ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 230 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خوتەن ۋېلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى
arman
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 3881

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:قەلىبداش ?????????700????
ئۆسۈش: 7%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 700
  شۆھرىتى: 866 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 7494 يۈەن
  تۆھپە: 737 قېتم
  ياخشى باھا: 140 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2157سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-01-16
  كىرىشى: 2011-05-11
باش تىما  |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-07 15:09

خوتەن ۋېلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى

خوتەن ۋېلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى
G7GKO  
wpNb/U  
6/'X$}X  
u#V;  
gtY7N>e  
تەبىئىى بايلىق "cOBEhn%l  
    1.تەبىئى بايلىق   >h9~/  
    سۇ بايلىقى +,i_G?eX  
    خوتەننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتورا بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ،پۈتۈن تاغ گەۋدىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئىگىزلىگەن،مۇز تاغ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7282مېتىر ئېگىز بولۇپ خوتەندىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. قارا قۇرۇم تاغ ئېغىزىدىن كونكا تاغ ئېغىزىغىچە بولغان 170كىلومېتىر تاغلىق رايوننىڭ كۆپ قىسمى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ،ھازىرقى زامان مۇزلۇقى پەيدا بولغان ۋە جايلاشقان رايون .قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىدىكى مۇزلۇق ئاساسلىقى قاراقاش دەرياسىدىن كىرىيە دەرياسىغىچە بولغان 400كىلومېتىرلىق تاغلىق رايونغا مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تاغ مۇزلۇقى،قار سىزىقى ئېگىز،كۆلىمى چوڭ،ئېرىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .ئوتتۇرا كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى ئەڭ چوڭ يۇرۇڭ مۇزلىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 25 كىلومېتىر،كۆلىمى 251.7كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋىلايەت بويىچە مۇزلۇق كۆلىمى 11447كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ،شىنجاڭدىكى مۇزلۇق كۆلىمىنىڭ %43.9نى ئىگەللەيدۇ.مۇزلۇق سۇ زاپىسى 1تىرىليون 140مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ ،يەر ئۈستى سۈيىنى يىلىغا 1مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر تولۇقلايدۇ.بۇ يىللىق ئېقىم مىقدارىنىڭ %20نى ئىگەللەيدۇ. جەنۇبى تاغلىق رايوندىكى مۇزلۇق تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىنىڭ مەنبەسى،شۇنداقلا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. iH dX  
    خوتەن ۋىلايىتىدە شەرقتىن غەرىبكە قاراپ جايلاشقان ئەندىر دەرياسى ،نىيە دەرياسى،كىرىيە دەرياسى،چىرا دەرياسى،يۇرۇڭقاش دەرياسى،قاراقاش دەرياسى، سانجۇ دەرياسى، گۇما دەرياسى قاتارلىق كوئىنلۇن تېغى ۋە قارا قۇرۇم تېغىنى مەنبە قىلغان چوڭ -كىچىك 36 ئېقىن بولۇپ،يىللىق ئېقىم مىقدارى 7مىليارد 345مىليون كۇپ مېتىر. يۇرۇڭقاش،قارىقاش دەرياسى پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئېقىم مىقدارىنىڭ %61.2نى ئىگەللەيدۇ.ئىككى دەريا قوشلاشتا بىرلىشىپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ تارىم دەرياسىغا قۇيىلىدۇ. R(}!gv}s  
    خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەر ئۇستى سۈيىنىڭ يىللىق ئومۇمى ئېقىن مىقدارى 7مىليارد 345 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ ،ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەر ئاستى سۇ مىقدارى 3مىليارد246مىليون كۇپ مېتىر،ۋىلايەت بويىچە سۇ ئىنىرگىيە بايلىقىنىڭ نەزەرىيە زاپىسى 3مىليون 600مىڭ كىلوۋات ،ئومۇمى سۇ ۋادا كۆلىمى 1مىليون 40 مىڭ گېكتار بولۇپ،بېلىقچىلىقتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەم 4666.67 گېكتار،بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىلىۋاتقان كۆلەم  2864.2گېكتار. <8h3)$  
    يەر بايلىقى `$JOFLa  
   خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى كەڭ،يەر مەيدانى 24مىليون  927مىڭ گېكتار كېلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 11مىليون 102مىڭ گېكتار بولۇپ ،ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ %45.5نى،تۈزلەڭلىك 13مىليون گېكتار بولۇپ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ %55.5نى ئىگەللەيدۇ. تاغلىق كۆلىمى ئىچىدە 2مىليون 194مىڭ گېكتار يايلاق705،مىڭ گېكتار مۇزلۇق ۋە ئاز مىقداردا تېرىلغۇ يەر ئورمانلىقتىن باشقا ،%42يەر پايدىلانغىلى بولمايدىغان تاقىر سايلىق ،تۈزلەڭلىك ئىچىدە قۇملۇق 100مىليون 318مىڭ گېكتار بولۇپ ،%74.6نى ،سايلىق 2مىليون 67مىڭ گېكتار بولۇپ %15نى ،بوستانلىق كۆلىمى 9730كۋادرات كىلومېتر بولۇپ ،ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ %3.96نى ئىگەللەيدۇ. )wEXCXr!  
    خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زاپاس يەر بايلىقى 981 مىڭ گېكتار،بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك يەر 189مىڭ 700گېكتار بولۇپ،شورسىز،قۇرغاق، زىيانسىز ياكى زىيىنى چوڭ بولمىغان يەر ھېسابلىنىدۇ؛2-دەرىجىلىك يەر 154مىڭ600گېكتار بولۇپ شورلىشىش ،ساسلىق بولۇش،قۇملىشىش دەرىجىسى تۆۋەن يەر ھېسابلنىدۇ. 3-دەرىجىلىك يەر 149مىڭ 500گېكتار بولۇپ سۇپىتى بىر قەدەر ناچار بولغان ئوتتورا دەرىجىلىك شورلۇق،ساسلىق ،قۇملۇق يەر ھېسابلىنىدۇ. 4-دەرىجىلىك يەر 487مىڭ گېكتار بۇلۇپ،زاپاس يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش بويىچە ئايرىغاندا،416 مىڭ گېكتار يەر دېھقانچىلىققا باپ كىلىدۇ،317 مىڭ گېكتار يەر ئورمانلىققا باپ كىلىدۇ. Sl\EPKZD  
    ئىسسىقلىق ئېنېرگىيسى )"00fZL  
   خوتەن دۆلىتىمىزدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى بىر قەدەر مول بولغان رايون بولۇپ،شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ .قۇياشنىڭ ئومۇمى رادىئاتسىيەسى چوڭ بولۇپ ،تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يىللىق ئومۇمى رادىئاتسىيە مىقدارى 151.5-138.1كالورىيە كۋادرات سانتىمېتىر بولۇپ،چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.ئوخشاش كەڭلىكتىكى شىمالى جۇڭگۇ تۈزلەڭلىكى ۋە چاڭجاڭ دەرياسى ئوتتورا -تۆۋەن ئېقىم رايوندىن ياخشى.قۇياش ئومۇمى رادىئاتسىيىنىڭ جايلىشىشى مۇنداق:جەنۇبتىكى تاغلىق رايوننىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى شىمالدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى،تۈزلەڭلىك رايونلاردا توپا-چاڭ سەۋەبىدىن ئاتموسفېرانىڭ پاكىزە بولماسلىقنىڭ ئوخشىماسىقىغا ئاساسەن ،شەرىق تەرەپ غەربتىن چوڭ.6-9ئاي قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ،ئومۇمى رادىئاتسىيە مىقدارى ھەر كۋادرات سانتىمېتر يەرنىڭ61كالورىيە بولۇپ ،يىللىق ئۇمۇمى رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ %42.7 نى ئىگەللەيدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى3000-2470سائەت بولۇپ ،تۈزلەڭلىك رايوندا غەربتىن شەرىققە قاراپ تەدرىجى كۆپىيىدۇ. 6-،7- ئايلاردىكى يورۇتۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن،2-ئايدىكى ئەڭ ئاز،پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش نىسبىتى %60-%58ئىچىدە بولۇپ ئەڭ يوقىرى بولغاندا %84كە يېتىدۇ . ep l1xfr  
    خوتەن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئىللىق رايونلارنىڭ بىرى، تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6 سىلسىيە گىرادۇس. 9_6 ئايلاردا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بولىقىغا كىرگەندە ئىسسىقلىق مىقدارى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 سىلسىيە گرادۇسلۇق يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4200 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق، قىروسىز ئۈششۈك مەزگىلى (يەنى يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1- سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ياكى تەڭ تېمپېراتۇرا) 170_201 كۈنگىچە بولىدۇ. تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ فوتوسىنتېزىغا، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ قەنت تەركىبى ۋە كېۋەز غوزىسى ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئوخشاش تۇردىكى مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ رەڭگى قېنىق، ئوچۇق بولۇپ، سۈپىتى ئومۇمەن ئەسلى چىقىدىغان جايدىن ئېشىپ كېتىدۇ. يامغۇر ئاز، قۇرغاق بولۇپ تۈزلەڭلىك رايوننىڭ يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى 13.1-48.2مىللىمېتىرغا، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3137-2450 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ تۈرلۈك قاقلارنى قۇرۇتۇش ۋە پاختىنىڭ ئېچىلىشىغا، زىيانداش ھاشارات ئاپىتى يۈز بەرمەسلىككە پايدىلىق . <BdC#t:*L  
ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر 27F:-C~.9  
    خوتەندە ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ئاساسلىقى 21 خىلى بولۇپ، دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلىرىدىن ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، يىلپىزدىن ئىبارەت 4 خىلى بار. 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن بۆكەن، بۇغا، ئارقاردىن ئىبارەت 3 خىلى بار . 3-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن ئاق تۆش بۇلغۇن، ئاق بوغۇز بۆكەن، تاغ ئۆچكىسى، كۆكمەت، ئۇلادىن ئىبارەت 6 خىلى بار. يەنە چىلبۆرە، بۆرە، ھىمالايا سۇغۇرى، كۈلرەڭ قۇيرۇقلۇق توشقان، تاغ كەكلىكى، ياۋا توڭگۇز، قىزىل تۈلكە، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار. خوتەندە ياۋا ئۆسۈملۈك سىنىپىدىن 53 ئى، 193 تۇر، 348 خىلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى يەم-خەشەك قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەنە بىر قىسمى ئالاھىدە ئىقتىسادى ئۆسۈملۈكلەر، مۇقىم ئۆسۈملۈكلەر، يېگىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەنزىرە ئۆسۈملۈكلەر، دېھقانچىلىق دورا ئۆسۈملۈكلەر بار. مەسىلەن: توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، چاكاندا، رەۋەن، يۇلغۇن، گۇما قارا چايىر، شالاڭ چېچەكلىك يانتاق، جۈزگۈن، تېرىسكەن، قويانجىن قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن توشقان زەدىكىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ئىچىدىكى دورا ماتېرىياللىرى بازىرىدا نامى بار. ھازىر سۈنئىي يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق كەسپى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ. JmBMc }54  
    2.قېزىلما بايلىق _JKz5hSl  
    نېفىت تەبىئىي گاز $ Fy)+<  
    خوتەن دەرياسى تەبىئىي گازلىقىنىڭ يەر ئاستى زاپاس مىقدارى 61مىليارد 694 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازغىلى بولىدىغىنى 44 مىليارد 573 مىليون كۇب مېتىر. گاز ئىشلىتىش مىقدارى 172 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، گاز ئىشلەتكەنلەر 191 مىڭغا يېتىدۇ . ھازىر تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى تۈرىنىڭ ئومۇمى پىلانى تاماملاندى. خوتەن شەھىرىدە تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشلىنىۋاتىدۇ. لوپ، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىن سودىگەر چاقىرىلىۋاتىدۇ . \ov]Rn  
    كۆمۈر sBE@{w%  
    خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 200 مىليون توننا بولۇپ، ئاساسلىقى بۇيا ۋە دۇۋادىن ئىبارەت ئىككى كان رايونىغا جايلاشقان. كۆمۈر سۈپىتى ياخشى، يولى راۋان. پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ كۆمۈر ئېھتىياجى بىر مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. كۆمۈر ئېچىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. ھازىرقى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 500 مىڭ توننا بولۇپ، بۇيا كان رايونىدا 300 مىڭ توننىلىق كان قۇدۇقى ئىشلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇيا كان رايونىدىكى 2-نومۇرلۇق قۇدۇقتا 300 مىڭ توننىلىق كان قۇدۇقىنى ئېچىش لايىھىسى ۋە دۇۋا كان رايونىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش، نىيە كۆمۈر كان رايونىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش خىزمىتىمۇ باشلاندى. k6;pi=sYNW  
     ئاز ئۇچرايدىغان رەڭلىك مېتاللار ;~}!P7z  
    ھازىر بايقالغان ئاز ئۇچرايدىغان رەڭلىك مېتال كان تىزمىسى خوتەن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىن 140 كىلومېتىر شىنجاڭ- شىزاڭ 219 دۆلەت يولىنىڭ 487 چاقىرىملىق بۆلىكىدىكى قارىقاش دەرياسىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىغا جايلاشقان. سپودۇمېن كان تىزمىسىدىن 274 ئى بولۇپ، قىدىرىپ تەكشۈرۈلگىنى بىر، باھالانغىنى 15، لىتىي ئوكسىد زاپىسىدىن 62 مىڭ، رۇبىدىي ئوكسىد زاپىسىدىن تۆت مىڭ توننا بايقالدى. C+C1(b;1  
    خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى قېزىلما بايلىقى 46 خىل بولۇپ، 168 جايدىن چىقىدۇ. ئېچىپ پايدىلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، سىمۇنىت، ھاك تېشى، خوتەن قاشتېشى، تۇز كېنى، سېغىز، قۇم، تاش شېغىل قاتارلىقلار بار؛ ئېچىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قېزىلما بايلىقلاردىن تەبىئىي گاز، تەبىئىي گۈڭگۈرت، سىپودۇمېن ۋە ئاز ئۇچرايدىغان رەڭلىك مېتال قېزىلما بايلىقلىرى، گەج، تۆمۈر كان، ئاق چىرىمتال، ئالتۇن كان قاتارلىقلار بار؛ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئىزدەش قانات يايدۇرۇلىدىغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالماس، ھېقىق، جىنس مېتاللىرى.......قاتارلىقلار بار
E_xk8X~  
,`$2  
`ih#>i_ &  
مەنبە :http://eltaber.blogbus.com/logs/106805610.html

-سىز كۆرۋاتقان تىما خوتەن ۋېلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ

تېما ئادىرسى:
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
lukman
لوقمان'
دەرىجە: مەستانە ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 3906

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????350????
ئۆسۈش: 1%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 350
  شۆھرىتى: 387 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 3657 يۈەن
  تۆھپە: 367 قېتم
  ياخشى باھا: 30 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 192سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-01-17
  كىرىشى: 2011-05-11

بىلىۋالدىم ......رەھمەت

سەن ئىشىك ياپقۇچى ئەمەس ،بەلكى ئاچقۇچى بول