ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 46 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش
sawapkar
خۇتەن ئەل غىزا سوقماقلىرى ۋاكالەتچى چاقىردۇ
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 728

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:قەلىبداش ?????????707????
ئۆسۈش: 3.54%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 707
  شۆھرىتى: 1104 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 9818 يۈەن
  تۆھپە: 762 قېتم
  ياخشى باھا: 345 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 456سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-08
  كىرىشى: 2011-05-10
باش تىما  |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-09 05:09

‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش

ئەسكەرتىش: بۇ يازما arman تەرىپىدىن باستۇرۇلدى(2011-05-09)
‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا ئۈچ سوئال iYzm<3n?  
Pb@9<NXm'  
  11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان 20 – يىغىنىدا ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىش لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى، بۇنىڭ بىلەن، ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تەڭشەشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. ئاگېنتلىقىمىز مۇخبىرى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئۈچ چوڭ مەسىلە توغرىسىدا ئۇلاردىن سوئال سورىدى. /9 soUt  
Kyq/o-  
  1 – سوئال: باج ئېلىش چېكىنى 3000 يۈەنگە بېكىتىشتىكى سەۋەب نېمە؟ 8w4cqr4m  
 Q,)}t  
  مالىيە مىنىستىرى شيې شۈرېن ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىش لايىھەسىنى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق دېدى: شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىشتا ئايلىق مائاشتىن چىقىرىۋېتىلىدىغان سومما 3000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېلىمىزدىكى مائاشىدىن تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي مائاشلىقلار ئارىسىدىكى نىسبىتى ھازىرقى %28 تىن %12 ئۆپچۆرىسىگە چۈشىدۇ. شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن قىلىنىدىغان كىرىم 2010 – يىلىدىكىدىن 99 مىليارد يۈەنچە كېمىيىدۇ. Y,C3E>}Dq  
i^u5j\pfY*  
  نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى 3000 يۈەنگە توختىتىلىدۇ؟ دۆلەت باج باش ئىدارىسى باج ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن دۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنىدىغان سوممىنى بېكىتىشتە ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى چىقىمى ئاساس قىلىنىدۇ، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئېشىشى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار ئومۇميۈزلۈك نەزەرگە ئېلىنىدۇ. 3000 يۈەن ھازىرقى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا، ئۇنىڭدا ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يىلدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئېشىشىغا ماس ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان. <Q? X'.  
O[#pB.4  
  2 – سوئال: باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى ئىككى دەرىجە ئىخچاملاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ 0 6S-3bis  
S,TK;g  
  ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تەڭشەشتىن پەرقلىق ھالدا، بۇ قېتىم مائاشتىن چىقىرىۋېتىش سوممىسى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، مائاش تاپاۋەت بېجى نىسبىتىنىڭ دەرىجە قاتلىمى بىلەن دەرىجە پەرقى تەڭشەلدى، ھازىرقى كەچۈرۈم قىلىش سوممىسىدىن ئاشقان قىسمىدىن توققۇز دەرىجە بويىچە باج ئېلىش يەتتە دەرىجە بويىچە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، %15 ۋە %40لىك ئىككى دەرىجە بىكار قىلىندى، %5 ۋە %10لىك باج نىسبىتىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ تاپاۋىتىنى تەڭشەش سالمىقى زورايتىلدى. sDvtk]4o-4  
c_^-`7g  
  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ يى: ‹‹بۇ، ئېلىمىزنىڭ 1994 – يىلى <شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى>نى يولغا قويغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم مائاش تاپاۋەت بېجى نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشى ھېسابلىنىدۇ، باج كەچۈرۈم قىلىش سوممىسىنىلا ئۆستۈرۈپ قويغانغا قارىغاندا، بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ››، دېدى. #97w6,P+  
$^4URH  
  شيې شۈرېن مۇنداق دېدى: مائاشتىن چىقىرىۋېتىلىدىغان سوممىنى ئۆستۈرۈش بىلەن باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى بىرلەشتۈرۈشتە، باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشقا، ئاساسلىقى مائاشتىن تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغان كۆپ قىسىم كىشىنى قوش ئېتىباردىن بەھرىلەندۈرۈش، يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ بىر قىسىم باج سېلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. ! FVXNl  
7'9~Kx&+  
  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ مۇنداق دېدى: لايىھەدىكى %45لىك باج نىسبىتىنى ئايلىق كىرىمنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان قىسمىغا تەتبىقلاشنى ئايلىق كىرىمنىڭ 80 مىڭ يۈەندىن ئاشقان قىسمىغا تەتبىقلاشقا ئۆزگەرتىش يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ تاپاۋىتىنى باج ئارقىلىق تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ، كىرىمنى ئادىل قايتا تەقسىم قىلىشقا پايدىلىق. }^j"@{~  
-Am ~CM  
  3 – سوئال: باي – نامراتلىق پەرقىنى باج ئىسلاھاتى ئارقىلىق كىچىكلىتىشتە يەنە قانچىلىك ئىمكانىيەت بار؟ Ou<Vg\Mu  
o {bwWk7v6  
  بۇ قېتىم ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىش سەۋەبىدىن كېمىيىپ كېتىدىغان مالىيە كىرىمى تارىختىن بۇيانقى تاپاۋەت بېجىنى تەڭشەشلەر ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە – سودا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىش ھۆكۈمەت كىرىم تەقسىماتىدىكى زىددىيەتلەرنى يۇمشىتىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللانغان باج تۈزۈمىنى تەڭشەش تەدبىرى، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ چىڭلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. F&om^G'U  
vg5 ;F[e  
  مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىشتە بەلگىلىك بۆسۈش بولغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇنىڭدىن نەپ ئالالايدىغان ئامما يەنىلا چەكلىك، تۆۋەن كىرىملىكلەر تېخىمۇ كۆپ يانداش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق باي – نامراتلىق پەرقىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. wLf=a^c#  
v&GBu  
  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىش يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ پاي ئۆسۈمى، كاپىتال پايدىسى قاتارلىق ئەمگەكسىز تاپاۋىتىگە چېتىلمايدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى كىرىملىكلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئېلىمىز تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى كىرىملىكنى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇنداقلا مائاش كىرىمىگە ئەمگەك تاپاۋىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى قاتارلىق تاپاۋەتلەرنى قوشۇپ باج ھېسابلاش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئادىل باج سېلىقىنى يەنىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. JtrLTo  
wZA(><\  
  دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا يۇقىرى كىرىملىكلەردىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ، ھەم بۇ قېتىمقى ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››نى تۈزىتىشكە يانداشتۇرۇلغان تەدبىر، ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى. .?YLD+\A  
wv8WqYV  
  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر

-سىز كۆرۋاتقان تىما ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ

تېما ئادىرسى:
نۇپــــــــۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـــــــۇس كېمىيۋاتىدۇ

(ســـەۋەپـــــــــــــكـــــــار)