ئەلتۇغ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 19:42:29

دېرىزىنىڭ يېنىدا

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ تەرجىمىسى
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
                                                            دېرىزىنىڭ يېنىدا
                                                                  (ھېكايە)

                                                                  شوكۇرېنفۇ(روسىيە)                                                   

ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ زىچ بولۇپ، بىر بوۋاي،موماي،يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى.
بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاقئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،لېرمېنتوۋنىڭ شىئېرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى:
-ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
ئارىدىن ئون-ئون بەش مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.
يەنە شۇ كىتاپ،يەنە شۇ شىئېر:
-ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
قىزچاقنىڭ كۆزلىرى يەنىلا كىتاپتىكىئەشۇ قۇرلارغا تىكىلگەنىدى.يەتتە ياشلىق ئىنىسى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بولۇپ،قىزچاق ئاستا ئىنىسىدىن سورىدى:
-ۋېيكا.دېرىزىدىن قارىغىنە،سەن نېمىنى كۆردۈڭ،بىلەمسەن؟
بىر يولۇچى ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدى:
-قىزچاق،ئورنۇڭلارنى ئۆتۈنۈپ بەرسەڭلارچۇ!ئىنىڭىزمۇ خېلى چوڭ ئىكەن،بىر دەم ئۆرە تۇرغانغا ھېچنەرسە بولۇپ قالماس.
قىزچاق ھېچنېمىنى ‹‹ئاڭلىمىدى››،ئۇ يەنە شىئېر ئوقۇشقا باشلىدى:
-ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
ۋېيكا خىجىل بولۇپ،ھەدىسىنى نۇقۇغانىدى،ھەدىسى ئۇنى جىمىلىدى:
-ئولتۇرىۋەر!خەقنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن!
-بىلەمسەن ھەدە...
-ئېغىزىڭنى يۇم!
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى.ئاپىسى ۋېيكانى تاماققا چاقىرغانىدى،ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمغاندەك،دېرىزە سىرتىغا قاراپ تۇرىۋەردى.
-ۋېيكا!سېنى قانچە قېتىم چاقىردىم؟
ۋېيكا چوڭقۇر خىيال ئىچىدە ككزلىرىنى دېرىزە سىرتىغا تىككەنىدى.
-ۋېيكا!
-ئېغىزىڭنى يۇم، ئاپا!
-ۋېيكا!سەن نېمىشقا ماڭا مۇنداق گەپ قىلىسەن؟
دادىسى قايتىپ كەلدى.ئاپىسى ئوغلىنىڭ بايىقى قىلىقلىرى توغرىسىدا خېلى قاينىدى:
-مۇنداق قوپال گەپ قىلىشنى ئۇ كىمدىنمۇ ئۆگىنىۋالغاندۇ؟
-سىرتتىن ئۆگىنىۋالغاندۇ،-دېدى دادىسى ھەممىنى بىلىدىغاندەك،-ھەممىنى سىرتتىن ئۆگىنىۋالغان گەپ.بىز ئەمدى ۋېيكانىڭ سىرتتا قالايمىقان يۈرۈشىگە،ھەتتا قورۇدىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىغىمۇ يول قويماسلىقىمىز كېرەك!
ئۇلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ، پارىڭىنى ئاخىرلاشتۇردى.
(تامام)

新疆人民出版社2004年9月第1版《世界百年传世界文学精品。微型小说》
莎车县米夏乡中学:   
阿布都热苏里。麦麦提






بەت: [1]
: دېرىزىنىڭ يېنىدا