舒心 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:49:57

تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىنىڭ جېنى

تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىنىڭ جېنى

بىر ئادەمنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا تەدرىجى شەكىللىنىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدىيە-ئەخلاق دەرسى دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنسىرى كېڭىيىۋاتقان تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى توغرا تونۇپ شەخىس، كوللىكتىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىدىيە-ئەخلاق جەھەتتە ساغلام تەرەققى قىلىشىغا زۆرۈر ياردەم بېرىدىغان دەرستۇر. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش دائىرسىنىڭ تەدرىجى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بارغانسىرى كۆپىيىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئاممىۋى تۇرمۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىش، تۇرمۇشقا ماسلىشىش تەربىيسى ۋە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇشنى تەدرىجى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا شۇنداقلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتۇشىنىڭمۇ ئاساسىي تەلىپى. ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى قېزىش ۋە يېتەكلەش ئاساسىدا مول مەزمۇنلۇق رېئال ئىجىتمائى تۇرمۇشقا يۈزلىنىپ ئۇلارنىڭ ئىجىتمائى تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تەلەپ ۋە قائىدىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش، ئىگىلەش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بۇ جەھەتتە ئوقۇتۇش داۋامىدا تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى قولدىن بەرمەسلىكى لازىم.

ئۇنداقتا ئىدىيە- ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە قانداق يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك؟ بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكىلەرنى قوللىنىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

(1)            ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈش.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە كۈندىلىك تۇرمۇش، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مەكتەپ تۇرمۇش تەجرىبىسى شۇنىڭدەك دوسىت تۇتۇش، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىسى بولغان بولىدۇ. مانا بۇ تەجرىبىلەر دەل ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل تەجرىبىلەرنى ئاكتىپ يۆنىلىشتە يېتەكلەش ئاساسىدا بىۋاستە تەجرىبىلەر ئارقىلىق ۋاستىلىك تەجرىبە ( بىلىش ) گە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا جەريان ئارقىلىق ۋاستىلىك بىلىمنى ئىگىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بۇ خىل تەجرىبىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاكتىپ ( پايدىلىق )، بەزىلىرى پاسسىپ ( پايدىسىز ) بولىدۇ. بەزىلىرى ئاشكارا، بەزىلىرى يوشۇرۇن بولىدۇ. بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى شۇكى ئاكتىپ تەجرىبىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇش، پاسسىپ تەجرىبىلەرنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە بۇراش ھەمدە يوشۇرۇن تەجرىبىلەرنى قېزىپ چىقىپ ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈش، تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

(2)            ئوقۇتۇش ماتىريالىنى قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش.

ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ دەرس ئۆلچىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكىرىت ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى، قۇرۇلمىسىغا قارىتا بەلگىلىك ئىسلاھ قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئېلىپ بېرىش ھەمدە كونكىرىت ئەمەلىيەت ۋە رايۇن ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىش قانۇنىيىتى، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك.

(3)            كىتاب سىرتىدىكى، دەرسخانا سىرتىدىكى تۇرمۇشنى دەرسخانىغا باشلاپ كېرىش.

ئىجىتمائى تۇرمۇشقا ئوقۇغۇچى نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سېلىپ تۇرمۇشتا قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بار ئىشلار، ئادەملەرنى مۇۋاپىق تاللاپ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە، سۆھبەتكە تەشكىللەش، مۇۋاپىق شارائىت ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەت تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش، ماتىريال توپلاش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. قىسقىسى ئوقۇتقۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەرسخانىدىن چىقىپ رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن تەربىيلەش مەنبەسى تېپىىپ چىقىپ ئۇنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.

(4)            ئوقۇتقۇچى ئۆز ئورنى ۋە رولىنى توغرا تونۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتۇشىدىكى ئورنى ۋە رولى شۇكى ئوقۇغۇچى ئاساسىي گەۋدە، ئوقۇتقۇچى ئاساسىي يېتەكچى ئورۇندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسلىق رولى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئىدىيە-ئەخلاق شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش، ھەرگىزمۇ تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغانھالدىكى قۇرۇق ۋەزخانلىق ئەمەس. دېمەك ئوقۇتقۇچى ئۆز ئورنى ۋە رولىنى توغرا تونۇغان چاغدا تەدرىجى ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشالايدۇ دە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كېرىپ تۇرمۇشنى دەرسخانىغا قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.

(5)            دەرس ئۆلچىمىنىڭ كونكىرىت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىگىلەش ۋە دەرس بايلىقلىرىدىن ئىجادى پايدىلىنىش كېرەك.

ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇشتا دەرس ئۆلچىمىنىڭ روھى ماھىيىتىنى چۇڭقۇر چۈشىنىش ئاساسىدا كونكىرىت تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىدىن ئىجادى پايدىلىنىش لازىم. دەرس بايلىقىنى قېزىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئۇنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

ئومۇمەن تۇرمۇش ۋە ئەخلاق ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان نوقۇل ھالدىكى تەربىيلەش، ھاياتى كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ ياكى ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ. ئىدىيە-ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش دەرسنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە جېنى شۇنداقلا ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيسىنىڭمۇ مۇھىم يولى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بۇ جەھەتتە دەرسخانىنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-ئەخلاق يېتىلدۈرۈش ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە كەڭ بىر سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:35:19

ئىدىيە-ئەخلاقنى : ئەخلاقىي پەزىلىتى دەپ ئالساق قانداق بولار؟
يوللانمىڭىزغا تەھمەت.
بەت: [1]
: تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىنىڭ جېنى