نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 02:01:02

ھەممە ئىش لايىقىدا بولسا،ئوڭۇشلۇق بولىدۇ

ئەرافات نۇرمۇھەممەد   نەپرەتتەرجىمىسى
ئەدەبىي خاتىرە

ھەممە ئىش لايىقىدا بولسا،ئوڭۇشلۇق بولىدۇ

بىر چاشقان بىر كۈن ئۇيان-بۇيان چىپىپ يۈرۈپمۇ ھىچنەرسە تاپالماپتۇ.چاشقان ماغدۇرىدىن كىتىپ،ئاچ قورساق ئۆلىدىغان بولدۇم دەپ قايغۇرۇپ تۇرغاندا،توساتتىن لىق گۈرۈچ قاچىلانغان چوڭ ئىدىشنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئاپپاق گۈرۈچنى كۆرگەن چاشقان تازا ھاياجانلىنىپتۇ.
چاشقان كۈندە ئىدىشقا چۈشۈپ گۈرۈچنى تويغۇچە يەپ يۈرۈپتۇ.ئىدىشتىكى گۈرۈچ ئازىيىشقا باشلاپتۇ.بىراق چاشقان باشقا يەردىن ئوزۇق ئىزدەپ بىقىشنى ئويلىشىپمۇ قويماپتۇ.كۈنلەر ئۆتۈپ،ئىدىش ئاغزى بىلەن گۈرۈچ ئارلىقى يىراقلىشىشقا باشلاپتۇ.چاشقان ئىدىشتىن سەكرەپ چىقىشقا بارغانسىرى كۈچەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ.بىراق كۆپ ئويلانماي،ئىدىشقا چۈشۈپ گۈرۈچنى يەۋېرىپتۇ.
ئاخىرى گۈرۈچ بىلەن ئىدىشنىڭ ئاغزى چاشقان چىقالمايدىغان دەرىجىدە يىراقلاپ كىتىپتۇ.بىراق چاشقان مىھرېنى گۈرۈچتىن ئۈزەلمەي ئىدىشقا كىرىۋېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قايتا چىقالماپتۇ.گۈرۈچنى پاكىز تۈگىتىپتۇ،چاشقانمۇ ئىدىشتىن چىقالماي ئۆلۈپ قاپتۇ.

新疆儿童故事

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 02:27:12

ئىشلارنى چىكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ئۈچۈن كۆڭلى كەڭرى بولۇش،يىراقنى كۆرەلەيدىغان روھ ۋە توغرا پىسخىك ھالەت بولۇشى كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا ھايات سەھنىسىدە ئەركىن بولىدۇ.ئەلۋەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا جاسارەت،جۈرئەتلىك بولغاندىلا،ئۆزىگە يىڭى يوللارنى ئاچالايدۇ.

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 08:50:49

ھەي،
بالىلار ھىكايىسىمۇ تىما بولۇپ ئەمدى،
بۇقۇز بىلمىنى ئەۋەتكىچە ئۆزەڭلا ئىزدىنىپ ئەۋەتسەڭ تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،
تورداشلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەمەس پەقەتلا تىما سانى ئۈچۈن يوللانغان تىما بۇ،
خاتىرگىمۇ يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ،
يوللاپ بولغىچە تىستىقلاش ھاجەتسىز دەپ ئەمدى،
ئۆچۈرۋەتسە خاپولىسە ،
مۇشۇنداق چاككۇ-چۇككۇ تىمىلار كۆپلىكىدىن شۇڭا تورداش ئاز بۇ تىمىدا،
مەسىلەنگە ئۆزەڭ بىر ئويلا كىرىپ بىرسى كىرىپ مۇشۇ تىمىنى كۆرسە بۇ مۇنبەرنى بالىلارنى تەربىلەيدىغان مۇنبەر ئوخشايدۇ بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ سەۋىيەسى يەسلى باللىرىنىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلىشقىلا يېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئەزا بولۇشتىن يانىدۇ،
بىرنى كۆرۈپ توختىماي كۆرگۈسى كەپ بىربىرىدىن شۇنداق ياخشى مول بولسا ئاندىن ياقتۇرۇپ ئەزا بولىدۇ،
ئەڭ ياخشىسى بۇنداق بىكار نەرسىلەرنى يوللىمىغىن،
ھازىر مۇنبىرىمىزدە بىر قاتار گەپلارمۇ بىتتال شېئىرلارمۇ تىما بولۇپ ۋە ياردەملەر كۆپىۋاتىدۇ،
نادىر جەۋھەر تىمىلار ئاز ،
باشقى مۇنبەرلەرگە قاراپ باق ،
ھېچكىم يەسلى بالىلارنىڭ ھېكايىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتمەيدۇ،

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 09:16:52

rabbiy يوللىغان ۋاقتى2014-02-03 08:50:49 static/image/common/back.gif
ھەي،
بالىلار ھىكايىسىمۇ تىما بولۇپ ئەمدى،
بۇقۇز بىلمى
تىمامنىڭ سەھىپىسىگە ئوبدان قارا..غۇنچىلارئارامگاھىغا يوللىدىم。سەن ئەمەس ئوقۇتقۇچىلار پايدىلىنىدۇ...ئەلتۇغ ئەپەندىنىڭمۇ مۇشۇ خىل تىمىسى كۆپ.قاراپ باق ھە..

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 10:15:11

نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى2014-2-3 09:16
تىمامنىڭ سەھىپىسىگە ئوبدان قارا..غۇنچىلارئارامگاھىغا ...

شۇنىڭ ئىنكاسى نەچچىكە بىر قارە،
ھەممە ئادەمنىڭ تىمىسىنى كۆمۈپ،
شۇندا ياخشى تىمىلار قالدى،
بىراقلا37 تىما يوللاپتىكەن،
باشقۇرغۇچى بولغان بولسام ھەممىسىنى بىت تىمىغا يېغىنچاقلاپ قوياتتىم
بەت: [1]
: ھەممە ئىش لايىقىدا بولسا،ئوڭۇشلۇق بولىدۇ