ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:23:18

ئابدۇقادىر داموللام ئۆگۈتلىرى

ئابدۇقادىر داموللام ئۆگۈتلىرى

تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى ،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى .
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى ،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى .
پەزىلەت كۆپ ئېرۇر بۇ ئالەم ئارا ،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەليۇل ئەلا.
ئىلىمدۇر بىباھا ،قازسا پۈتمەس كان ،
ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان ؟
ئىلىملا نىجاتلىق بىرەر مەڭگۈلۈك ،
بىلىملىك ھاياتتۇر ،جاھىللار ئۆلۈك .
ئى ياش بىل جاھىللىق نومۇستۇر بىشەك ،
نادانلىق زۇلىمىغا رازىدۇر ئېشەك .
$ ئىنساننىڭ قەدىر -قىممىتى مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن ،گۈزەل ئەمىليىتىگە باغلىق .
*$ زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ،دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن ،بىناۋالەرنىڭ كۆڭلىنى ئالغان ،ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر .
*$ ئالىملار ئۆز ئىلىمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر لەۋزىدىن قەنت شېكەر تامسا ،ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتى .
*$ ئەقىل ئىگىسى بولساڭ قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال :غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نىمە دېگەن ياخشى ؟ بىر مەسەل باركى ، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت ،مۈزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەردۇر . خۇدا ،بىزنى قانائەتلەك قىلغىن .
*$ ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ ،ئۇنى <يېيىۋەتتى > دەپ باشقىلارنى ئەيىبلىسە ،ئۇ ئەخمەقتۇر .چۈنكى ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا ،باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالايدۇ ؟
*$ ئىلىم تەلەپ قىلماق خاھ ئەر كىشى ،خاھ ئايال كىشىگە پەرھىزدۇر .ئىلىم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەتكە سەۋەنچىدۇر .
ئويلا ،ئەي جىسىمنىڭ چاكىرى ئىنسان ،
نەپ كۈتمە جىسمىڭدىن زىيان بار پىنھان .
بەخش ئەت جېنىڭغا پەزىلەتتىن كۈچ ،
جىسىم ،ياق ،جاندىدۇر ھاياتتىن نىشان
*$ توغرا سۆزگە ئىشەنمەي ،خاتا سۆزگە ئىشىنىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان مىللەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمۈد كۈتۈش قىيىن .
* $ گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن ،ياخشىلىق قەيەرگىلا تېرىلسۇن زايە كەتمەيدۇ . ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ھوسۇللىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ .
*$ كىتاب ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي ،كىتابنىڭ شەرھى -ئىزاھىغىلا ئېسىلىۋالسا ، گويا باشلانغۈچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
*$ كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل ، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا ، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن .
چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن ،
يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ ؟
تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن ،
يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ ؟
*$ كىچەيۇ كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا ، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ .ھېچ زامان خار بولمايدۇ .
*$ پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مىھرىبانلىق كۆرسەتمە ،ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قوتيسەن .قوپاللىق قىل ،ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ . شۈھبىسىزكى ،تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ .ئەمما ئۇنىڭغا پۇتۇن دېڭىز سۈيىنى قۈيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ .
*$ ئەگەر سەن سۈيىڭنى ئەخلەت چۈشكەن دەپ ئىچمىسەڭ ،ئۇسسىز قالىسەن . قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان ؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان ؟ ! كىشىنىڭ ئەيىبلىرنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يىتەرلىك ئىسپاتىدۇر .
ھەر قانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم ،
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم .
*$ نەپىس شۇنداق بالادۇركى ، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا ، ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۇرۋېتىدۇ .خۇدا نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن .
*$ بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا – قايتا تېتىپ كۆردۈم .لېكىن ،مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوق ئىكەن . مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شاتلىغىدىن باشقىسىنى تاپالمىدىم .
*$ ئالىم شاگىرتلىرغا ئىلىم ئۈگەتكەندە غەرەزدىن خالىي بولۇپ ،ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا ،زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتىلىدۇ .
*$ ئىلىم – مەرىپەتنىڭ قەدىر – قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلىنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ ، خارۇ زارلىققا يۈزلىنىدۇ .
*$ غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر .
*$ كىشىلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى ھەجىۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىڭ يۈرىكىنى ھەجىۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر . بۇنداقلارنىڭ ھەجىۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك .
*$ ياخشىلىققا يات ، مال – دۇنياغا مايىل بولۇپ ، ئالتۇن كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولغا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلەردۇر . ئۆز مېلىدىن ئۆشرە – زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلەردۇر . بۇنداقلەرنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ ئۇلار ئۆلىدۇ ، مېلى قالىدۇ .
*$ ئەي ئوغلۇم ، جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە رەھىم قىلغىن . ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە شەپقەت كۆزۈڭ بىلەن باق . ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى ھۆرمەتلە ، كىچىكلىرىگە رەھىم قىل . ھەر بىر ئىشتا ھەممىنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىل .
ئول ئەدەپ ئىلىمگە بەك بولماق ھېرىس ،
ھەسەلنى كۆپ يېسە تېتىيدۇ ئەمەن .
بولۇپ خار ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىكلەر ،
جاھىللار ئامەتتىن تولۇق بەھرىمان .
$ دۇنيادا نىيەت – ئىقبالى دۇرۇس ، كۈچ – قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن . ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يىتەلمىگەن . يەنە نۇرغۇن زەئىپ ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن ، بۇلار ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە قېنىپ ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن .
*$ سۆز زىننەتتۇر ، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سوزلىمە . مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم .ئەمما ، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم .
*$ ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت – سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ .
*$ بىلىڭلاركى ، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلىك زامانىسىدۇر . جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر . سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس ، تىرىشىش ۋە غەيرەت – ئىجتىھات ۋاقتىدۇر .
*$ گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ ، ئاخىر توزۇپ چېچىلىشتىن خالى قالمىدى . ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدىن توزىغانچىلىك ۋاقتىدۇر ، مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىمەت بىلمەي ، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشك – ھەسەت زەرداپلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نىمە پايدا بار ؟
*$ ئىلىم بىلەن نىجات تاپ ، مەڭگۈ ياشنايسەن .
*$ ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشىلەر ئۈستىدكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ ، مەنپئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر .ئەگەر قادىر بولالىساڭ ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما . بارلىق يامان ئىشلاردىن يىراق بول .
*$ ھەر كىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل – ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر .
*$ ئىتتىپاق بۆلۈنمەسلىكتۇر ، ئىلگىرلەش چىكىنمەسلىكتۇر .
*$ سۇئال : ئىنساننىڭ بەىت – سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۈقى نىمە بىلەن بولىدۇ ؟
جاۋاپ : ھەقىقەت ۋە راستچىللىققا ئەگىشىپ ، ئەمەل قىلماقلىق بىلەن بولىدۇ .
*$ كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما ، دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشتىن قورقىدۇ . شۈھبىسىزكى ، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتۇر . گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ <يول نەدە ؟> دىگەن سۇئال بولسىمۇ .
*$ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ مېھنەتچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان . شۇڭا ، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك .
*$ ئەي ئالىي مەرتىۋە ئىگىللىرى ، ئالاىيلىق بىلەن مەغرۇرلانماڭلار . كالا بىلەن چۆرگىلىدىغان بۇ دۇنيا قانۇنىيەتسىز ئەمەس .
*$ ھەر قانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا ، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن ، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ .
*$ سۇئال : مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر ؟
جاۋاپ : ئىككى نەرسىدۇر :
بىرى ، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق .
ئىككىنچىسى ، تەپرىقىچىلىق ۋە ئىختىلاپتۇر .
ھەر قانداق قۇۋۇم ۋە مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نادانلىق ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىقتۇر .
مەنبە :ئەدەپ – ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر

ALQINIM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 22:58:43

ھەققىقەتەن ئىسىل گەپلەركەن ......باشقىچە تەسىرات ئالدىم ..رەھمەت ..

ئونسۇ يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 09:34:05

رەخمەت، ساقلىۋالدىم!
بەت: [1]
: ئابدۇقادىر داموللام ئۆگۈتلىرى