يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 16:52:19

ھاياتلىق ھەقىقىتى

      كەپتەر كەپتەردەك ياشايدۇ ، قوي قويدەك ، شىر ھەمشىردەك...ئادەمچۇ؟ ئەلۋەتتە ئادەم ئادەمدەك ياشاش كېرەك.قانداق ياشىغاندا ئادەمدەك ياشىغان بولىدۇ؟
   «ھايات ئىنتايىن قىسقا ، ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك »دېگەن سۆزلەرنى ھەممە ئادەم دىگۈدەك بىلىدۇ. «ھاياتنىمەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك » دېگەننىمۇ بىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتىكى ھايات مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرھايات ھەقىقىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ئۆزىمۇ بىلىپ - بىلمەي باشقا يوللارغا مېڭىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا ھايات ھەقىقىتى زادى نېمە ؟ ئۇ نەدە؟قانداق ياشىغاندامەنىلىك ياشىغان بولىدۇ؟ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ياشاۋاتىدۇ، ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇبۇلاردىن كىملەرنىڭ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتتى دىيىشكە بولىدۇ ؟ تارىختىكى كىشىلەردىن كىملەرنى مەنىلىك ياشىدى دىيىشكە بولىدۇ؟مانا بۇلار ھاياتنى چۈشنىش مەسىلىسىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
بىر كۈنى كوچىغا چىقىپ ئىككى كىشىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ بىرى : پالانى يەنجاڭ (ئىناۋىتى بار دوختۇرخانا باشلىقى) ھەرقانچە باي بولسىمۇئۇنىڭ يەيدىغان تامىقىدا ھەرگىز بىر گىرام ئالتۇن يوق،بىزگە ئوخشاشلا يەيدۇ ،_دېدى .يەنە بىرى توغرا شۇھەرگىز بىزدىن ئىككى تەخسە لەغمەننى كۆپ يېمەيدۇ ،_ دېدى . بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئىختىيارسىز :ئادەمنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ نېمە يېگەنلىكىدە ئەمەس .مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىز يىگىرمە نەچچە يىللىق ئۆڭكۈر ھاياتىدا گۆش -پولو يېمىگەندۇ؟ئادەمنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىدا ،_دەپ قويدۇم.
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ھاياتتىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماھىيەتسىز نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاپ،ماھىيەتنى قايرىپ قويىدۇ.
پۇل ، مال- دۇنيا ، ھوقۇق- مەنسەپ، نام -ئابروي ، خوشامەت، تاتلىق شەخسىي مەنپەئەت... قاتارلىق ماھىيەتسىز نەرسىلەر خۇددى بىزەڭ ئېلانلاردەك ھەممە يەردە تۇرۇۋېلىپ ماھىيەتنى توسۇۋېلىپ كىشىلەرگە كۆرسەتمەيدۇ . گەرچە ئۇ نەرسىلەر شۇنچىلىك كىر نەرسىلەر بولسىمۇ ، خوشياقتۇرۇپ، پەپىلەپ ،نادانلارنىڭ كۆڭۈل كۆزىنى غەلەت قىلىپ،گۆھەرنى دەسسەپ تۇرۇپ تاش ئالغىلى سالىدۇ. يەنى يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنى دەپ ئادەملەر ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان مېھرى -مۇھەببەت ، ئىززەت -ھۆرمەت ، ۋاپادارلىق ، شەرمى-ھايالىق ، دوستلۇق ... قاتارلىق ئېسىل گۆھەرلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ .
ھايات ھەقىقىتى ھايات مۇساپىسىدىكى ئەگرى -توقايلىقلارغا ،ئەگرى -توقايلىقلاردا يۇقۇرىدىكى «كىر» لەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىللە تۇرىدۇ .مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، روھىي قارغۇلار ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن «گۆھەر»دەسسەپ تۇرۇپ«كىر» نى تاللايدۇ. قايسىسىنى تاللاش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق
ئادەم ئادەمدەك ياشاش كېرەك.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 18:02:55

توغرا پىكىر..قوللايمەن

uqartahsa يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 19:49:46

توغرا گەپ بۇ. ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك.

يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 20:26:14

RE: ھاياتلىق ھەقىقىتى

نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى2014-1-30 18:02 static/image/common/back.gif
توغرا پىكىر..قوللايمەن

قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 20:33:41

uqartahsa يوللىغان ۋاقتى2014-1-30 19:49 static/image/common/back.gif
توغرا گەپ بۇ. ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك.

رەخمەت . جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئادەملەر مال-دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەچكە ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى ، ئادىمىلكنىچوڭ بىلىدىغان كىشىلەرنى ھاماقەت دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار بار. ئادەمنىڭ ئادەمدەك ياشىمىقى بەسى مۈشكۈل . مېنىڭچە مۈشكۈل بولسىمۇ پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك.
بەت: [1]
: ھاياتلىق ھەقىقىتى