كونا كېيىم
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ تەرجىمىسىيەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
كونا كېيىم
-ئەدەبىي خاتېرە-
بىر كۈنى ئېينىشتېيىن نىيۇ يوركتا بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ:
-ئېينىشتېيىن ئەپەندىم، -دەپتۇ دوستى، -سىز يېڭىراق پەلتۇ كىيىۋېلىڭ، قارىڭە، ئۈستىڭىزدىكى پەلتۇيىڭىز نېمە دېگەن كونا!
-بۇنىڭ نېمە كارايىتى؟ نىيۇ يوركتا مېنى كىممۇ تونۇيتتى دەيسىز؟-دەپتۇ ئېينىشتېيىن پەرۋاسىزلا.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ.بۇ چاغدا ئېينىشتېيىن يەنىلا ھېلىقى كونا پەلتۇسىنى كىيىۋالغان ئىكەن، ھېلىقى دوستى ئۇنى بىر يېڭى پەلتۇ سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىپتۇ.
-بۇنىڭ نېمە كارايىتى؟-دەپتۇ ئېينىشتېيىن،-بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم مېنى ئاللىقاچان تونۇپ بولدى.
ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساددا ئىچكى پەزىلىتى ۋە ئادىمىيلىك خىسلىتى بىلەن گەۋدىلەنسە كېرەك.
当代世界出版社2002年5月第1版《故事时代。小故事中大智慧》 莎车县米夏乡中学:
阿布都热苏里 麦麦提 译
بەت:
[1]