ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 128 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇل ئېزىز مەخسۇم
marjanbulaq
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 4834

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????86????
ئۆسۈش: 1.72%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 86
  شۆھرىتى: 118 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 991 يۈەن
  تۆھپە: 99 قېتم
  ياخشى باھا: 29 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1065سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-25
  كىرىشى: 2011-05-10
باش تىما  |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئابدۇل ئېزىز مەخسۇم

ئەسكەرتىش: بۇ يازما arman تەرىپىدىن شېئىرىيەت گۈلزارى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-09)
 
       ئابدۇل ئېزىز مەخسۇم      
                                              //@6w;P  
                 
     
     88?bUA3]  
                                                                         (شارائىت ئىتىبارى بىلەن ئەسلى كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى)                                                                                    N#u'SGTG  
:w8{BIUN)  
      كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس-سۇنماس پىداكىرانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىللىرىدا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم، 1894- يىلى ئۇيغۇر يېڭىلىق ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، جامائەت ئەربابى، يېتىشكەن ئالىم، شۇنداقلا يېڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇل قادىر ئابدۇل ۋارىس (تەخەللۇسى غازى) دەموللامنىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئابدۇل قادىر دەموللامنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھرىدە پۈتتۈردى. بۇ جەرياندا دەموللام ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇل قادىر دەموللام ئوغلى ئابدۇل ئەزىز مەخسۇمنى چەتئەلدېكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەش مەقسىدىدە ھىندىستانغا ئەۋەتتى. G$C2?|V)=  
    20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئۇقۇغۇچىلىق مەزگىلى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كۈرەش جەريانلىرىغا توغرا كەلدى. ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم ھۆرلۈك، ئەركىنلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاليى نىشان قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى ۋە ئېزىلگەن ھىندىستان خىلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەش سەپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. 1924- يىلى 8- ئايدا ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ قول سېلىشى بىلەن  ئابدۇل قادىر دەموللام ئۆزىنىڭ  قەشقەر شەھەر كونا ئوردىدىكى كۈتۈپخانىسىدا شەپقەتسىزلەرچە قەتلى قىلىندى. WuK<?1meN  
    شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل  پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ قاتىلىنى، توغرىسى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى، ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ قاتىلىنى تېپىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۈيۈك سودىيەنىڭ ئادالىتىگە تاپشۇرۇشنى مەقسەد قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئەپسۇسكى ئۇ ئاچقان دەۋا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك توسقۇنلۇقى بىلەن ئۈنۈمسىز تۈگەللەندى. ....... Jh+;+"  
    شۇڭىمىكىن بىز ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىن تەكلىماكان ئەھلىنىڭ جىددى تەشۋىشلىرى ۋە ئۈمۈت-ئىشەنچىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان بىر غېرىپ كۆينىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان ياڭراق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز. D,IT>^[^7  
    ياڭزىڭشىن (1914-1924) دەۋرىدىن باشلاپ، جىنشورىن (1924-1933)، شىڭشىسەي (1933-1944)، گومىنداڭ (1944-1949)، يېڭى جۇنگۇ (1949-) ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ چەتئەلدىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىنكى 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەكىنى  تۇرمىدا ئۆتكۈزگەن شائىرنىڭ تازا جاسارەتكە تولغان چاغلىرى قاراڭغۇ كامىرلاردا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتتى. *R6lK&  
    1980- يىلى كۈز ئايلىرىدا شائىرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن تۇرمىدىن بوشىتىلدى. 1982- يىلى 8- ئايدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەنىگە  بېغىشلىغان، كۆيىنى كۆيلەپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، يىغىسىنى يىغلاپ ئۆتكەن بۇ جاسارەتلىك ئىنسان ئۈرۈمچىدە، پويۇز ۋەقەسىدە ئۈزى ئۈچۈن ھاياتىدا كىچىككىنە خۇۋلۇق كۆرسەتمىگەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. \;7U:Y$v  
uEgR>X>  
ھىكمەتلىك سۆز
?+}Su'pv}  
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
سەبەب كىم ھەر بىرىنىڭ سەن ئۈچۈن سىرلىق نىشانى بار،
نە ئىشلار بولسەلەر ئويلاپ نىشانىغا ئەسىر دەپ بىل.
                                                   3,p!Fun:r  
                                                 *********************                                                 Luao?;|U  
>Tf}aI+  
ھەسرەتلىك مۇناجات
TQB)A9  
مەن ئىشەنگەن مىللىتىمدىن كۆرمۈدۈم ھىچ بىر ۋەفا،
باشىما كەلتۈردىلەر تۈرلى ئەلەم، ھەر خىل جەفا.
سەن ئۈزەڭ ئاسرا مېنى تەڭرىم ئۇلۇغ پەرۋەيدىگار،
تۈرلى ئاپەتۇ بالالاردىن بىھەققىل مۇستەفا.
`}Y)l:G*g  
*****************
 
شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى جايىمنى زىندان ئەيلىدى،
دەۋەرنىڭ ۋەزىيىتى ئەقلىمنى ھەيران ئەيلىدى. i[z 2'tx4  
ئۆزەىرىپ دۇنيا ھەمىشى، توختىماي بىر نۇقتىدا....، !gI0"p?  
داغ ھەسرەتلەر بىلەن كىملەرنى ۋەيران ئەيلىدى. M~zI;:0O  
كىمنى بىر خوش قىلسا ئارقىدىن قىلۇر يۈزمىڭ خاپا،
سائىتىدە مىڭنى تالان، بىرنى خەندان ئەيلىدى. ]t<=a6 <P  
                                    
                                              ئەزىزى 1943- يىل ئۈرۈمچى (4- تۇرمە)                                          
s8WB!x{t  
 ]]p\1G  
مەنبەسى: ئابدۇل ئەزىز مەخسۇمنىڭ (ھەسرەت) ناملىق شىئىرلار
توپلىمىدىن ئېلىندى. 2002- يىلى 8- ئاي 1- نەشرى.
M8H hjoo  
  

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئابدۇل ئېزىز مەخسۇم,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ

تېما ئادىرسى:
payhan
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 4064

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????18????
ئۆسۈش: 3.6%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 18
  شۆھرىتى: 29 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 280 يۈەن
  تۆھپە: 28 قېتم
  ياخشى باھا: 11 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2717سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-01-23
  كىرىشى: 2011-05-09

دەيدىغان گەپ تولا ، چىقىرىپ بولماس ... cY+fZ=  
قاغىلارنىڭ قاقىلدىشى ئۆز غېرىپلىغى ئۈچۈندۇر ... 9e.v[K~  
تۈننىڭ ئېنىرگىيەسى مەڭگۈلۈك بولماس ... I] +OYWp  
قايسى بىر قۇش توغرۇلۇق ئاڭلىغاندەك قىلغان ، جۇپتى ئۈلۈپ كەتسە مەڭگۈ قايتا <توي> قىلمايدىكەن دەپ ... تا ئۈزى ئۈلۈپ كەتكىچە جۇپتىنى ئەسلەرمىش ...