bograhan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 16:37:29

ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خۇلاسە دوكلات

xxx ناھىيە xxxxxx بازىرىنىڭ 2011-يىلى قىش ۋە 2012-يىلى ئەتىياز پەسىللىك ياش ، ئوتتۇرا دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ، مۇستەھكەملەش،
ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىدىن
خۇلاسە دوكلات

xxxxxx بازارلىق خەلىق ھۆكۈمىتى
2012- يىل 2- ئاي

xxx ناھىيە xxxxxx بازىرىنىڭ ياش ، ئوتتۇراياش دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ، مۇستەھكەملەش، ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىدىن خۇلاسە دوكلات

رەھبەرلەر ، يولداشلار !
بۈگۈن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ مۇپەتتىش ئۆمىكى ، مائارىپ ئىدارىسى بازىرىمىزغا ياش ، ئوتتۇرا ياش دېھقان– چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ، مۇستەھكەملەش ۋە ئەمەلىي قوللىنىدىغان پەن – تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتنى تەكشۈرۈپ ، باھالاپ ئۆتكۈزۋېلىش ئۈچۈن كەلدى . مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بازارلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بازىرىمىزدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلىقىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ئۆمىگىدىكى رەھبەرلەرنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىغمنى بىلدۈرمەن .
xxxxxx بازارلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مائارىپ قانۇنى» ، «گوۋۇيۈەننىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى» ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى» غا ئاساسەن، xxx ناھيىلىك خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى ئاساسەن» مائارىپنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىش ئۆلچىمىنى مۇھىم نۇقىتا قىلىپ، «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ،بازىرىمىزنىڭ ياش ، ئوتتۇرا دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ، مۇستەھكەملەش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق.
تۆۋەندە مەن xxxxxx بازىرىمىزنىڭ ياش ، ئوتتۇراياشدېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ، مۇستەھكەملەشۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىدىن قىسقىچە خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن
1 . بازىرىمىزنىڭ ئاساسى ئەھۋالى :
بازىرىمىزنىڭ ئۇمۇمى يەر كۆلمى 587 مىڭ 205 مو بۇلۇپ دېھقانچلىقنى ئاساس قىلغان (پاختىچلىقنى ئاساس) چارۋىچلىقنى ، باغ ئورمانچلىقنى قۇشۇمچە قىلدىغان يېزا – ئىگىلىك بازىرى . بازىرىمىىزدا 23پونكىت ، ئۇرۇن ، 15 مەمۇرى كەنىت ، 82 مەھەللە، جەمئى 4933 ئائىلە بار بۇلۇپ ،ئۇمۇمى نۇپۇس20494 نەپەر . بۇنىڭ ئىچىدە يېزا – ئىگىلىك نۇپۇس 19757 نەپەر . بازىرىمىزدىكى 15 ياشتىن50 ياشقىچە ياش – ئوتتۇرا ياش ئوبكىتلار سانى 12385 نەپەر بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ساۋاتلىقلار ئومومى سانى12238 نەپەر (تۆۋەن باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە بولغانلار 26 نەپەر)، قالدۇق ساۋاتسىزلار 39 نەپەر ، ئۇقۇش ئىقتدارى يوقلار 108 نەپەر بۇلۇپ ، ساۋاتلىق بۇلۇش نىسپىتى %99.7 . بازىرىمىزنىڭ 2011-2012- ئۇقۇش يىلدىكى 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پەن –تېخنىكا بويىچە تەربىيلەشكە تىگىشلىك ئەمگەك كۈچى 10612 نەپەر ،
بازىرىمىزدا بىر بازار دەرىجىلىك مەدەنىيەت – تېخنىكا مەكتۋى ، 195 كۇۋادىرات مىتىرلىق بىر ئېغىزلىق سىنىپ ، 60 يۈرۈش پارتا – ئۇرۇندۇق ، 56 كۇۋادىرات مىتىرلىق بىر ئېغىزلىق قىرائەتخانىسى ،4530پارچە كىتاپ – ماتىرىيال ، 20 كۇۋادىرات مىتىرلىق بىر ئېغىزلىق تەجىربىخانىسى ، 65 خىلدىن ئارتۇق ھەر خىل دورا ۋە دېھقانچلىق تەجىرىبەئەۋرىشكىلىرى بار .150 مو تەجىرىبە بازىسى بار. 15 كەنىت دەرىجىلىك دېھقان – چارۋىچىلار مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتۋى بار بۇلۇپ ، 512يۈرۈشپارتا – ئۇرۇندۇق ، 17300 پارچە كىتاپ – ماتىرىيال ، 530 مو تەجىرىبە بازىسى بار . ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئەمگەك كۆچىگە 2 پارچىدىن ئارتۇق توغرا كېلىدۇ .
بازىرىمىزدا 15 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان دېھقان – چارۋىچىلار مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتىۋىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى،11 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش خىزمىتگە رەھبەلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ، 8 نەپەر قۇشۇمچە تېخنىكا ئۇقۇتقۇچىسى بار .
2.كونكىرىت ئىشلەنگەن خىزمەتلەر :
1 . ياش ، ئوتتۇرا دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشخىزمىتنى مۇستەھكەملەش،پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش ۋە پەن-تېخنىكلىق تەربىيلەش جەھەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىنجىلەر :
1.رەھبەرلىك مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ، ھۆكۈمەت ھەركىتى كۈچەيتىلىپ ، ياش ، ئوتتۇرا دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن – تېخنىكلىق تەربىيلەش خىزمىتىى ھەقىقى چىڭ تۇتۇلدى .
بازارلىق پارتىكوم خەلىق ھۆكۈمىتى مائارىپىنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇردىغان سىتىراتىگىيلىك ئۇرۇنغا قويۇپ ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە مۇستەھكەملەش جەريانىدىكى پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ « ياش ، ئوتتۇرا دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن – تېخنىكلىق تەربىيلەش » خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى . 2011- يىل قىش ۋە 2012- يىل ئەتىياز پەسىللىك پەن – تېخنىكا بويىچە تەربىيلەش خىزمىتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ، دىھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن بازارلىق پارتكوم ۋەخەلق ھۈكۈمىتى بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ2011-يىل قىش ۋە 2012-يىل ئەتىياز پەسىللىك پەن–تېخنىكا بويىچە تەربىيلەش ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى بازارلىق ھۆكۈمەتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلەر كۈنتەرتۋىگە كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىگىنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىپ ، تەشۋىقات سالىمغىنى زورايتىپ ، پىلان ، قەدەمباسقۇچ بويىچە بازىرىمىزنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋاتلىقلارنى تەربىيلەش ۋە دىھقان – چارۋىچىلارنى پەن – تېخنىكا بىلەن تەربيلەش مەركەزلىك ئېلىپ بېرىلدى. تەربيلەش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەربىيلەش خىزمىتىنىھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك كەنىت ، پونكىت – ئۇرۇنلارنىڭ يىللىق نىشانلىق باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن بىۋاستە چېتىشتۇرۇپ مەسئوليەت كىشى بېشىغىچە ئەمىللەشتۈرلدى .
2) دېھقان – چارۋىچىلار مەدەنيەت – تېخنىكا مەكتىپىنىڭ رولىدىن تۇللۇق پايدىلىنىپ،ياش، ئوتتۇراياش ئوبىكىتلار ئىچىدىكى ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋات ئوبكىتلارنىڭ تەكتىنى سىناش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ساۋاتلىق بولغانلارنىڭ خېمىغا يېنىش نىسبىتى% 0ئىچىدە كۈنتىرول قىلىندى .
بازىرىمىز تەۋەسىدىكى 15 مەمۇرى كەنىتتىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىچىدىكى ساۋات مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغان 26نەپەر ،قالدۇق ساۋاتسىز 39 نەپەرجەمئى65 نەپەر ئوبكىتلاردىن ئۇمۇميۈزلۈك ئىمتاھان ئېلىپ يىغىپ تەربىيلەش ئېلىپ بېرلىدى . ساۋاتىسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىدە خىراجەت ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇش ماتىرىيالى ، ئوقۇتۇش ۋاقتى ، ئوقۇش ئورنىدىن ئىبارەت «بەش بۇلۇش»ىنى ئەمىللەشتۈرۈپ ، دېھقانچلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدە ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئائىلىسىدە ئۆگىنىش قىلىش ، كىتاپ ئوقۇشنى مەشىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە قايتا ساۋاتسىز بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى . ساۋات مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغان 26نەپەر ئادەمدىن ئىمتىھان ئېلنىپ ، قەرەللىك سەۋىيەسى سىنىلىپ ، ئۇلارنىڭ خېمىغا يېنىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى . بازارلىق پارتىكوم ،خەلىق ھۆكۈمتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 2012- يىل 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ بازار بويىچە ھەر قايسى كەنىتلەردىكى ئوبىكىتلارنى يىغىپ ، دەرىس تۇلۇقلاش ئۆگۈنۈشىگە تەشكىللەپ ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئاساس سېلىندى . مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچى ئاجىرتىپ ئۇقۇتۇشقا يىتەكچىلىك قىلىپ كۈندىلىك ئوقۇتۇش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئاز بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىندى.خېمىغا يېنىش نىسبىتى %0ئىچىدە كونتىرول قىلىندى.
3) تەشۋىقات سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمى خەلىقنىڭ ياش ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن – تېخنىكىلىق تەربىيلەش خىزمىتىگە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى.
بازىرىمىزدا بار بولغان تۈرلۈك تەشۋىقات قۇراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، «مائارىپ قانۇنى» ، «ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى » ، «مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق مائارىپقا ئالاقىدار بىر قاتار قانۇن – نىزاملارنى پائال تەشۋىق قىلىپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مائارىپقا بولغان تۇنۇشى ۋە ئاڭ سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش نىزامىغا سېلىنىپ كەڭ خەلىق ئاممىسى ۋە دېھقان – چارۋىچىلاردا پەن – مائارىپقا تايىندىغان ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانچلىق قىلدىغان ، ساۋاتسىزلىقنى نۇمۇس دەپ بىلدىغان يېڭىچە كۆز – قاراش ۋە ئىدىيە بارلىققا كەلتۈرۈلدى .
4)بازار ۋە كەنىت دەرىجىلىك دېھقان-چارۋىچىلار مەدەنىيەت-تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرى پائال تولۇقلىنىپ،6 بولۇش، ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلدى .
بازارلىق خەلق ھۈكۈمىتى رەھبەرلىرنىڭ ئەھمىيەت بىرىشى بىلەن بازار ۋە كەنىت دەرىجىلىك دېھقان-چارۋىچىلار مەدەىنيەت تېخنىكا مەكتەپلىرىگە كىتاپ ماتېيال ۋە ئېلىكتىرونلۇق تەربىيلەش پىلاستىنكىلىرى سەپلەندى ،سەپلەنگەن كىتابھەر بىر ئەمگەككۈچىگە 2.5 دانىدىن توغرا كەلدى . يېزا – كەنىت دەرىجىلىك مەدەنيەت – تېخنىكا مەكتىۋىدە « 6 بۇلۇش» ئۆلچىمى( پارتا بۇلۇش ، ئورۇندۇق بۇلۇش ، دوسكا بۇلۇش ، قائىدە – تۈزۈم بۇلۇش قاتارلىق )بازارلىق ھۆكۈمەت بازار يەرلىك مالىيەسىدىن خىراجەت سەرپ قىلىپ ئەسىلىھەلەرنى تۇلۇقلاپ ،ئۇنىڭغا بولغان باشقۇرۇش ئىزچىل كۈچەيتىلىدى . ھازىر بار بولغان 625 يۈرۈش جوزا-ئورۇندۇق ، 26523 پارچە كىتاب –ماتىريال ، 760 مو ئىگىلىك تەجىربە ئېتىزى،4دانە تەجىربە بۇيۇملىرى جازىسى ، 50 دانە كىتاب جازىسى، مەدەنىيەت – تېخىكا مەكتەپلىرنىڭ تەجىربىخانا ئەسلىھەلىرى تۇلۇقلىنىپ ھەر خىل زىرائەت ئۇرۇق ئەۋىرشكىلىرى ، دېھقانچلىق دورىلىرىتۇلۇقلىنىپ ، ئەمىلى كۆرسەتمىلىك ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ رولى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇلدى .
5) دېھقان – چارۋىچىلارنى پەن – تېخنىكا بىلملىرى بويىچە تەربىيلەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدى .
بۇيىل يىل ئىچىدىكى 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پەن –تېخنىكا بويىچە تەربىيلەشكە تىگىشلىك ئەمگەك كۈچى 10612 نەپەربۇلۇپ، ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بىلەن تەربىيلەنگەنلەر 9020 نەپەر، يىل ئىچىدىكى تەربىيلىنىش نىسبىتى%85كە، يېقىنىقى ئۈچ يىل ئىچىدە تەربىيلەنگەنلەر10103 نەپەر ، تەربىيلىنىش نىسبىتى% 95 كە يەتكۈزۈلدى .يىل ئىچىدە بازىرىمىز بويىچە ، جەمئى 64 قارار كۇرۇس ئېچىلىپ ، 9020 نەپەر ئوبكىت تەربىيلەشكە قاتناشتۇرلۇپ ،يىللىق تەربىيلەش نىسپىتى %85 گە يەتكۈزۈلدى ۋە ھەر بىر تەربىيلەنگۈچىنىڭ 2 -3   خىلىغىچە ئەمىلى قوللىنىلدىغان تېخنىكا بىلملىرنى ئىگەللەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدى . بۇنىڭ بىلەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەن – تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش قەدىمى تىزلىتىلىدى .
بۇنىڭدىن كېيىن ياش،ئوتتۇرا ياش دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگتىش ۋە ئەمىلى قوللىندىغان پەن – تېخنىكا بۇيىچە تەربىيلەش خىزمىتىگە بولغان تەشكلى رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، خىزمەت سالمىقىنى ھەقىقى زورايتىپ ، ياش – ئوتتۇرا ياش دىھقان – چارۋىچىلارنى 3خىلدىن 5 خىلغىچە ئەمىلى قوللىنشچان پەن – تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەپ ، دىھقانلارنىڭ پەن – تېخنىكىغا تاينىپ بېيىش قەدىمىنى تىزلىتىمىز . 2012-يىلى قىش 2013-يىل ئەتياز پەسللىك پەن – تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش پائالىيەت مەزمۇنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەن – تېخنىكا بىلەن تەربىيلىنش نىسىبىتىنى %90دىنئاشۇرۇپ ،پەن – تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنى بارلىق دېھقان – چارۋىچىلارغا يۈزلەندۈرىمىز . ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ ، ساۋاتسىز ۋە ساۋات مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغان ئوبىكىتلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 39 نەپەر ساۋاتسىز ئوبىكتلاردىن 3 نەپەر ئوبىكتىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ ساۋاتلىق قىلىشقا ، 26 نەپەر ساۋات مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغان ئوبىكىتلارنىڭ خېمىغا يېنىش نىسبىتىنى داۋاملىق %0 ئىچىدە كونترول قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز .



xxxxxx بازارلىق خەلىق ھۆكۈمىتى

2012- يىل 2- ئاينىڭ 27- كۈنى


WORD ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش   :
点击进入下载-2011年扫除文盲科技培训工作的总结.doc

bograhan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 16:42:19

چوڭلار مائارىپى توغرىسىدا ماتېرىيال لازىم بولسا ئىنكاس يېزىپ قۇيۇڭلار ، قۇلۇمدىن كېلىشىچە تەييارلاپ بېرىمەن .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 18:03:38

ئىككى ئاساسەن خىىزمىتىگە دائىر ماتىرىاللار يوللانمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن .
بەت: [1]
: ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خۇلاسە دوكلات