ئىمتىھان ئىلىش تۈزىمى
ئىمتىھان ئىلىش تۈزىمى1. ھەر بىر ئىمتىھان ئالغۇچى ئىمتىھاننى، ئىمتىھان قائىدىسى بۇيىچە ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىمتىھان مەيدانىدا بەك كۆپ گەپ قىلماسلىق كېرەك.
2. ھەر بىر ئىمتىھان ئالغۇچى ئىمتىھان باشلىنىشتىن 15 مىنوت بۇرۇن ئىلمى بۈلۈم خادىملىرىدىن سۇئالنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ، ئىمتىھان مەيدانىغا ،10مىنوت كىرىپبىۇلۇشى شەرت ىىمتىھان ئالغۇچىلار ئىسمى چاقىرىلغاندا بولمىغانلار بىردەك كىچىككەنلەر ياكى خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىندۇ .
3. ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئىمتىھان جەريانىدا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار سانىنى ،تەرتىپىنى تەكشۇرىشى لازىم .ئىمتىھان قەغىزىنى قۇڭغۇراق چىلىنىشتىن بۇرۇن تارقىتىشقا بولمايدۇ .
4. ئىمتىھانغا شۇ يىللىق ھەم شۇ پەن ئوقۇتقۇچىسىقاتناشتۇرۇلمايدۇ .ئىمتىھان سۇئالىنى ئىزاھلاپ بېرىشكە ياكى چۇشەندۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ. ئىمتىھان سۇئاللىرىدا تۇتۇق ياكى مۇجىمەلئورۇن ياكى خاتا بىسىلىپ قالغان ئورۇن بايقالسا ئىلمى مۇدىرلارغا مەلوم قىلىشى لازىم . ئىلمى مۇدىرلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە گۇرۇپپا مەسئولى ئىزاھلاپ بەرسە بۇلىدۇ.خاتا جايلار كورۇلسە ئىلمى مۇدىرلار ئىدارە بىلەن كۆرۇشۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تۇزۇتۇپ بېرىشى كېرەك.
5. ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا ۋاختىدا كىرىشى ۋاقىت يوشقاندا ئاندىن قەغەزلەرنى رەتلەپ ساناپ تەرتىپ بويىچە يىغىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان مەيدانىدىن بالدۇر چىقىپ كىتىشكە زورلاشقا ياكى مەسلىھەت بېرىشكە قەتئى بولمايدۇ.ھەر قانداق ئوقۇغۇچى ۋاقىت توشقاندا ئاندىن مەيداندىن چىقسا بۇلىدۇ.ۋاقىت توشماي تۇرۇپ ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنى ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىرىشقا قەتئى بولمايدۇ.
6. ئىمتىھان ئىلىش جەريانىدا ئۇچۇر قوراللىرىنى ئېتىۋىتىش كېرەك .ئىمتىھان ۋاختىدا بىر نەپەر نازارەتچى ئالدىدا، بىر نەپەر نازارەتچى كەينىدە تۇرۇشى كېرەك .ئوز-ئاراپاراڭلىشىشقا ماتىريال كورۇشكە،ئولتۇرۋىلىشقا ،ئىمتىھان مەيدانىدىن رۇخسەتسىز ئايرىلىشقا قەتئى بولمايدۇ .
7. ئىمتىھان تۇگىگەندە بالا سانى بىلەن ئىمتىھان قەغىزىنى ساناپ بالنىست كەلتۇرۇپ ،ئىمتىھان ئالغۇچىلار ،قاتناشقان بالا سانى ،ئىمتىھان ئىلىنغان پەن ئىسمى، قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۇلۇق يېزىپئاندىن ئىلمى بۇلۇمگە تاپشۇرۇشى كېرەك ،ئەگەر ئىمتىھان قەغىزىنى سىنىپتا ئونتۇپ قالدىغان ئەھۋاللار كورىلسە ،بىر قىتىملىقى ئۇچۇن 30يۇەن پۇل تۇتۇلىدۇ.ئايلىك نومۇردىن 5نومۇر تارتىلىدۇ. سىناپ تەكشۇرۇشتە مۇنەۋەر باھالانمايدۇ .
8. يۇقۇرقى يۇرلەر ئىچىدىكى دىىققەتقىلىشقا تىگىشلىك مەزمونلاردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ھەر قىتىملىق سەۋەنلىكى ئۇچۇن 5تىن نومۇر تارتىلىپ ،يىل ئاخىرىدىكى تەكشۇرۇشتە مۇنەۋۋەر باھالانمايدۇ ،خىزمەت ئىلغارى قىلىپ بىكىتىلمەيدۇ
ئوتتۇرا مەكتەپ مەمورىيىتى
ئوقۇتقۇچى ئىسمى
2008- يىل 6- ئايىنىڭ 15- كۈنى
بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە
بەت:
[1]