،پەقەت ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھەممە چۈشەنسۇن.....

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژورنىلڭ 2013-يىللىق 6-سانىدىن

ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقى ئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 14:22:33

بەك ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت . ئېسىل يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز .

ahat0902 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 16:18:14

ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن تەرىپلەشكە تېگىشلىك بۈيۈك ئىنساندۇر!

13239983181 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 17:16:05

سىز راس ئەيساجان تۇرى ئاچچىقكاممۇ يا تەخەللۇسىڭىز شۇنداقمۇ؟
باش سۈرىتىڭىزغۇ ئەيساجان تۇردى ئاچچىقكامنىڭ ئىكەن.

شورلۇق يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 17:47:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-23 17:48

سىز راس ئەيساجان تۇرى ئاچچىقكاممۇ يا تەخەللۇسىڭىز شۇنداقمۇ؟ ماڭا ئاچچىقكامنىنىڭ ( ئاچچىق) ئەسەرلىرى بەك لەززەتلىك تېتىيتى:lol

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 19:48:43

ئوقۇتقۇچى ھەققىدە تەرمىلەر
ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى، بۇ ئۇلۇغلارنىڭ تەبىرى. ئوقۇتقۇچى تىرىشچان باغۋەن، بۇ خەلىقنىڭ مەدھىيسى. ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتنىڭ ئانسى ، بۇ تارىخىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى.
ئوقۇتقۇچنىڭ قەلبى ئالتۇندىنمۇ ساپ بۇلىدۇ. قەلبىي يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرىدۇ، قەلبى زۇمرەتتەك سۈزۈك ۋە غۇبارسىز كىلىدۇ.
كۆيۈۋاتقان كۆمۈر ئۆز ۋۇجۇدىدىن يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ. خەلق ئوقۇتقۇچىسى دەل مۇشۇنداق خىسلەتكە ئىگە ئەمەسمۇ؟
ئوقۇتقۇچىدا مېھرىبان ئانىنىڭ مۇھەببىتى، تەلەپچان ئاتىنىڭ ئىناۋىتى، پەيلاسوپنىڭ زاكونى ۋە ئەمەلىيەتچىنىڭ بىجاندىللىقى بۇلۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا يالقۇنلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى خۇددى تاش پەلەمپەيگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى قەدەممۇ-قەدەم يۇقۇرىغا چىقىشىنى خالايدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى نىمدىگەن مۇھىم نىمىدىگەن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس-ھە ! پۈتكۈل ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ تەقدىرى شۇلارنىڭ قۇلىدا.
باغۋەننىڭ تەرلىرى يېشىل يوپۇرماقلاردا ياشنىسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرلىرى قەلىبلەردە مېۋە بىرىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز بۈگۈنىمىزنى يارىتىپ بەردى. بىز كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۆگۈنىنى قانداق يارىتىش بولسا،بۇ تارىخنىڭ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدىغا قويغان ئېمتىھان سۇئالدۇر. بىراق خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى «بىزنىڭ سەككىز سائەتتىن سىرىتقى ۋاقتىمىزمۇ يەنىلا ئوقۇغۇچىلارغا مەنسۇپ» دىيىشىدۇ.
ئوقۇتقۇچى - مەكتەپتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇستاز، ئەڭ بىۋاستە نەمۇنىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ جانلىق ئۈلگىسى.
ئوقۇتقۇچى - دىلغا چىراغ ياققۇچى، شامغا ئوخشاش ئاز-ئازدىن نۇر چاچقۇچىلاردۇر، ئوقۇتقۇچى - بور، قەلەم، كىتابنى ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەردىن ئەلا بىلگۈچىلەردۇر.
ئوقۇتقۇچى - قۇياشقا ئوخشاش نۇر چېچىپ نادانلىق تۇمانلىرىنى تارقىتىۋەتكۈچىلەردۇر.
ئوقۇتقۇچى - باھاردىكى پىلە قۇرتى، ئۇ، ئۆزىدىن يىپەك تور چىقىرىپ باشقىلارنى بوران-چاپقۇندىن تۇشۇپ قالىدۇ.
ئوقۇتقۇچى - بىر كېمىچى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى پايانسىز ئوكيانلاردىن بىلىم گىرۋىكىگە باشلاپ بارىدۇ.
ئوقۇتقۇچى - بىر باغۋەن، ئۇ ئۆزىنىڭ قان-تەرى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ گۈللىرىنى سۇغىرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى - بىر ھەسەل ھەرىسى، ئۇ تۈرلۈك -تۈمەن گۈللەردىن ھەسەل يىغىپ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى- ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ۋە پەننى بىلىملەرنى تارقاتقۇچىبۈيۈك كىشىلەردۇر.
مىسرانىم مۇنبىرىدىن muslim يازمىسى

سىمانۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 17:53:06

بۈگۈن بىر كۈن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن ،سىزگە بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمىتىم ئاشتى .بۇ يولدا ھارماي ئىزدەنگەيسىز.بۇ بىرئادەم قىلىمەن دەپلا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس،سىزگە مەدەت تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق .يازاي دىسە قاملاشتۇرۇپ يازغىلى بولمىسا يە.

otmakani يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:39:43

ئوقۇتقۇچى ھەققىدە
http://img14.poco.cn/mypoco/myphoto/20130401/04/17350712020130401041540053.jpg

otmakani يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:40:49

مۇئەللىم ھەققىدە
http://img14.poco.cn/mypoco/myphoto/20130401/04/17350712020130401041624021.jpg

13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 19:52:13

ئەجەپ ھاردۇغۇم چىقتى ، جاپاكەشلەر سىلەرمۇ خۇش بولدۇڭلارمۇ ؟ ئوقۇتقۇچى بولماق بەك تەس ، لىكىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت بەك ئۇلۇغ جۇمۇ؟{:1_1:}
بەت: [1] 2
: ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)