جېنىم ئانا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
ئاھ،جېنىم ئانا بىلىمەن سەنمۇ مەن سېغىنغاندەك سېغىندىڭ ،سەن مەڭگۈ مېنىڭ تەرىپىمنى قىلىپ مەن ئۈچۈن كۆيۈپ قەلبىڭدىكى سېغىنىش ئوتلۇرغا چىداپ ،ئاھ زارىڭنى بىلىندۈرمەي ئۆتۈۋاتىسەن.سېنى سېغىنىشىمدىن يۈرەكلىرىم سەكپارە بۇلۇپ كەتتى.....بۇلۇپمۇ تۈنۈگۈنكى ئانىلار بايرىمىڭدا يېنىڭدا بۇلۇپ سەن بىلەن ھال-مۇڭ بۇلالمىغىنىمغا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.
كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى بىلگەندەك ھاۋامۇ ماڭا ماسلىشىپ ئەتتىگەندىلا يامغۇر تۆكۈلۈشكە باشلىدى.كۈللۈك كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتىمەن خىيالىم سەندىلا ئانا،مۇشۇ تاپتا نىمىش قىلۋاتقانسەن...يەنە باللىرىڭنىڭ غېمىنى يەپ ئالدىراش تاماق ئېتىپ باللىرىڭ ۋە نەۋرىلىرىڭنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈڭ بىلەن كۆتۋاتامدېغانسەن؟
abM84EU شۇ پەيىتتە ئاخشام كۆرۈشكەن بولساممۇ يەنە، ئاۋازىڭنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم كېلىپ، تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم.تېلفۇن سايراۋاتىدۇ لېكىن ئالىدېغان ئادەم يوق، يۈرۈكۈمنى ئەنسىزلەپ قاپلاپ كېتىۋاتىدۇ...قايتا-قايتا ئۇرغان بولساممۇ يەنىلا جىمجىت.پوت-قوللۇرۇم غال-غال تىترەپ قەدەملىرىم بىر ئىزدىلا توختاپ قالدى.يامغۇر ئەۋجى ئېلىپ بۇ مىسكىنلىك غەم قاپلىغان يۈرەك سۇقۇشۇمغا تېخىمۇ ماسلاشتى....
بىر ھازادىن كىيىن تېلفۇننى ئالدېغان ئادەم چىقتى....ۋەي،ئاناممۇ !ياق ،ئاچا <<ئانام ئاخشام سىز بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىمۇ مىجەزى يوقتى،سىزگە ئاغرىقلىقىنى بىلىندۈرمىدى ،ھەم بىزگىمۇ ئاچاڭلارغا دېمەڭلار ،ئۇ ئەنسىرەپ قالىدۇ دەپ،دېگىلى قويمىغان ئىدى >>دېدى
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەقلى ھۇشۇمنى يۇقۇتۇپ قۇيايلا دېدىم،كۆزۈمدىن ياشلار يامغۇردەك چۈشۈۋاتىدۇ.تېلفۇندىن ئاچا-ئاچا دەپ توۋلىغان ئاۋاز كىلىۋاتىدۇ،لېكىن مەندە گەپ قىلغۇدەكمۇ ھال قالمىدى.ئاھ جېنىم ئانا نىمىشقا ماڭا ئاغرىپ قالغىنىڭىزنى دىمەيسىز،مەن ئەخمەق دائىم ھەممىدىن بىخەۋەر يۈرۈپ سىزگە بالىلىق مىھرىمنى يەتكۈزەلمىدىم....بىر ھازا يىغامدىن كىيىن،سىڭلىمغا !ئانام ھازىر نەدە؟ئەھۋالى قانداقراق ؟دەپ سورۇدۇم ،سىڭلىم ئانام دوختۇرخانىدا ھازىر ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلاشتى،ئاخشام كىچىدىن بەك قوققان ھەم ئەنسىرگەن ئىدۇق.<<ئاچا ۋاقتىڭىز يار بەرسە كەلسىڭىز بۇپتىكەن.ئانام سىزنى بەكمۇ سېغىنىپتۇ ،ھۇشۇنى يۇقاتقان شۇ ئەھۋالدىمۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى توختىماي ئاتاپ چىقتى....>>دېدى.سىڭلىم،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم ئىزىلىپلا كەتتى....ئاھ ،جېنىم ئانا مەن سىزنى قانچىلىك سېغىندىم ھە!مەن سىزنى ئازاپلانمىسۇن دەپ ھەر قانچە سېغىنساممۇ سىزگە بىلىندۈرمەي ھەر دائىم سىزنى خوش قىلىش ئۈچۈن،مەيلى خۇشال بۇلاي ياكى خاپىلىق تارتاي سىز بىلەن كۆرۈشكەندە خۇشاللىق كەيپىيات بىلەن كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بىرىپ خۇشال قىلىشنى ئويلاپتىمەن. ئەسلى بىزنىڭ قەلبىمىز تۇتاش ئىكەن جېنىم ئانا!مۇشۇ تاپتا ئۇچۇپلا قېشىڭىزغا بېرىپ ئاغرىقتا ھالسىرغان پۇت-قۇللىرڭىزنى تۇتسام تاتلىق گەپلىرىم بىلەن،سىزنى خوش قىلسام،بالىلىق مىھرىمنى يەتكۈزۈپ ھالىڭىزدىن ئۇبداق خەۋەر ئالسام،ئۆمۈرۈمدە ئارمىنىم قالمايدۇ.جېنىم ئانا!
ۋەي،<<سىڭلىم مەن ھازىرلا ماڭىمەن،مەن بارغۇچە ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭلار>>دېدىم،دە ،خىزمەتكە ماڭغان يۇلۇمدىن قايتىپ ئۆيگە كىلىپلا نەرسىلىمنى يىغۇشتۇرۇپ ئايرۇدۇرۇمغا ئاتلاندىم!ئايرۇدۇرۇمغا بارغۇچە كاللامدىن ھەر خىياللار ئۆتۈپ ئەقلى-ھۇشۇمنى يۇقۇتايلا دېگەن ئىدىم.ئايرۇدۇرۇمغىمۇ كەلدىم، تەلىيىم باركەن ئۇچاي دېگەن ئايرۇپىلاننىڭ بىلىتىنى ئالدىم،ئالدىراش ئايروپىلانغا چىقتىم ئايرۇپىلان ئاسمانغا كۆتۈرلۈشكە باشلىدى.مىنىڭ خىيالىم ئانامدىلا بولغاچ كاللامغا ھېچ نېمە كەلمەيىتتى...ئايرۇپىلان ئىگىزگە كۈتۈرۈلگەنسىرى بېشىم قايغاندەك بولدى،بېشىمنى شۇنداق بىر چايقىسام، كۆزۈم ئېچىلىپلا كەتتى...قارسام ئەسلى بۇ چۈشۈم ئىكەن، ئاھ خۇدا ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن ھېلىمۇ بۇ بىر چۈشۈمكەن رىياللىق بۇلۇپ قېلىشتىن ئاللاھ ئىگەم ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن.......ئانامغا مەن پەرزەنتىلىك بۇرچۇمنى،مىھرىمنى ،ۋاپادارلىقىمنى تېخى يەتكۈزەلمىدىم. ئانامنىڭ تېنىنى سالامەت ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغايسەن...
دادىسىز يىتىملىك يۇلىغا تاشلىدىڭ،مىھرىبان تۆۋرىكىم جان دادامدىن ئايرىلغاندا بۇ دۇنيادا ماڭا ياشاشنىڭ ھېچ زۆرۈليىتى قالمىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم.لېكىن شۇ ئانامنىڭ بارلىقى مېنى يەنە قەيسەر بۇلۇپ ياشاشقا،ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئۈندەيىتتى...ئەمدى ئانىسىز يىتىملىكتە ھەرگىز قويمىغايسەن...دەپ ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلدىم.
قۇلۇمغا تېلفۇننى ئېلىپ ئانامغا تېلفۇن ئۇرۇپ<<جېنىم ئانا ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئۆمرىڭىز ئۇزۇن تىنىڭىز سالامەت بولسۇن>> دېدىم،ۋە ئەھۋالنى سورۇدۇم.ئانام ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى دېدى.بايىقى دەششەتلىك چۈشتىن ساراسىمگە چۈشكەن كۆڭلۈم بىر ئاز جايىغا كەلدى.
*'Z-OY<V ئاتا-ئانا دېگەن بىز بالىلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادىمى ۋە زور بايلىقى ئىكەن.ھەر بىر پەرزەنىت بولغۇچى ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھالىغا يىتىپ ،كۆزدىن ياش چىقارماي بالىلىق بۇرچۇمىزنى يەتكۈزۈپ ۋاپادار بۇلايلى...دۇنيادا ئاتا-ئانا مۇھەببىتى ئۆلمەس مۇھەببەتتۇر.
b7, مەنبە قەلىمىم