بالا تەربىيىلەشتە...
بالىلارنى تەربىيىلەشتە كۈچۋە ھەيۋىگە تايانماي ئەقىل - پاراسەتكە تايىنىش كېرەك. كۈچ ۋە ھەيۋىگە تايىنىش روشەنكى ئەقىلسىزلىق بولۇپلا قالماي ، بەلكى يەنە ئوچۇقتىن -ئوچۇق نامەردلىكتۇر (نامەرد ئادەمقانچىلىك بالا تەربىيلىمەكچى!؟)بالىلارنى تەربىيلەش مەسىلىسىنى(بولۇپمۇ بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ،تەربىيلىگۈچىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن چاغدىكى تەربىيلەش مەسىلىسى)نى توغرا ھەل قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا تېرىكىش ناھايىتى ئەقىلسىزلىق ۋە نامەردلىك . ئەمما كۆپىنچە تەربىيلىگۈچىلەر بالىغا ھەدىسىلا تېرىكىپ ئۇلارنىڭ ، غورۇرىنى يوقۇتۇشقا قىستاپ ، ئادەملىك ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، كۆڭلنى پاراكەندە قىلغانلىق خاتالىقىنى دائىم ئازراقمۇ خىجىل بولماستىنئاتالمىش«ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن» دېگەن چىرايلىق سېسىق گەپ بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ.
بالا تەربىيىسدە بىرىنچىدىن،بالىلارنىڭ شۇنچىلىك ئەقىلغا سىغمايدىغان(چوڭلارنىڭ نەزىرىدە) ، شۇنچىلىك ئاچچىقنى كەلتۈرۈدىغان، شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان.......سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈۋېتىش ، كەچۈرۈۋېتىش ...... كەچۈرۈۋېتىش .بالىلارنىڭ ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بالىلارچە سۈپسۈزۈك سۇدەككىرسىزقەلبىنى ، شۇ قەلبتىكى يېڭى ئۈنگەنبىختەك ياپيېشىل ئارزۇ - ئىستەكلەرنى ، چەكسىزمېھرى - مۇھەببەت ئارقىلىق ھۆرمەت قىلىشىمىز ، ۋاقتىدا مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش كېرەك.
ئىككىنچىدىن ، بالىلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە ، ئەڭ زور دەرىجىدە ،شۇنداقلائەڭ زور دەرىجىدەئىشىنىش كېرەك.
بالىلارغا «غالىپلارچە » تېرىكىدىغان ، زالىملارچە دىخمارلايدىغان چاغدا بالىنىڭ شۇ چاغدىكى(خاتالىق سادىر قىلغان ۋە تەنقىدلىنىش ئالدىدا تۇرغان چاغدىكى)ھېسسىياتىنى ، روھىي ھالىتىنى، كەيپىياتىنى ، نېمە ئويلاۋاتنلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىش كېرەك.
ئۇنىڭدن باشقا خاتالىق سادىر قىلىش سەۋەبىنى ،خاتالىق سادىر قىلىشمۇددىئاسىنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىش كېرەك.
پاراسەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقانداتەربىيلىگۈچى مۇنداق ئۈچ خىل بولۇشى مۇمكىن .
1.پاراسەتلىك . سەۋەبىنى بالىدىن سورىماي پەملەشنى بىلىدۇ . بالىنىڭ ئىززىتىنى قىلىشنى بىلىدۇ.
2.سەمىمىي .سەۋەبىنى بالىدىن سوراپ بىلىدۇ .
3.پاراسەتسىز. سورىمايدۇ، بىلمەيدۇ، قاراقويۇق تېرىكىدۇ .ئۆز كەيپىياتىنى باشقۇرالماي ،ھېسسىياتىنىڭ دامىغا چۈشۈپ ، زىيىنىنى بالىغا تكلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ .
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-29 00:02):
سىز قايسى خىلغا مەنسۇپ؟ مەن2-گە كىرىدىكەنمەن.1-گە كىرىشكە تىرىشىمەن. بالا تەربىيلەشتە سۇغۇققان، ئېغىر بىسىق بولمىسا بولمايدۇ، بۇ بەك تەس بىر ئىش، ئامال بار بالىنى ماختاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغاندا بالا ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىككىلىنىپ يۈرمەيدۇ... پەرزەنت تەربىيسى سەۋرچانلىقنى، ئىزچىللىقنى بەك تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل مۇرەككەپ جەريان. سىز دىگەن ئۇسۇلنى قوللىنىش پەرزەنتلىرىمىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشتە ھەقىقەتەن يوقۇرى ئۈنۈم بىرىدۇ، ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالىساقلا. بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان سۆزلەركەن
مەن 1 تۇردىكىسىگە كىرىدىكەنمەن{:5_171:}
ئاپلا مىنىڭ تېخى بالام يوقلېكىن بىلىۋالدىم {:1_1:} مەن تىخىچە بالا تۇسام نەدىن بىلەي قايسى تۈردىكىمنى:loveliness::loveliness::loveliness: ياخشى مەزمۇنلاركەن . لىكىن مىنىڭ تىخى ئايالىممۇ يوق :P:P:P:lol:lol ئەسسالام تورداش دوستلار . بەك ياخشىئىنكاسيېزىپسىلەر بەك خوش بولدۇم . بۇ مېنىڭ تۇنقى قېتىم يېزىپ بېقىشىم ئىدى . قانداق ئىنكاسلار بولار دەپ بەك ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدىم . رەخمەت سىلەرگە .
بەت:
[1]