يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 12:56:14

بالىلارغا سۆز قىلغاندا...

       بالىلارغا(0-3ياشقىچە) بىرەر ئىشنى چۈشەندۈرگەندە كۆپىنچە يۇقىرى ئاۋازدا ، سوزۇپ دىيىش ئارقىلىق ئوچۇق چۈشەندۈرمەكچى بولىمىز. بۇنداق چۈشەندۈرۈش قارىماققا ناھايىتى ئوچۇق چۈشەندۈرگەندەك بىلىنىدۇ. ئەمما بىز ئەستايىدىل ئويلاپ باقايلى، ئادەتتە بىز قانداق ئادەملەرگە مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلەيمىز؟ ناھايىتى ئېنىقكى بىرى گاسقا، يەنە بىرى ئىنتايىن دۆت ئادەملەرگە. دىمەك بالىلارغا بۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا سوزۇپ چۈشەندۈرۈش ، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئادەملەر قاتارىدا كۆرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۆگىتىش ، چۈشەندۈرۈشتە رەسمىي يۇسۇندا تەپسىلى ، بولۇپمۇ نورمال تەلەپپۇزدا سۆزلەش كېرەك. ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىرىنى خالىغانچىلا جاۋاپ بېرىپ قويماستىن ، بىلمەيدىكەنمەن دىيىش ياكى باشقىلاردىن سوراش ياكى بولمىسا كىتاب ئوقىساڭ بىلىسەن دىيىش كېرەك.
       بالىلارنى كىچىك ، ھېچنىمە بىلمەيدۇ دەپ،قالايمىقان سۆزلىگەندە بالىلاردا خاتا تەپەككۇر پەيدا بولۇپ قالىدۇ . بۇ بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز(گەرچە بىزگە ھېچقانچە بىلىنمىگەن بىلەن) .
      ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بالىلارغا سۆزلىگەندە ئۇلارنى باشقا جايدىن كەلگەن ، بۇ يەرگە پۈتۈنلەي ناتونۇش، بۇيەرنىڭ ئىش- ئوقەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ، تىلىنىمۇ بىلىشمەيدىغان بىر ئادەم دەپ قاراش كېرەك .ھۆرمەت قىلىش كېرەككى ھەرگىزئۇلار سۆزلەشتە قىينالغاندا كۈلۈپ مەسخىرە قىلماسلىق كېرەك. بالىلارنى قانداق تەربىيىلىمەكچى بولساق ، ئۇنى شۇنداق دەپ قارايلى ، ئۇ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا شۇنداق چوڭ بولىدۇ. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 17:46:39

ياخشى تەۋسىيە بولۇپتۇ. بالىلار تەربىيىسىگە ھەممەيلەن ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
ئەمما ماۋۇ قاراشقا مەن قوشۇلالمايمەن:بالىلارغا سۆزلىگەندە ئۇلارنى باشقا جايدىن كەلگەن ، بۇ يەرگە پۈتۈنلەي ناتونۇش، بۇيەرنىڭ ئىش- ئوقەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ، تىلىنىمۇ بىلىشمەيدىغان بىر ئادەم دەپ قاراش كېرەك .ھۆرمەت قىلىش كېرەككى ھەرگىزئۇلار سۆزلەشتە قىينالغاندا كۈلۈپ مەسخىرە قىلماسلىق كېرەك.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنى ئۆزىڭىز چەتكە قاقماقچى بولمىغانسىز؟

پەشتاق يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 13:38:21

بۇ تىما ياخشى تەۋسىيە بولۇپتۇ. مىنىڭ قارىشىممۇ دوستىمىز "نۇرلان"نىڭ قارىشىدەك قاراشتا.
بالىلارغا بىرەر ئىش توغۇرلۇق چۈشىنچە بەرگەندە ئەركىلەتمە تىللار بىلەن سۆزلەپ ئۆگەتكەندە بالىلار سۆزنىڭ ھەقىيقى مەنىسنى ئۆگەنمەي، سۆزنىڭ ئاھاڭىنىلا ئۆگىنىدىغان بولۇپ قىلىشى مۆمكىن، ئويلاپ باقايلى، بىر قىسىم بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرغا چىققاندىمۇ، دەرسگانىدا ئوقۇتقۇچى لىكسىيە دەپتىرىگە يازدۇرۇپ قويغان سۇئال جاۋاپلارنى ئۆگىنىپ، بۇنى قايتا سورىغاندا سوزما ئاھاڭدا دەپ بىرىدىغان، سەل ئەگىرتىپلا سۇئال سورىسا گاڭگىراپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 03:45:06

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز
بەت: [1]
: بالىلارغا سۆز قىلغاندا...