menggutash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 01:42:40

ئاپتونوم رايونىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-11-6 08:55

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن پائال ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، 1-ئۆكتەبىرىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرى (تۈرلۈك شوپۇر تەربىيەلەش مەكتەپلىرى، ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئېلىنىدىغان شوپۇر تەربىيەلەشتىكى باشقۇرۇش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشچە، ھەر بىر كۇرسانتنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدە شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى خىراجەتلىرى ئىچىدە، ئىمتىھان ھەققى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلاردىن سىرت، شوپۇر تەربىيەلەش ھەققى كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش كەسپىدىكىلەردىن باشقۇرۇش ھەققى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپىشوپۇر تەربىيەلەش ھەققىنىڭ ٪3ىنى ئاجرىتىپ باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۈرۈمچىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ C1 پىراۋىسىنى ئالماقچى بولغان كۇرسانتلارنىڭ ھەر بىرىدىن 2400يۈەن ئۆلچەمدە تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ھەر بىر كۇرسانت ئۈچۈن 72يۈەندىن باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرىدۇ. «ھەرقايسى جايلاردىكى شوپۇر تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىتەربىيەلەش ھەققىنىڭ ٪3ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن باشقۇرۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ». بۇ خىراجەت ئاساسلىقى تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىناق ئىمتىھان سوئاللىرى ئامبىرى قۇرۇش، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى پائالىيىتى ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ يۈكىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىنىڭ شوپۇرلۇق ئورگانلىرىغا قويىدىغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ھەرقايسى شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ شوپۇر تەربىيەلەش مەيدانى، ئۆگىتىش ۋە تەربىيەلەش، مەشقاۋۇللارنىڭ ساپاسى قاتارلىق تەرەپلەردىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆلچەمنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى تەننەرخنىڭ ئۆسۈشىدىن بىشارەت بەردى، بىراق شوپۇر تەربىيەلەش ھەققى ئۇدا تەڭشەلمىدى، شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلىدى. بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ يۈكىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتتى، بىراق بۇ تۈزۈمنىڭ كۇرسانتلارغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس.
ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرى (تۈرلۈك شوپۇر تەربىيەلەش مەكتەپلىرى، ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 337سى بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەشتىكى باشقۇرۇش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، يىلىغا شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلەيدۇ.

مەنبە : مەڭگۈتاش قاتناش-تىرانسىپورىت تورى
            www.menggutash.cn

ئەركان يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 11:10:04

رەھمەت قىرىمدىېشىم مەنمۇ شوپۇرلۇقدا ئۇقۇۋاتقان بۇنداق ياخشى ئىشلار بىزنىڭ يۇرتغا خىلى ئۇزۇندا كىلەر

BVRKVT يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 12:17:13

نىمە ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بىردەك ئەمەس' ھەم قىلىپلاشمايدۇ.مەن يەكەندە c1 كىنىشكىگە تىزىملاتقان ئدىم 6000 مىڭ يۈەن دىېدى .ئامال يوق تېزىملاتتىم .لېكىن قەشقەر شەھرىنىڭ ئۆزىدە تىزىملاتسا c1 كىنىشكە ئۈچۈ 3800 يۈەن ئىلىنىدىكەن. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك.c1 كىنىشكە شۇنداق قىممەتمۇ؟

BVRKVT يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 15:05:04

جاۋاپ بەرگۈدەك ھىچكىم چىقماسمۇ؟

menggutash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 16:43:16

BVRKVT يوللىغان ۋاقتى2013-11-6 12:17 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بىردە ...

بۇ ھەقتە ئېنىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار ،ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىدە باھا بىردەك بۇلۇشى كېرەك . ئەگەر سىز ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارسىڭىز يەرلىك يول قاتناش باشقۇرۇرش ئىدارىسى ، ياكى قاتناش-تىرانسىپورىت ئىدارىسىگە بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسىڭىز بۇلىدۇ ، ياكى بولمىسا 96511 قاتناش نازارەت قىلىش نۇمۇرىغا مەلۇم قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، تەپسىلى ئەھۋالنى مەڭگۈتاش قاتناش-تىرانسىپورىت توردىن بىلگەيسىز .

جام يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 20:14:00

BVRKVT يوللىغان ۋاقتى2013-11-6 12:17 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بىردە ...

توغرا، رايونىمىز تەۋەسىدە ھەرقايسى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىردەك ئېنىق ھەم قېلىپلاشقان. مەنمۇ ئالدىنقى يىللىرى 2013- يىلىدىن باشلاپ شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ھەق ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. مۇشۇ مىش- مىش گەپكە ئاساسەن نەچچە ئاي ئىلگىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر پروگراممىسىدا مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس بىر زىيارەتمۇ ياكى مەخسۇس فىلىممۇ، شۇ بىرسىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ھەم مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى شوپۇرلۇق تەربىيەلەش تارماقلىرىنىڭ شوپۇرلۇق تەربىيەلەش ھەققى ئۆسمىگەن ھەم ئۆستۈرۈلمەيدىكەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىردەك بولۇپ، ئەھۋال ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك بولسا «مەڭگۈ تاش» ئېيتقاندەك ئورۇن ھەم شۇ تېلېفۇن نومۇرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندىن تاشقىرى تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى مال- باھا تارماقلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.

bahadirbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 22:10:21

ئەگەر يۇقۇردىكى ھەقلەر ئېشىپ كەتتىدەپ مەكتەپلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلساق قاراتىزىملىككە كىرىپ قېلىپ پىراۋا ئالالمايدىغان گەپ.ئۇلارنى ئەسكىدەپ قۇيۇپ يەنە شۇلارنىڭ ئالدىغا بارساق .ئۇلار ياخشى قىلدىڭىز .ھەقنى تۆۋەنلىتىپ پىراۋا بىرەيلى دىمەيدۇ ھەرگىز..ھازىر ناھەقچىلىقبەك كۆپ.يۇقۇرنىڭ سىياسىتى ياخشى بولمىسا. قاچانمۇ تۈزۈلەر بۇ ئىشلار ...

13899255165 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 22:17:10

رەھمەت قىرىمدىېشىم

BVRKVT يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 17:04:09

Bahadirbizدوستىمىزنىڭ ئىيتىقىنى بەرھەقـ مەنمۇ شۇ مەسىلىنى ئويلاپ بىشىم بەك قاتتى قانداق قىلىشىم كىرەكلىكىنى بىلەلمىدىم.باھا قىممەتكەن دەپ ئۈسەىدىن شىكايەت قىلساق ئۇلار ھەرگىزمۇ باھانى تۆۋەنلەتمەكتە يوق ئەكسچە بىزنىڭ كىنىشكە ئىلىش ئىلىش ئىشمىزنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ.شىكايەت قىلمىساق باشقىلاردىن بىر قابچە ھەسسە ئارتۇق پۇل تۆلەيدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستگە شوپۇرلۇق مەكتەپلەرنىڭ ھالى بەك چوڭ بوپ كەتتى.بۇنداق مەسىلىلەر تېزرەك ھەل قىلىنسا بولاتتى.

BVRKVT يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:53:27

بۇ ئىشتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
بەت: [1] 2
: ئاپتونوم رايونىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەر.