TURAN01 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 14:16:40

پەرزەنتتە ‹‹يەتتە خىل ئىسىل خاراكتىر››

پەرزەنتنىڭ تەغدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ‹‹يەتتە خىل ئىسىل خاراكتىر››

دۇنيادا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە كۆڭۈل بولمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك.پەرزەنتىڭىزنىڭ جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام بولىشى ئائىلىنىڭ بەختى ۋە ئاتا –ئانىنىڭ باش تارتىپ بولاممايدىغان بۇرچى.
   ئادەت خاراكتېرنى بەلگىلەيدۇ،خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.ھەر قانداق كىشى ياخشى خاراكتېرگە ئىگە بولسىلا ئاندىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ھەم ئۆز قولىغا ئالايدۇ.
ئەگەر سىز تۈۋەندە دىيىلگەنلىرىنى كۈندە ئادەت قىلسىڭىز،ئىشىمەنكى پەرزەنتىڭىز ياخشى ئادەم بولالايدۇ.
ئەمما شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۈتۈش زۈرۈركى پەرزەنتىڭىزگە زورمۇ زور تاڭمىغايسىز چۈنكى بالىلاردا قارشىلىشىش پىسىسخىكىسى ناھايىتى ئۈستۈن بولىدۇ.

1- خوشال –خورام بۇلۇش.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ بالىنىڭ خوشال ياكى خوشالئەمەسلىكىنى سوراپ تۇرۇش.
2.ھەر قېتىم ئەھۋال سورىغاندا بالىدىن مۇناسىۋەتلىك سۇئالنى سوراپ،ئۆزىمىز ھىس قىلىش.
3.ئەھۋالىنى بىلسەك ئۇنى خۇش قىلمىغان ئىشنىڭ توغرا خاتالىغىغا قاراپ ،ئامال بار خۇش قىلىشقا سەل قارىماسلىق.
4.بالا قىلغان كىچىككىنە ئىشقىمۇ ھەرگىز سەل قارىماسلىق،ئۆزىمىزنىڭ ئالدىراشلىقىنى بانا قىلىپ كۆرمەسكە سالماسلىق كېرەك،بىزنىڭ بىخۇتلىقىمىز بالىنى ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالدۇرشى مۇمكىن.

2- تېتىك بولۇش.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.بالا مەكتەپتىن ئۆيگە قايىتقاندا ۋە مەكتەپكە ماڭغاندا ئۇنىڭ قانداق ھالەتتە كېتىۋاتقىنى چۇقۇم دىققەت قىلىپ كۆزىتىش.
2.روھسىز ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىشنىڭ نىمىلىكىنى تېپىپ چىقىش.
3.ئەگەر روھسىز ھالىتىگە تەسىر قىلغان ئىشنى تاپالمىساق بالىمىز قىلىۋاتقان ئىشنى ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ بېقىش.
4.روھى كەيپىياتى بەكلا سۇس بولسا مۇنچىغا چۈشۈشكە،سۇ ئۇزۇشكە ،دالا پائالىيىتىگە بىللە ئەپ چىقىش قاتارلىق ئاشلانى ئۇرۇنلاشتۇش.

3- پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە،تېلىۋۇزۇر كۆرگەندە تاماق يېگەندە ھەتتا ئوينىغاندا دىققىتىنى يېغالىدىمۇ؟يوق.ئەستايىدىل كۆزىتىپ بېقىش.
2.دىققىتىنى يىغالمىسا نىمە سەۋەپ بار تەكشۈرۈپ كۆرۈش.
3.دىققىتىنى يىغىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشنى قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش.
4.‹لام جىم ›ئۇيۇنى دىگەندەك ئۇيۇنلارنى ئوينىتىپ ،دىققىتىنى يىغدۇرۇشماشىقى قىلدۇرۇش.
5.تېز ئەستە قالدۇرۇش مەشىقى قىلدۇرۇپ كۆرۈش.مەسىلەن: يولدا كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ نۇمۇرىنى ئەستە قالدۇرۇش،دىگەندەك.
4- قورقماس.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.تېلىۋۇزۇر كۆرگەندە ھەتتا ئوينىغاندا قورقتىمۇ؟يوق.ئەستايىدىل كۆزىتىپ بېقىش.
2. قورقىسا نىمە سەۋەپ بار تەكشۈرۈپ كۆرۈش.ئاشۇ قورۇققان نەرسىلەر بىلەن كۆپراق ئۇچراشترۇش ،ئۇنىڭ قوققىدەك نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش.
3. قورقۇشنى يېڭىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىش، قورقۇشنى يېڭىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانغا يېتەكچىلىك قىلىش.
4.قورقىدىغان ئەمما زەخمە يەتمەيدىغان ئاددى ئىشلارنى قىلدۇرۇپ كۆرۈش.

5- ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇش.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.‹‹قىلاممايمەن››‹‹ئىتەلمەيمەن››دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ دەمدۇ؟نىمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىغان ئىشمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟ئەستايىدىل كۆزىتىش كېرەك.
2.‹‹قىپبېقىڭ،ئىتىپبېقىڭ،سىناپ بېقىڭ››دىيىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشەنىچ تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە كۆچەيتىش .
3.بالىلارنى ھەرگىز بۇ ئىشنى قىلالمايدۇ‹كالۋا›،ئۇ ئىشنى قىلالمايدۇ ‹دۆت›دىمەسلىك كېرەك.
4.ماختاشنى ياختۇرمايدىغان ئادەم يوق،شۇڭا بالىڭىز كىچىككىنە ئىشنى قىلالىسا ھەم سىز بۇيرىمىغان نۇرمال ئىش بولسا چۇقۇم ‹بالام بەك ئەقىللىق› دەپ،سۇيۇش مۇكاپاتى بېرىش .
6- ئىشچان ،ئاقكۆڭۈل بولۇش.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە،تېلىۋۇزۇر كۆرگەندە تاماق يېگەندە ھەتتا ئوينىغاندا سىزنىڭ زورلىشىڭىز بىلەن قىلامدۇ؟يوق.ياكى ئۆزى قىلايدىغان ئىشنى تېپىپ سىز ئۆگەتكەن بويىچە قىلامدۇ؟ئەستايىدىل كۆزىتىپ بېقىش.
2. زورلىشىڭىز بىلەن قىلسا نىمە سەۋەپ بار تەكشۈرۈپ كۆرۈش.
3.ھۇرۇنلۇق قىلسا نىمىلەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.
4.ئاقكۆڭۈللۈكنى دەرھاللىققا پەرىقلەندۈرۈش تەس ئەمما ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ئۈلگە بولۈش.
5.ئەگەر‹ ئىشنى قىلمايمەن› دەپ ئەكىلەپ تۇرىۋالسا،‹بالام مەنمۇ سىزگە ئېتىپ بەگەن تاماقنى قىلمايمەن دەپ تۇرۇۋالسام،ئائىلىدىكىلەر نىمە يەيدۇ؟دەپ چۈشەندۇرۇش كېرەك.مۇشۇنداق ئاددى چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن قايىل قىلىش.

7-مۇستەققىللىققە ئىگە بولۇش.
ئاتا –ئانا بولغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1.بالاغا كىچىك چېغىدىن باشلاپ يۈلىنىۋالمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش.
2.ئاتا-ئانا بولغۇچى ‹ئاۋال مەن قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىمەن ئەمدى سىز قىلىپ بېقىڭ› دىيىش كېرەك.
3.يىقىلسا تۇرالىسىلا ‹ئۆزىڭىز تۇرالايسىزغۇ؟›دىيىش كېرەك.
4.تۇنجى قېتىم سىرىتقا ئىش بېجىرىشكە بۇيرۇغاندا كۆرۈنمەي كۆزۈتۈپ ،ئۆيگە كىرگەندە ئىشنى قانداق قىلغانلىقىنى سۆزلىتىش،بۇ ئارقىلىق‹ مۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ› دىيىش كېرەك.
5.بالىڭىز سىز ئىش قىلماقچى بولغاندا يېنىڭىزدا بولسا‹بالام بۇ ئىشنى قانداق قىلساق بولا؟› دەپ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش.
6.دائىم رىغبەتلەندۈرۈش بالا كۆرۈپ باقسىڭىز دىگەن نەرسىنى گەرچ بىمەنە نەرسە بولسىمۇ سىز ئىككىلەنمەي كۆرۈپ بېقىپ،‹بۇنى نىمىشقا ماڭا كۆرسەتتىڭىز؟› دەپ سۆزىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك.
بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەكشۈرۈش جەدۋېىلى
يىلئايكۈن        بۈگۈن خوشالمۇ        بۈگۈن تېتىكمۇ        نىمىدىن قورقتى        كىمگە ياخشىلىق قىلدى        نىمە ئىش سىزنىڭ تەلىڭىز بويىچە قىلدى        نىمە مەسلىگە يۇلۇقتى        ئۆزى شەخسەن قايسى ئىشنى قىلدى.

                                             تۇران

                                 2014-يىل 19-ماي

   جەدىۋەل بويىچە كۈندىلىك ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇراي دىسىڭىز مۇنۇ جەدۋەلنى ئىشلىتىڭ.


                                                       

rahiyma يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 23:11:08

بالا تەربىيىسى مىللەتنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ، پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە مىللەتنىڭ ساپاسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

kokyantaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-20 12:37:13

ئاتا ئانا بولغۇچى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك موھىم نوقتىلاركەن تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت قېرىندىشىم.

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 13:54:07

بالا تەربىيىسىگە كۈڭۈل بۈلۈش ھەر بىر جانلىقنىڭ مەسئۇلىيتى. بۇلۇپمۇ بىز ئىنسانلارغا تېخىمۇ شۇنداق.

2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 18:46:22

رەخمەت سىزگە مەن چۇقۇم ۋاقىت چىقىرپ بالامدىن بۇ سۇئاللارنى سۇراپ تۇرمەن
بەت: [1]
: پەرزەنتتە ‹‹يەتتە خىل ئىسىل خاراكتىر››