باغۋەن يوللانغان ۋاقتى 2013-4-7 01:35:45

ئۈزۈم كۆچىتى يىغلايدۇ !!!

بۇ دىھقانچىلىق بېلىملىرى سەھىپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ قارىسام ھىچقانداق تېما يېزىلماپتۇ ، مېنىڭ ئوقوغان كەسپىم باغۋەنچىلىك بولسىمۇ ھازىر قىلىۋاتقىنىم ئوقوتقۇچىلىق ، نىمە ئامال پىشاينام شۇ ئوخشايدۇ ، بىراق كەسپىمنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن . ئۈزۈم كۆچىتى يىغلايدۇ دىسەم سىلەر نىمەدەپ ئويلاپ قالغانسىلە ھې ھې ...سەۋەبى بار .
مەكتەپكە يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىمدا مەكتىۋىمىزنىڭ ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر ئۈزۈملۈك باراڭ بار ئېدى ، باشقىلارنىڭ بۇ ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى ئەتىيازدا چاتىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن . بىر چاغدا ئوقوغۇچىلار مەندىن سۇئال سوراش ئۈچۈن ئىشخانا ئالدىغا كەپتىكەن ، مەسىلە چۈشەندۈرىۋاتسام كىتاپ يۈزىگە يېشىل سۇيۇقلۇق ئېقىپ چۈشتى ، ئۈستىگە قارىسام ئۈزۈم كۆچەتلىرى كېسىلگەن يەردىن يىغلاپ ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپتۇ ، يەرگە قارىسام يەر ياپ- يېشىل بولۇپ كېتىپتۇ ، ئىچىم سىرىلىپ كەتتى ، بۇ ئۈزۈملەر خېلى بىر چاغقىچە ياش تۈكۈپ بولۇپ توختىدى ، كىيىن قارىسام خېلى كۆپ ساپاق چۈشۈپتىكەن ، بۇ ساپاق ساپاق ئۈزۈملەر مېۋە بولۇپ پىشارمۇ دەپ ئويلىدىم ، يازدا قارىسام ھوسۇل بەك تۆۋەن . يوق دىيەرلىك ئۈزۈم بولۇپتۇ .
مىۋىلىك كۆچەتلەر ئەتىيازدا بىخ سۈرىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور مىقتاردىكى تەن ئوزۇقلىقى ھەر قايسى بىخلارغا قاراپ ئاقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كېسىلسە ئوزۇقلۇق كېسىلگەن جايدىن ئېقىپ كېتىپ بىخقا يىتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلانماي كۆكلەپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا ھوسۇلغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
كېسىلگەن ئۈزۈم كۆچەتلىرىنىڭ يېغلىشى دەل شۇ كېسىلگەن جايدىن سۇ ئېقىشى ، بۇ سۇ دەل شۇ دەرەخنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىدىن ئىبارەت . شۇڭلاشقا دوستلارنىڭ ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى ئەتىيازدا چاتىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئەگەر كۈزدە چاتالمىغان بولسا باراڭغا ئېسىپ قويۇپ تۇرۇپ يازدا چاتاڭ ، بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق ئەتىياز ۋاقتىسىدىكىدەك ئۇنچە ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ ، يازدا چاتىغاندىمۇ بەك ئىسسىق ئاپتاپ كۈچلۈك ۋاقىىتتا چاتىماي كەچقۇرۇنلىرى چاتاڭ.
يىغلايدىغان دەرەخلەر بەك كۆپ ، ھەتتا ھەممىسى يېغلىشى مومكىن لېكىن ئۈزۈم بەك ئاجىز بولغاچقا ئاسان يىغلايدۇ.
يەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم مىۋىلىك دەرەخلەرنى چاتىغاندا كەكە پالتا كەتمەن دىگەندەك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەتمەڭ ، قايچا ، ھەرە قاتارلىق سىپايە كېسىش قوراللىرىنى ئىشلىتىڭ ، قىرغۇچى قوراللار كېسىدۇ بىراق بەك زىدە قىلىۋىتىدۇ ۋە دەل جايىنى كېسەلمەيدۇ.
ئۈزۈملەرنى ئەڭ ياخشىسى كۈزدە كۆمۈشتىن بۇرۇن چاتاپ ئاندىن كۆمۈڭ ، كۆممەيدىغان ئۈزۈملەرنى ئەتىيازدا چاتىماي كۈزدىن بۇرۇن ياكى يازدا چاتاڭ .

مەن دىھقان ئەمەس ، دىھقان پەرزەنتىمۇ ئەمەس بۇ جەھەتتە بەزىلەردەك تەجرىبەم بولمىسىمۇ ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، توغرا يېرىنى قوبۇل قىلىپ دىقەت قىلىپ كەتسەك .
باشقا پىكىرى بار دوستلار بولسا ئىنكاس يازساڭلار پاراڭلىشىپ باقساق بولىدۇ .

ئېيىق يوللانغان ۋاقتى 2013-4-7 09:02:38

كۈزدە چاتىغان تاللاردىنمۇ ئاشۇنداق سۇ ئاقىدىكەن، بۇمۇ ئاشۇ ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىمىدۇ؟ مەن تېخى ئۆيدىكىلەرنىڭ تال يىغلاپتۇ دەپ خوشال بولۇشلىرىدىن بۇنى ياخشى ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن، ھە راست، يەنە بىر گەپ، ئاشۇ ئۈزۈمنىڭ يىغلىغان سۈيىنى يىغىپ چېچىنى يۇيسا چاچ چۈشمەيدىكەن، چاچقا ئوزۇقلۇق بولۇپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى ياخشى قىلىدىكەن، چاچتىكى كېپەكنى يوقىتىدىكەن، تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتىسىپ جۇمۇ.

باغۋەن يوللانغان ۋاقتى 2013-4-7 12:50:46

ئېيىق يوللىغان ۋاقتى2013-4-7 09:02 static/image/common/back.gif
كۈزدە چاتىغان تاللاردىنمۇ ئاشۇنداق سۇ ئاقىدىكەن، بۇمۇ ...

كۈزدە چاتايدىغان ۋاقىت دەل ئۇنىڭ غازاڭلىرى چۈشكەن ، ئۆچەككە كىرگەن ۋاقتى . بالدۇر چاتىسا يەنىلا سۇ ئاقىدۇ .
ئۈزۈمنىڭ يېغا سۈيىدە چاچ يۇيسا پايدىسى بولسا ئۇنداقتا ئەتىيازدا كېسىپ سۈيىنى ئالسا ئەڭ كۆپ چىقىدۇ .

bagrax يوللانغان ۋاقتى 2013-4-7 14:19:24

مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۈزۈم باراڭلىرىنى ( تەك) باراڭغا ئالغىچە تال نەچچە يېرىدىن سۇنۇپ كېتەتتى . ئۈزۈم تېلىدىن ئاققان سۇيۇقلۇققا مۇشۇ كەمگىچە پەرۋا قىلمىغان ئىكەنمەن ...

13999098252 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-7 16:47:04

ياىشى ىىلىمكەن.

پوسچى يوللانغان ۋاقتى 2013-4-7 20:18:26

ئۈزۈملۈك باغنى ئوغوتلاش تۇغرسىدا ئۇچۇر بېرۋاتسىڭز قانداق ؟مەسلەن مەھەلىۋىي ئوغوت ۋە خىمىۋىي ئوغوتنى قاچان ،قانچىلىك بەرسە ياخشى دىگەندەك .بۇلۇپمۇ خىمىۋې ئوغوتنى قانداق تىپتىكى ئوغوتنى قاچان بېرش دىگەن مەسىلەرنى خاپا بولماي ئەتىراپىلق قىلىپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭز .

باغۋەن يوللانغان ۋاقتى 2013-4-8 11:17:49

پوسچى يوللىغان ۋاقتى2013-4-7 20:18 static/image/common/back.gif
ئۈزۈملۈك باغنى ئوغوتلاش تۇغرسىدا ئۇچۇر بېرۋاتسىڭز قان ...

ئورىيا ئۆسۈشكە پايدىلىق ، ئەتىيازدا مۇۋاپىق بېرىلىدۇ ، مىقتارى جەھەتتىن 3يىللىق بولغان تەككە 25گىرام بولسا مۇۋاپىق .
كالىيلىق ئوغوت مىۋە قىزارتىش، پىشۇرۇش، تەم كىرگىزۈش قاتارلىق جەھەتتىن مۇۋاپىق. ئوغوتلايدىغان ۋاقىت مېۋە پىشىشتىن بۇرۇن ، ئىشقىلىپ ئوغۇتلاپ 15كۈندىن بۇرۇن مىۋە ئۈزۈلسە ياخشى بولمايدۇ . مىقتارى جەھەتتىن بەك كۆپ بېرىشكە بولمايدۇ ، دەرەخ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ بېرىش كىرەك . دەرەخ كۈچلۈك بولسا ئاز بېرىش كىرەك .
پوسفورلۇق ئوغۇت ئادەتتە مېۋە ئۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن بىرىلىدۇ . رولى دەرەخ تېنىدىكى ئوزۇقلۇقنى تولۇقلايدۇ ، قىشتىن ياخشى چىقالايدۇ .
مەھەللىۋى ئوغۇت ، بۇنى بەرگەندە چوقۇم ياخشى چېرىگەن ئوغۇتنى دىزىمفىكسىيەلەپ كۈزدە يېتەرلىك ئوغۇتلاش لازىم . ئەتىيازدا بەرسىمۇ بولىدۇ .
خېمىيۋىلىك ئوغۇتنىڭ مىقتارىنى ھەرگىز ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا مېۋە يېشىل يىمەكلىك دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ .

پوسچى يوللانغان ۋاقتى 2013-4-8 13:23:33

رەھمەت سىزگە زور بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .داۋاملىق يىڭى دىھقانچىلىققا دائىر بىلىملەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

قاراقاش يوللانغان ۋاقتى 2013-4-16 18:03:08

تال كۆچىتى كۆمگەن ۋاقىتتا سۇنۇپ كەتسە ،ئاچقان ۋاقىتتا سۇنغان يېرىدىن سۇ ئاقىدۇ.

جام يوللانغان ۋاقتى 2013-4-16 19:04:51

مەنمۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن، بۇمۇ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ساۋاتكەن.
سىزنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىدە ئوقۇغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ ھازىرقى كەسپىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم مۇمكىن بولسا كۆپ قىرلىق بولۇپ، ھەرقايسى كەسىپلەرنى تولۇق چۈشىنىشى، ھىچ بولمىغاندىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ قەلبىدە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.
سىزدەك تىرىشچان «باغۋەن» لەر كۆپرەك بولسا ئىدى ھە مىللىي مائارىپ سېپىمىزدە.....
ۋاقتىڭىزنىڭ يېتىشىچە بىزدىن بىلىم- تەجرىبىلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: [1] 2
: ئۈزۈم كۆچىتى يىغلايدۇ !!!